پەرزەنتلىك بولۇشتىن بۇرۇن سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىز بەلكىم مۇنداق بولۇشى مۇمكىن.... ھەر كۈنىڭىز ناھايىتى تەرتىپلىك ئۆتىدۇ؛ مەسىلەن ئاساسەن ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئونىڭىزدىن تۇرۇپ، يز-كۆزىڭىزنى يۇيىسىز، ناشتا قىلىسىز، بىردەم ئۈندىدار كۆرىسىز ياكى ئەتىگەنلىك خەۋەر ئاڭلايسىز....

ئىشتىن چۈشۈپ كەچلىك تاماقنى يەپ بولغاندىن كىيىن، بىردەم تېلىۋىزور كۆرىسىز ياكى بىردەم بەدەن چېنىقتۇرىسىز؛ ھەپتە ئاخىرىدا بىر نەچچە دوستلىرىڭىزنى بىلەن يېغىلىش ئۆتكۈزىسىز، قاتارلىقلار.....


ئەمما بالىڭىز بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن كىيىن، رېتىملىك كەلگەن تۇرمۇشىڭىز قالايمىقانلىشىپ كىتىدۇ....

سىز ھەر كۈنى بالىڭىزنىڭ سىزگە قانداق يىڭى رىقابەتلەرنى ئېلىپ كىلىدىغانلىقىنى بىلمەيسىز؛ بالىنىڭ قايسى ۋاقىتتا قورسىقى ئېچىپ، ئىمىتىش لازىم بولىدىغانلىقىنى بىلمەيسىز؛ قايسى ۋاقىتتا ئۇخلاشنى ھەتتە دوستىڭىز بىلەن قايسى ۋاقىتتا ئوچرىشىشنىمۇ بىكىتىشكە ئامالسىز قالىسىز....
نىمە ئۈچۈن پەرزەنتلىك بولۇشنىڭ ئالدى كەينىدىكى تۇرۇمۇشىڭىزدا بۇنچىۋالا چوڭ پەرق بولىدۇ؟ چۈنكى كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بالىڭىز سىزنىڭ كۈندىلىك دەم ئېلىش ۋە باشقا پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش كۈنتەرتىپىڭىزنى بۇزىۋىتىدۇ؛ تىل ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ئامالسىز بولغان بۇ شاكىچىك، سىزگە نۇرغۇنلىغان نامەلۇم ئېلىپ كىلىدىغان بولۇپ، سىزنى يېقىن كەلگۈسىدىكى ۋاقىت ئىچىدە نىمىلەرنىڭ يۈز بىرىدىغىنىنى پەرز قىلىشقا ئامالسىز قويىدۇ، بۇ سەۋپلىك ھەممە ئىش سىزنىڭ كونتىروللىقىڭىزدا بولالمايدۇ.

ئۇنداقتا بىز قانداق قىلىپ تۇرۇمۇشىمىزنى ئەسلىدىكى تەرتىپلىك ھالەتكە قايتۇرۇپ ئەكىلەلەيمىز؟ ئالدى بىلەن بىزنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك بولغان ئىشىمىز، بالىلارنىڭ تەرتىپلىك كۈندىلىك پائالىيەت ئادىتىنى يىتىلدۈرۈشتۇر. بۈگۈن بىز كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە، " EASY " بوۋاقلار پائالىيىتى پىرگىراممىسى بىلەن تۇنۇشۇپ ئۆتەيلى!
EASY پىروگىراممىسى دىگەن نىمە؟

EASY پىروگىراممىسىنى ئامىرىكىلىق پەرزەنت تەربىيىسى مۇتەخەسسىسى تېرىش. رېگ ئۇتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ ئاتا-ئانىلار ۋە پەرزەنتلەرنىڭ تