قىزىتما دىگەن نىمە؟ ئادەم نىمە ئۈچۈن قىزىيدۇ؟
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 9140:قېتىم كورۇلدى

قىزىتما دىگەن نىمە؟ نەچچە گىرادوستا ئادەم قىزىپ قالغان بولىدۇ؟
    قىزىتمىنىڭ ئىنىقلىمىسى: بەدەن ئورگانىزىمىنىڭ قىزىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مەنبەسىنىڭ تەسىرى ئاستىدا، بەدەن تىمپىراتۇرسىنى تەڭشىگۈچى مەركىزى نىرۋا سېستىمىسىنىڭ بەلگىلىگەن مۇقىم تىمپىراتۇرا نوقتىسىنى يۇقىرىغا تەڭشەش نەتىجىسىدە كىلىپ چىققان بەدەن تىمپىراتۇرسىنىڭ تەڭشەش خارەكتىرلىك يۇقىرى ئۆرلىشىنى كۆرسىتىدۇ. قىزىتما ئادەتتە يۇقۇملىنىش خارەكتىرلىك قىزىتما ۋە غەيرى يۇقۇملىنىش خارەكتىرلىك قىزىتما دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. يۇقۇملىنىش خارەكتىرلىك قىزىتما ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ، بۇنى كىسەل پەيدا قىلغۇچى مەنبەئەلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ غەيرى يۇقۇملىنىش خارەكتىرىدىكى قىزىتما بولسا كىسەل پەيدا قىلغۇچى مەنبەدىن باشقا، ھەر خىل ماددىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان قىزىتمىنى كۆرسىتىدۇ.
     يەنە بىر خىل قاراش بار بولۇپ، بۇ خىل قاراشتىكىلەر بەدەن تىمپىراتۇرسى بىر كۈن ئىچىدىكى يۇقىرى-تۆۋەن داۋالغۇشنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن ئەھۋال قىزىپ قېلىشقا تەۋە بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەگەر ئادەتتە بەدەن تىمپىراتۇرسىدا 36-35 سىلتسىيە گىرادوس ئارىسىدا داۋالغۇش بولسا، ئۇنداقتا ئۆلچەنگەن بەدەن تىمپىراتۇرسى 36.1 سىلتسىيە گىرادوسقا يەتسە ياكى ئېشىپ كەتسە قىزىپ قالغان بولىدۇ؛ ئەگەر ئادەتتە بەدەن تىمپىراتۇرسىدا 37.5-37 سىلتسىيە گىرادوس ئارىسىدا داۋالغۇش بولسا، ئۇنداقتا ئۆلچەنگەن بەدەن تىمپىراتۇرسى 37.6 سىلتىسيە گىرادوسقا يەتسە ياكى ئېشىپ كەتسە قىزىپ قالغان بولىدۇ.
    ئىنىقىنى قىلىپ ئېيتقاندا، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئاساسى بەدەن تىمپىراتۇرسى ۋە بەدەن تىمپىراتۇرسىنىڭ داۋالغۇش قىلىش دائىرىسى ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ئايرىم قىزىپ قېلىش ئۆلچىمى بولىدۇ. بىتەرەپ قىلىشقا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ بەدەن تىمپىراتۇرسىنىڭ داۋالغۇش قىلىش ئەھۋالىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، قىزىتمىنى بىكىتىش ئۆلچىمى بەلگىلەنگەن: مەقەت تىمپىراتۇرسى 38 سىلتسىيە گىرادوسقا يەتسە ياكى ئېشىپ كەتسە، قولتۇق تىمپىراتۇرسى 37.5 سىلتسىيە گىرادوسقا يەتسە ياكى ئېشىپ كەتسە، قىزىتما دەپ بىكىتىشكە بولىدۇ.
    تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئادەمنىڭ قولتۇق تىمپىراتۇرسى نىسبەتەن تۆۋەنرەك بولغاندىن سىرت، باشقا قىسىملاردىن (ئېغىز بوشلۇقى، قولاق، پىشانە) ئۆلچەنگەن بەدەن تىمپىراتۇرسى، مەقەت تىمپىراتۇرسى بىلەن كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدىكەن؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئېغىز بوشلۇقى، قولاق ۋە پىشانىدىن ئۆلچەنگەن بەدەن تىمپىراتۇرسىمۇ 38 سىلتسىيە گىرادوسقا يەتسە ياكى ئېشىپ كەتسە، قىزىتما دەپ بىكىتىشكە بولىدىكەن.
ئادەم نىمە ئۈچۈن قىزىيدۇ؟
     قىسقىچە جاۋاپ بەرگەندە، ھايات قېلىش ئۈچۈن بولىدۇ.
    كىسەللىك باكتىرىيلىرىنىڭ تارىخى ئىنسانلار تارىخىدىنمۇ كۆپ بۇرۇن بولۇپ، كىسەللىك باكتىرىيىلىرىنىڭ ھايات كەچۈرۈشىگە ئەڭ ماس كىلىدىغان تىمپىراتۇرا دەل ئادەمنىڭ نورمال بەدەن تىمپىراتۇرسىدۇر. ئەڭ دەسلەپكى ئىنسانلار كىسەللىك باكتىرىيىلىرى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كىيىن، ئۇلار بەدەن ئورگانىزىمى قىزىش ۋە ئىممونىت سېستىمىسىنى يۈرگۈزۈش ئارقىلىق كىسەللىك باكتىرىيىلىرىنى يوقاتقان. شۇڭا ئادەم قىزىپ، بەدەن تىمپىراتۇرسى يۇقىرلىغاندىن كىيىن، كىسەللىك باكتىرىلىيلىرى بۇنىڭغا ماسلىشالماي كۆپىيەلمەيدۇ ھەمدە ئىنسانلارمۇ ھاياتىنى ساقلاپ قالىدۇ.

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر ي

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号