تۇغۇت تىلغا ئېلىنسا، نۇرغۇن ئانىلارغا بىر تىتىرەك ئولىشىدۇ؛ چۈنكى، تۇغۇتنىڭ ئالدىدىكى تولغاق، ھامىلدار ئايالنى بەك قىينىۋىتىدۇ. ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئەڭ يۇقىرى دەرىجە 12-دەرىجىگە يىتىدىكەن. بىراق، بۇ دۇنيا ئەسلىدىنلا ئىنتايىن ئادىل بولۇپ، ھامىلدار ئايالنىڭ تارتقان تولغاق ئازابى، مۇناسىپ جاۋاپقا ئىرىشىدىغان بولۇپ، تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى ئىنتايىن كۆپ.

ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇتتىن كىيىن ئەسلىگە كىلىشگە پايدىلىق
كۆپچىلىككە مەلۇملۇق بولسا كىرەك، چىللە خۇنى(恶露)نىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىلىشى ئىنتايىن مۇھىم. تىبابەت نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پەقەت ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنىدىكى چىللە خۇنى پۈتۈنلەي بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىلىپ بولغاندىن كىيىن، تۇغۇتلۇق ئايال ئاندىن ئەڭ ياخشى ھالدا ئەسلىگە كەلگەن ھىسابلىنىدۇ. ھامىلدار ئايالدا تۇغۇتنىڭ ئالدىدا تولغاق كۆرۈلىشى، ئەمىلىيەتتە، بالىياتقۇنىڭ يېغىلىشى سەۋەبىدىن بولىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق ھامىلدار ئايال بەدىنىدىكى چىللە خۇنىنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىلدار ئايالنى تۇغۇتنىڭ ئالدىدا توختىماي تولغاق تۇتسا، بۇ ئۇلارنىڭ تۇغۇتتىن كىيىنكى ئەسلىگە كىلىشىگە ئىنتايىن پايدىلىق بولىدۇ.

بالىنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولىدۇ
ئالدىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنگە ئوخشاش، ھامىلدار ئايالدىكى تولغاق، بالىياتقۇنىڭ تارىيىپ يېغىلىشى سەۋەبىدىن بولىدۇ. ئادەتتە، تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ ھامىيلىگە نىسبەتەن پايدىسى ئىنتايىن زور بولىدۇ؛ چۈنكى، بالا تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن ئىزچىل تۈردە ئانىسىنىڭ بالىياتقۇسىغا جايلاشقان بولۇپ، ھامىلدار ئايالدىكى تۇغۇت ئالدىدىكى بالىياتقۇنىڭ تارىيىپ يېغىلىشى نەتىجىسىدە، بالىياتقۇدىن ئاستاغىنا ئېغىزدىن بىرسى ئېچىلىدۇ؛ كەينىدىن، ھامىلدار ئايالنىڭ بالىياتقۇسىنىڭ تارىيىپ يېغىلىشى ۋە تۇغۇت يولىنىڭ ئەكىس تەسىر كۈچىنىڭ رولى ئاستىدا، ھامىيلىنى ئاستاغىنا سىرتقا قارىتىپ ئىتتىرىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق بالىنىڭ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلىشىغا ياردەم قىلىدۇ. كۆپچىلىككە مەلۇملۇق، ئوڭۇشلۇق ھالدا تەبىئى تۇغۇلغان بالا، باشقا بالىلارغا قارىغاندا بەدەن سۈپىتى ياخشى كىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىلدار ئايالدىكى تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ، بالىنىڭ ساغلاملىقىغا بولغان پايدىسى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ.

بالىنى تۇغۇلغاندىن كىيىن نەپەسلىنىش يولى كىسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشتىن ساقلايدۇ
ھامىلدار ئايالنىڭ بالياتقۇسىنىڭ توختىماستىن تارىيىپ يېغىلىشى نەتىجىسىدە ۋە تۇغۇت يولىدىن ئۆتۈش جەريانىدا، ھامىيلە بەلگىلىك دەرىجىدە بېسىمغا ئۇچرايدۇ؛ بۇ خىل بېسىم بالا بەدىنىگە تەسىر كۆرسەتكەن ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ ئۆپكىسى ۋە كۆكرەك قىسمىنى چېنىقتۇرۇپ، بالىنىڭ تېخىمۇ تىز سۈرئەتتە نەپەسلىنىش تاكتىكىسىنى ئىگەللىشىگە پايدىلىق بولىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك نىسبەتەن ياخشى بولغان ئۆپكە ئىقتىدارىغا ئىگە بولالايدۇ. يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، نۇرغۇنلىغان نەپەسلىنىش يولى كىسەللىكلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆپكە قىسىم ئامىللىرى سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدىغان بولۇپ، بالىلارنىڭ ياخشى بولغان ئۆپكە ئىقتىدارى، بالىلارنىڭ تۇغۇلغاندىن كىيىن نەپەسلىنىش يولى جەھەتتىكى كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ.