ئاشقازان راكى كۆپ كۆرۈلىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدۇر، مەملىكىتىمىزدە ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى باشقا ئۆسمە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. ئاشقازاندىكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە ئىچىدە، بەز راكى (腺癌) 95% نى ئىگىلەيدىغان بولۇپ بۇمۇ ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ھەزىم قىلىش يولىدا كۆرۈلىدىغان ئۆسمە. ئۇنى ھەتتا ئىنسانلاردا كۆرۈلگەن ئەڭ يامان ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئۆسمە دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئاشقازان راكىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈلمەيدۇ ياكى ئىنتايىن ئاجىز ئاغرىق ئالامىتى بولىدۇ. بىراق روشەن كلىنىكىلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلىغاندا بولسا، كېسەللىك ئاللىبۇرۇن پىشىپ كەتكەن بولىدۇ. شۇڭلاشقا، ئاشقازان راكىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىغا ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولۇپ ۋاقتىدا بايقاش كېرەك.

بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەر تۆۋەندىكىدەك بەش خىل سىگنالغا ئېتىبارسىز قارىماسلىقى كېرەك:
1. قورساقنىڭ يۇقىرى قىسىمى ئاغرىش: بۇ ئادەتتە ئاشقازان راكىنىڭ ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئالامىتى. دەسلەپتە ناگان ناگاندا يوشۇرۇن ئاغرىيدۇ، ئادەتتە كۆپ ھاللاردا ئاشقازان ياللۇغى ياكى يارىسى دەپ خاتا دىئاگنوز قويۇلۇپ قالىدۇ.
2. قورساقنىڭ يۇقىرى قىسىمى بىئارام بولۇش: كۆپۈپ كەتكەندەك ياكى كۈيۈۋاتقاندەك ھېسياتتا بولىدۇ. بەزىدە توختايدۇ، يەنە ئارىلاپ قوزغىلىپ قالىدۇ.
3. ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، كۆپ كېكىرىش: ئاشقازان كېسىلى بىمارلىرىدا كۆپىنچە شۇنىڭدەك ئالامەتلەر بولىدۇ.

ئاشقازان راكى كۆپ كۆرۈلىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدۇر، مەملىكىتىمىزدە ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ب
ئاق ياقىلىق خىزمەتچى، غوللۇق خادىم ۋە زىيادە قابىلىيەتلىك ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسىدا تۆۋەندىكى ئۈچ مەسىلە
ھاياتلىق گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، ئامېرىكا چىكاگو غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېڭىدىن
ھازىر، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر يېڭى بىر خىل چېنىقىش ئۇسۇلى بولغان پەلەمپەيدىن چىقىپ-چۈشۈشنى سىناپ كۆرمەكتە. 10
تۆۋەندىكى ئىش-ھەرىكەتلەر ئەرلەردىكى ئۇرۇق سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ، ئاجىزلىشىشىغا ھەتتا ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدۇ.
تۆۋەندىكى ئەتراپىمىزدىنلا تېپىلىدىغان يېمەكلەر ئەرلەردىكى بۆرەك ئاجىزلىقى ۋە بۆرەك ئاجىزلىقىدىن بولغان
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号