ھامىلدار ئاياللارنىڭ قىش پەسىللىك يىمەكلىك جەھەتتىكى پەرھىزلىرى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7923:قېتىم كورۇلدى
      ھامىلدار ئاياللار ئۇزۇقلۇق تولۇقلىشى كىرەك، ئەمما قالايمىقان تولۇقلاشقا بولمايدۇ؛ بولۇپمۇ كۈز ۋە قىش پەسىلدىكى يىمەكلىك ئىستىمالىدا تۆۋەندىكى بىر نەچچە نوقتىلارغا دىققەت قىلمىقى لازىمدۇر.
1. بىراقلا زور دەرىجىدە تۇلۇقلاش ئېلىپ بېرىشقا بولمايدۇ.
    نەچچە ئاي ئۇزۇنغا سوزۇلغان تومۇز ياز كۈنلىرىدە، كىشىلەر سوغۇق ئىچىملىك ۋە يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئسىتىمال قىلغانلىقتىن، كۆپ قىسىم كىشىلەردە ئاشقازان-ئۆت فونكىسىيىسى ئاجىزلىشىپ كىتىدىغان ھادىسىلەر كۆرۈلىدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك كۈز ۋە قىش پەسىللىرىدە بىراقلا كۆپ مىقداردا ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاش ئېلىپ بېرىشقا بولمايدۇ. ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاشنى باشلاشنىڭ ئالدىدا بىر بۆلەك ئۆتكۈنچى مەزگىل بار بولۇش كىرەك، بۇنىڭدا بەدەن فونكىسىيىسى تەڭشىلىپ ماسلىشىشقا ۋاقىت بار بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئالدى بىلەن بەزىبىر ئۇزۇقلۇق تەركىبى مول، مايسىز ھەم ئاسان ھەزىم بولىدىغان يىمەكلىكلەرنى يىيىش ئارقىلىق ئۆتكۈنچى مەزگىلدىن ئۆتۈۋالساق بولىدۇ.
2. كۆپ مىقداردا شوخلا يىيىشتىن ساقلانماق لازىم.
    شوخلىنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، گەرچە ئۆپكىگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش ئىقتىدارى بار بولسىمۇ، ئەمما كۆپ يەۋالغاندا قەۋزىيەت پەيدا قىلىپ قويىدۇ. ھامىلدار ئاياللار شۇنىڭغا دىققەت قىلمىقى كىرەككى، ھەركۈنلىكى ئىككىدىن ئارتۇق شوخلا ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ ھەمدە ئاچ قورساققا ۋە قىسقۇچپاقا بىلەن تەڭ ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ. بۇندىن باشقا نەشپۈت، بانان، ئەنجۈر قاتارلىق تەبىئىتى سۇغۇق بولغان مىۋىلەرنى ئاز يىيىش لازىم.
3. زىيادە مايلىق يىمەكلىكلەرنى يىمەسلىك لازىم.
    كۈز-قىش كۈنلىرى، كىشىلەر گۆش-كاۋاپ يىيىش ئارقىلىق بەدەنگە قۇۋۋەت تۇلۇقلاشقا ئادەتلەنگەن؛ بىراق بۇ خىل ئۇسۇل ھامىلدار ئاياللارغا ماس كەلمەيدۇ. ھامىلدار ئاياللار ئەسىلىدىلا مايلىق يىمەكلىكلەر بىلەن قاملىشالمايدۇ، بولۇپمۇ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچار بولغان ئاياللار، مايلىق تاماقلارنى يىيىشتىن چوقۇم ساقلىنىشى كىرەك، بولمىغاندا ئىشتىھا تۇتۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش كىرەك. ھامىلدار ئاياللار بۇ مەزگىلدە مۇۋاپىق تۈردە يىڭى كۆكتاتلارنى ئسىتىمال قىلىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ بەرسە بولىدۇ.
4. دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى يىيىشتىن ساقلىنىش لازىم.
     نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللار دېڭىز مەھسۇلاتلىرى يىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بىراق ھامىلدار ئاياللار دېڭىز مەھسۇلاتلىرىدىن ئىمكان قەدەر يېراق تۇرۇشى كىرەك، بولمىغاندا ھامىيلە چۈشۈپ كىتىش ئىھتىماللىقى تۇغۇلۇپ قالىدۇ.

بوۋاقلارنىڭ دۈم يېتىشىنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

دۈم ياتقان ۋاقىتتا، بوۋاقلار ئۆزىنى تىرەپ كۆتۈرۈگەندە، ئاندىن ئانىسىنى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى كۆرەلەيدۇ؛ بۇ جەرياندا، بوۋاقنىڭ باش قىس

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号