بىر جىڭ ئېغىرلىقتا تۇغۇلغان بوۋاق ھايات قېلىپ مۆجىزە ياراتتى!
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8866:قېتىم كورۇلدى
    ئەنگىلىيە "كۈندىلىك پوچتا" گىزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئەنگىلىيەدە قىزىقارلىق بىر ۋەقە يۈز بەرگەن، سوپىي.كامىرون ئىسىملىك، 23 ياشلىق بىر ھامىلدار ئايال ھامىلە ۋاقتى 24 ھەپتە بولغاندا، باش سۈيى تىشىلىپ كەتكەن سەۋەپلىك، جىددى ئوپراتسىيە قىلدۇرۇش ئارقىلىق بالىسىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشقا مەجبۇر بولغان؛ بۇ ۋاقىتتا ئوپراتسىيە قىلىپ ئېلىنغان بۇ بوۋاقنىڭ ئېغىرلىقى ئارانلا بىر قاداق 3 ئۈنسىيە ( تەخمىنەن بىر جىڭ ئەتراپىدا) كەلگەن.
     بوۋاق تۇغۇلغاندا ئالقانچىلىك چوڭلۇقتا بار بولۇپ، تىرىسى يېرىم سۈزۈك ھالەتتە ئىدى. بۇ ياش ئانا، بوۋىقىغا كىلارا.خېلىي دەپ ئىسىم قويغان بولۇپ، بوۋاق تۇغۇلۇشى بىلەنلا، ئېغىر كىسەللەرنى پۈتۈن كۈن كۆزىتىش مەخسۇس ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، دۇختۇلار ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا ئۇچرىشىشىنى چەكلىگەن.
     دوختۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، بوۋاق بەك بالدۇر تۇغۇلغان بولغاچقا، ئۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان فىزىلوگىيىلىك مەسىلىلەر كۆرلۈشى، بەلكىم كۆزى ياكى باشقا مۇھىم ئەزالىرىدا مەسىلىلەر كۆرلۈشى مۇمكىن ئىكەن.
    بۇ بىر جۈپ ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئۆز بالىسىغا خالىغانچە يېقىنلىشىشى، شۇنداقلا خالىغانچە كۆتۈرۈپ قۇچاقلىشى دوختۇرلار تەرپىدىن چەكلەنگەن بولۇپ، ئۇلار كۆپىنچە ئەينەكنىڭ سىرتىدىن بالىسىنى كۆرەلەيتتى. ھازىر بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەنسىرەپلا قالماي، دوختۇرلارمۇ بوۋاقنىڭ ئەھۋالىدىن ئەنسىرمەكتە، چۈنكى گەرچە تۇغۇلغىنىغا خېلى بولغان بولسىمۇ، بوۋاقنىڭ ئېغىرلىقى ئازراقمۇ ئاشمىغان.
   نەچچە كۈن ئىلگىرى ئەھۋالدا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش پەيدا بولۇپ، بوۋاقنىڭ ئەھۋالى ياخشىلىنىشقا باشلىغان؛ ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىشقا باشلىغان، كۆزلىرىمۇ نورلۇق بولۇپ ئۆزگىرىپ، نورمال بوۋاقلارغا ئوخشاش بولغان. ھازىر بوۋاقنىڭ ئېغىرلىقى 9 قاداق(تەخمىنەن 8 جىڭ)قا يىتىپ، دوختۇرخانىدا قېلىپ كۆزىتىشنى قۇبۇل قىلمىسىمۇ بولىدىغان ھالەتكە يەتكەن ھەمدە ئاتا-ئانىسى بىلەن ئۆيگە قايتقان.
    بوۋاق ھازىرچە گەرچە تۆۋەن مىقداردىكى ئوكسىگىن يەتكۈزۈشكە تايىنىپ نەپەسلەنسىمۇ، ئەمما كەلگۈسىدىكى بىر نەچچە ھەپتىدە، ئۇ دورا ئىشلىتىشتىن ئۈزۈل-كىسىل قۇتۇلۇپ، نورمال بالىلارغا ئوخشاش ساغلام ئۆسۈپ يىتەلەيدىكەن.
   بوۋاقنىڭ ئانىسى دىيىشىچە، بوۋاق دەسلەپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، كۆپىنچە ئۇخلايدىغان بولۇپ، ئاساسى جەھەتتىن يىغلاپ خاپا سالمىغان؛ كىيىنچە ئاستا-ئاستا كۆزلىرىنى ئېچىپ، ئادەمگە قاراپ كۈلۈمسىرەيدىغان بولغان؛ بوۋاقنىڭ بۇ ئىپادىلىرى ئۇنىڭ نورمال بالىلارغا ئوخشاش ئۆسۈپ-يىتىلىش ھالىتىگە يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئاتا-ئانىسىنى خوشال قىلىۋەتكەن.

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بوۋاقلارنىڭ دۈم يېتىشىنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

دۈم ياتقان ۋاقىتتا، بوۋاقلار ئۆزىنى تىرەپ كۆتۈرۈگەندە، ئاندىن ئانىسىنى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى كۆرەلەيدۇ؛ بۇ جەرياندا، بوۋاقنىڭ باش قىس

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号