قانداق قىلغاندا ياخشى ئانا بولغىلى بولىدۇ؟
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 10477:قېتىم كورۇلدى

1. ئىچكى دۇنياسىنى تۇراقلىق ھالەتتە تۇتۇش
    ئانىلارنىڭ ئادەتتە "كۆزى ئۆتكۈر" كىلىدۇ، بالىلىرىدا بىرەر مەسىلە كۆرۈلسە شۇھامانلا بايقىۋالىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا كۆپىنچە ئانىلار بالىلىرىدا كۆرۈلگەن مەسىلىنى دەرھال كۆرسىتىپ بىرىدۇ ھەمدە قايتا-قايتا تەكىتلەيدۇ، بەزى ئانىلار ھەتتا باشقىلارنىڭ ئالدىدىلا بالىسىنىڭ يىتەرسىزلىكلىرىنى ئېچىپ سۆزلەيدۇ؛ بۇنداق قىلىش، ئەمىلىيەتتە توغرا ئەمەس.
    ئانىلار بالىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ياكى كەمچىلىكىنى بايقىغان ۋاقتىدا، ھۇدۇقماسلىقى ۋە دەرھال سىرتقا ئىپادىلەپ چىقىرۋەتمەسلىكى كىرەك. ئۇنداقتا بۇ نىمە ئۈچۈن؟ چۈنكى بالىلار ئانىسىنىڭ ياخشى ھەم تۇراقلىق بولغان كەيپىياتى بىلەن ئۇلارغا تەربىيە بىرىشىگە ۋە ئولارنى قوغدىشىغا مۇھتاج؛ ئانا بالىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ياكى كەمچىلىكىنى بايقىغاندىن كىيىنمۇ چاندۇرۇپ قويماي ئۆتۈپ كىتەلىگەن ۋاقتىدىلا، ئاندىن بالىسىغا ئىچكى دۇنياسىدىكى ئۆسۈپ-يىتىلىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بىرەلەيدۇ.
    ئانىنىڭ كەيپىياتى تۇراقلىق بولمىسا، پۈتكۈل ئائىلىدە بۇنىڭغا ئەگىشىپ داۋالغۇش كۆرۈلۈدىغان بولۇپ، بالا ئانىدىن ئىبارەت بۇ كىمىنىڭ ئىچىدە ياشايدىغان بولغاچقا، كۆرۈلگەن كىچىككىنە بىر شەپىلەرمۇ بالىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ تۇراقلىقىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ؛ بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، بالا ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى جىددى كەيىياتىنى تىنچلاندۇرۇش ئۈچۈنلا نۇرغۇنلىغان ئىنىرگىيە سەرپ قىلىۋىتىدۇ دە،  ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە ئۆزمەننىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە كۆپ ئىنىرگىيە قالمايدۇ.
2. خارەكتىرى ئاجىزراق بولۇش
    ئانا بالىسىنىڭ ئالدىدا خارەكتىرىنى "ئاجىزراق" تۇتۇشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك. خارەكتىرى كۈچلۈك ئانىنىڭ بالىسىنىڭ ئۆزىگە ئىشەنچىسى بولمايدۇ، بالىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى، ئانىسىنىڭ بۇ خىل روھى ھالىتى ئىچىدە ئاز-ئازدىن خوراپ تۈگەيدۇ. بالىسىنىڭ ئالدىدا ئاجىز خارەكتىر ئىپادىلىيەلەيدىغان ئانىنىڭ بالىسى چوقۇم ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ھەم قەيسەر كىلىدۇ. بالىنىڭ ئالدىدا ئاجىزلىقنى ئىپادىلەش، ئۇنى كۆتۈرگەنگە تەڭ بولۇپ، خارەكتىرى كۈچلۈك كەلگەن ھەمىشە بالىسىدىن ئۈستۈن تۇرۇشنى ئويلايدىغان ئانىنىڭ بالىسى، تەبىئىلا تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ ھەمدە ئاخىرى بېرىپ تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇشقا رازى بولىدىغان، رىقابەت ئېڭى يوق ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ يوق بولۇپ قالىدۇ؛ بەزى بالىلار ھەتتا تەتۈرلۈك ھەم ئاسىيلىق خارەكتىرى، ۋەيران قىلىش خارەكتىرىنى قوغلىشىش ئارقىلىق ئۆزىدىكى غەلىتە شەكىللىك ئۆسۈپ-يىتىلىشنى تاماملايدۇ.
