بۇ بەش تۈردىكى ھامىلدار ئاياللارنىڭ بالىسى ئەقىللىق تۇغۇلىدۇ
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8189:ئادەم ئۆگەندى
   ھامىلدار ئاياللارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر خىل ئويى بار: قانداق قىلغاندا ئەقىلى ئىقتدارى تېخىمۇ يۇقىرى بالا تۇغقىلى بولىدۇ؟ ئەمىلىيەتتە بالىڭىزنى تېىخىمۇ ئەقىللىق تۇغۇلسۇن دىسىڭىز، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى جەھەتتىكى تۇغۇلما ئىرسىيەت ئارتۇقچىلىقىدىن باشقا، تۆۋەندىكى بەش تۈردىكى ھامىلدار ئاياللار تۇغقان بالا، ئادەتتە تېخىمۇ ئەقىللىق كىلىدۇ.
1. دېڭىز بىلىقلىرىنى يىيىشنى ياخشى كۆرىدىغان ھامىلدار ئاياللار
    نۇرغۇن بېلىق تۈرىدىكى يىمەكلىكلەردە، بولۇپمۇ چوڭقۇر دېڭىز رايونلىرىدىكى بېلىق تۈرىدە، ئىنسانلارنىڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىگە پايدىلىق بولغان "DHA" ماددىسى بار؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ھەمىشە بېلىق ياكى باشقا تۈردىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى يىيىشنى ياخشى كۆرىدىغان ھامىلدار ئاياللارنىڭ تېخىمۇ ئەقىللىق بولغان بالا تۇغۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا ھامىلدار ئاياللار بېلىق تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى ئىمكان قەدەر كۆپرەك يەپ، ھامىيلىنىڭ مىڭە يىتىلىشىگە كىرەكلىك ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ يىتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كىرەك.
2. ھەرىكەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان ھامىلدار ئاياللار
    ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئاياللار مۇۋاپىق تۈردە ھەرىكەت قىلىشنى ئىزچىل تۈردە داۋاملاشتۇرسا، ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، بالىنىڭ بەدەن ساپاسىنىڭ يۇقىرى تۇغۇلۇشىغىمۇ پايدىسى بار. بۇندىن باشقا، ھامىلدار ئاياللار دائىم ھەرىكەت قىلىپ بەرگەندە، بوۋاقنىڭ مىڭە نىرىپچىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرەلەيدىغان بولۇپ، بۇنداق بوۋاقلار تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ مىڭە نىرىپچىلىرى ئىنتايىن مول كىلىدۇ،  بۇ بالىلارنىڭ ئەقىللىق بولۇشىنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، جىسمانى شارائىتى يول قويغان ئەھۋال ئاستىدا، ھامىلدار ئاياللار ھەركۈنى مۇۋاپىق تۈردە ھەرىكەت قىلىپ، بەدەن ساپاسىنى كۈچەيتىشنى داۋاملاشتۇرۇشى كىرەك.
3. ھامىلدارلىق مەزگىلىدىمۇ خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان ھامىلدار ئاياللار
    نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللار، ھامىلدار بولغاندىن كىيىنلا ئىشتىن توختاپ ئۆيىدە ئارام ئېلىشنى تاللايدۇ؛ ئەمىلىيەتتە بۇنىڭ ھامىلدار ئايالنىڭ ئۆزىگە ۋە قورسىقىدىكى بالىغا ھېچقانداق پايدىسى يوق. چۈنكى خىزمەتتىن توختىغاندىن كىيىنلا، ھامىلدار ئايالنىڭ تۇرمۇشى ئىلگىرىكىدەك تەرتىپلىك بولالمايدۇ؛ بۇندىن باشقا يەنە، خىزمەتكە بارمىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش چەمبىرىكى كىچىكلەپ، مىڭىسىنى ئىشلىتىپ مەسىلىلەرنى مۇلاھىزە قىلمايدۇ، تېخى بەلكىم نۇرغۇن ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ تۇرغا چىقىشى ۋە تېلىۋىزور كۆرۈشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا، ھامىلدار ئايالنىڭ مىڭىسى ھەمىشە توختاپ قالغان ھالەتتە تۇرىدىغان بولغاچقا، قورسقىدىكى بوۋاقنىڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىدىمۇ قىسقا مەزگىللىك توختاپ قېلىش كۆرۈلىدۇ. شۇڭلاشقا، ھامىلدار ئاياللار بالىسىنى ئەقىللىق تۇغۇلىشىنى ئويلىسا، شارائىت يار بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا، ھامىيلىگە 7-6 ئايلىق بولغۇچە خىزمەتتىن قالماسلىقى كىرەك.
4. تەمكىن مىجەز ھامىلدار ئاياللار
    بوۋاقلارنىڭ ئەقىللىق تۇغۇلۇشى، ئەمىلىيەتتە ئانىسىنىڭ ھامىلدار ۋاقتىدىكى كەيپىياتى بىلەن زور مۇناسىۋەتلىك؛ ئەگەر ھامىلدار ئاياللار ھەمىشە ئازراق خاپا بولۇپ قالسىلا قالايمىقان ئاچچىقلىنىپ كەتسە، قورساقتىكى بالىنىڭ مىجەز-خارەكتىرىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ. بۇندىن باشقا، ناچار كەيپىياتتا بولۇش ياكى كۆڭلىنى خاپا تۇتۇش، قورساقتىكى بالىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، ھامىيلىنىڭى مىڭە نىرۋىلىرىنى ئاسانلا غىدىقلاشقا ئۇچرىتىدۇ. شۇڭا ھامىلدار ئاياللار ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە خۇشال ھەم تۇراقلىق تۇتۇشى كىرەك.
5. ئۇزۇقلۇق قۇبۇل قىلىشى تەڭپۇڭ بولغان ھامىلدار ئاياللار
     ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئاياللارنىڭ ئىشتىھاسىدا ئۆزگىرىش پەيدا بولۇپ، تاماق يىگۈسى كەلمەيدىغان ياكى تاماق تاللايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى بالىسىنى ئەقىللىق تۇغۇلسۇن دىسە، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى قوبۇل قىلغان ئۇزۇقلۇقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يىمەك-ئىچمىكىنى مۇۋاپىق تۈردە ماسلاشتۇرۇشى كىرەك. مەسىلەن، ھەركۈنلىكى مۇقىم مىقداردا مىۋە-چىۋە ئىستىمال قىلىش، يىڭى كالا سۈتى ئىچىش، گۆش ۋە پۇرچاق تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنىڭ ھەممىنى ئازراقتىن يەپ بىرىش كىرەك.  قورساقتىكى ھامىيلە ئانىسىدىن يىتەرلىك مىقداردا ئۇزۇقلۇق قوبۇل قىلالىغان ۋاقىتتىلا ئاندىن ئۆزىنىڭ تېخىمۇ ساغلام بولۇشىغا ھەمدە تۇغۇلىشىغىلا ئەقىللىق بوۋاقلاردىن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ.

