ھاراق تاماكىغا يېقىن كەلمەيدىغان ئادەم قانچە ئۇزۇن ياشىيالايدۇ؟
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 72519:ئادەم ئۆگەندى
   نۇرغۇن ئەرلەرنىڭ تاماكا چىكىدىغان ۋە ھاراق ئىچىدىغان ئادىتى بار. ئىنسانلارنىڭ تاماكا ھاراق ئىچىش تارىخى ئىنتايىن ئۇزۇن بولۇپ، قەدىمدە ھازىرقىغا ئوخشاش تاماكا زاۋۇتلىرى بولمىغاچقا، كىشىلەر بىۋاستە تاماكا يۇپۇرمىقىنى چىكەتتى. ھاراق بولسا، يەرلىك ئۇسۇلدا ئېچىتىلغان ھاراقلار ئىدى.
   ھاراق ۋە تاماكىنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ھەممەيلەن كۆڭلىدە ئىنىق بىلىدىغان بولۇپ، ھاراق تاماكىنى ئادەمنىڭ ساغلاملىقىغا ۋە ئۆمرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ سەۋەپلىك نۇرغۇن كىشىلەر، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ مەجبۇرلىشى ئاستىدا، ھاراق تاماكا تاشلىماقچى بولىشىدۇ. بىراق، ھاراق-تاماكىنى تاشلىماق ئىنتايىن تەس بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر ئوڭۇشلۇق ھالدا تاشلىغان بىلەنمۇ، ئەمما ئادەم يوق يەردە يەنە ئوغۇرلۇقچە ئىچىپ چىكىدۇ.
   ئۇنداقتا نەخ گەپكە كەلسەك، ھەممەيلەن ھاراق-تاماكا ئادەمنىڭ ساغلاملىقىغا ۋە سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارايدۇ. ئۇنداقتا، ئەگەر بىر ئادەم ھاراق ئىچمىسە ۋە تاماكا چەكمىسە، ئەڭ كۆپ بولغاندا قانچە ئۇزۇن ياشىيالايدۇ؟ تەتقىقات نەتىجىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھاراق ئىچمەيدىغان ۋە تاماكا چەكمەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلىشى ناتايىن بولسىمۇ، ئەمما بىر ئادەمنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش كۆرمەسلىكى، ئۇلارنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاندىن باشقا، سىرتقى ئامىللار بىلەنمۇ ھەقىقەتەن زور باغلىنىشلىق ئىكەن.
   ئىلمى تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، بىر ئادەم ئەگەر ئۆمۈر بويى ھاراق ئىچمەي ۋە تاماكا چەكمەي ئۆتسە، ئۇنداقتا ئاز دىگەندىمۇ ئون يىل ئارتۇق ئۆمۈر كۆرەلەيدىغان بولۇپ، ھاراق ئىچمەيدىغان ۋە تاماكا چەكمەيدىغان كىشىلەرنىڭ 85ياشتىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرگەن مىساللار ئىنتايىن كۆپ ئىكەن.
   بىراق، ھاراق تاماكا تاشلاشتا، تاماكا تاشلاش نىسبەتەن ئاسان، پەقەت ئىرادىڭىز يىتەرلىك كۈچلۈك بولسىلا تاشلاپ كەتكىلى بولىدۇ. بىراق، ھاراق تاشلاش نىسبەتەن ئاسانغا توختىمايدۇ. ھازىر ھاراقنىڭ رولى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، تۇرمۇشتا نۇرغۇن جەھەتلەردە ھاراقتىن ئايرىلالمايمىز؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر، ئىجتىمائى ئالاقە سورۇنلىرىدا ھاراق ئاساسەن كەم قالمايدۇ. ئەمما، ھاراق بەدەنگە پۈتۈنلەي زىيانلىقمۇ ئەمەس بولۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا ھاراق ئىچىشنىڭ، بەدەنگە بەلگىلىك پايدىلىق تەسىرى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىم بولغىنى، ھاراقنى ئۈزۈپ تاشلاش ئەمەس، بەلكى مىقدارنى لايىقىدا كونتىرول قىلىشتۇر.

ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەر ئاشقازان راكىدىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك

ئاشقازان راكى كۆپ كۆرۈلىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدۇر، مەملىكىتىمىزدە ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ب

ئەرلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش!!!

ئاق ياقىلىق خىزمەتچى، غوللۇق خادىم ۋە زىيادە قابىلىيەتلىك ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسىدا تۆۋەندىكى ئۈچ مەسىلە

دادا بولغاندىن كېيىن كۆرۈلىدىغان 5 ئۆزگىرىش

ھاياتلىق گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، ئامېرىكا چىكاگو غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېڭىدىن

چېنىقىشتىكى يېڭى مودا - پەلەمپەيدىن چىقىش

ھازىر، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر يېڭى بىر خىل چېنىقىش ئۇسۇلى بولغان پەلەمپەيدىن چىقىپ-چۈشۈشنى سىناپ كۆرمەكتە. 10

ئەرلەردىكى ئۇرۇقنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدىغان ئىشلار

تۆۋەندىكى ئىش-ھەرىكەتلەر ئەرلەردىكى ئۇرۇق سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ، ئاجىزلىشىشىغا ھەتتا ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدۇ.

بۆرەك ئاجىزلىقىغا مەنپەت قىلىدىغان 10 ئاددىي غىزا

تۆۋەندىكى ئەتراپىمىزدىنلا تېپىلىدىغان يېمەكلەر ئەرلەردىكى بۆرەك ئاجىزلىقى ۋە بۆرەك ئاجىزلىقىدىن بولغان

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号