3. مىھرىبان بولۇش
     بىر ئانىنىڭ ھەقىقى كۈچى، ئۇنىڭ مىھرىبانلىقىدۇر؛ يەنى ئانىنىڭ مۇلايىم، چىقىشقاق كىلىشى بولۇپ، ئەر-خوتۇن، ئاكا-ئۇكا، يەڭگە-كىلىن، چوڭ-كىچىك ئائىلە دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئانىنىڭ بۇ خىل مۇلايىملىقى ۋە چىقىشقاقلىقى سەۋەپلىك ئىناقلىق ھالىتىگە ئۆزگىرىدىغان بولۇپ، ئادەمگە دېڭىزدەك كەڭرى كەتكەن مىھرى-مۇھەببەت تۇيغۇسى بىرىدۇ؛ مانا بۇ خىل ھالەت بالا ئۆسۈپ يىتىلىدىغان كەڭرى زىمىن بولۇپ، بالىغا نىسبەتەن، بۇنداق ئانىنىڭ ئوبرازى قانۇنىيەت، ئېيتقان سۆزلىرى يۆنىلىش بولىدۇ. ئانا ئەگەر ئەكسىچە، ھەمىشە بالىنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ-بۇنىڭدىن نارازى بولۇپ، ۋاقىراپ-جاقىراپ ياكى ئەتىگەندىن كەچكىچە ئۇچۇق چىراي ئاچماي يۈرسە، بۇنداق ھالەت بالىدا بۇ دۇنيادا ئارامبەخىشلىككە تولغان ھېچقانداق بىر يەر يوقتەك تۇيغۇ پەيدا قىلىپ قويىدۇ؛ بۇنداق بالىلار قەلبىدىكى نىشاننى يوقىتىپ قويىدۇ، ئانىمۇ ھېچقانداق يىتەكلەش رولى يوق بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، كەيپىياتى تېخىمۇ ناچارلىشىپ كىتىدۇ.
     پىسخىلوگىيە بىزگە شۇنى ئېيتىپ بىرىدۇكى، بالىلارنىڭ مەسىلىسى ئاساسلىقى كەيپىيات مەسىلىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشىنىڭ ياخشى بولالماسلىقى، كۆپىنچە ھاللاردا ئۇلارنىڭ قەلبىنىڭ پاسسىپ كەيپىياتلار تەرپىدىن چىرمىۋىلىنغانلىقىدا بولىدۇ، ئەقلى ئىقتىدارى جەھەتتىكى سەۋەپ ئەكسىچە ئىنتايىن ئاز نىسبەتنى ئىگەللەيدۇ. ئاتا-ئانىلار قەلبىدىكى تەشۋىشلىنىش ۋە چۇسلۇق، بالىلاردا ئۆگىنىش مەسىلىسى بار بولۇشقا قارىغاندا تېخىمۇ قورقۇنچلۇق بولۇپ، پەقەت بالىلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى تىنچ ھالەتنى ساقلىيالىغاندىلا، ئۇلار ئاندىن قوبۇل قىلىش، توپلاش، ئىدراكلىق تەپەككۇر يۈرگۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالايدۇ ھەمدە يېراقنى كۆرۈش، بايقاش، ئىجادىيلىك قاتارلىق ئىقتىدارلارنى يىتىلدۈرۈپ، ھەقىقى تۈردە مۇنەۋۋەر بولۇپ ئۆسۈپ يىتىلەلەيدۇ.

بوۋاقلارنىڭ دۈم يېتىشىنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

دۈم ياتقان ۋاقىتتا، بوۋاقلار ئۆزىنى تىرەپ كۆتۈرۈگەندە، ئاندىن ئانىسىنى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى كۆرەلەيدۇ؛ بۇ جەرياندا، بوۋاقنىڭ باش قىس

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号