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدۇ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تورغا چىقىپ بۇ بىر جۈملە سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز، شۇھام

ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشتا بۇ ئامىللارنى ئويلاشتىڭىزمۇ

دۆلىتىمىز ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋىتىلگەندىن كىيىن، 70،80،90-يىللىرى تۇغۇلغان كىشىلەر توپىنىڭ ھەرخىل ئىنكاس

ئاتا-ئانىلار بۇ جەھەتلەردىكى تەربىيەسى بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ

ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئوخشاشمايدىغان بولۇپ، بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغىنى ئۆگىنىش نەتىجىسى ئەمەس، بەلكى ب

بالىلارنىڭ كىم بىلەن بىرگە ئۇخلىشى ئۇلارنىڭ خۇلقىنى بەلگىلەيدۇ

بالىلار ئۈچ ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن كىم بىلەن ئۇخلىسا شۇنىڭغا بەكرەك ئامراق كىلىدۇ ھەمدە شۇنىڭ ھەرىكەت ئادەتلىرى ۋە خارەكتىر ئالاھىدىلىكى

بوۋاق تۇغۇلۇپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ ئۈچ ئىشنى تۈگىتىش كىرەك

ئائىلىگە يىڭى بىر ھاياتلىق كۆز ئېچىشى، ئاتا-ئانسىنى خۇشال قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ. نۇرغۇن ئانىلار گەرچە بۇ پەيتتە چارچاپ ھال

بالىلارنىڭ ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان ئۇسۇللار

بەزى بوۋاقلارنىڭ تىنى ئاجىز بولۇپ، ھاۋا ئازراق سۇۋۇپلا قالسا قىزىپ زۇكامداپ قالىدۇ؛ ئەمما دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتسە، بالىدا چ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号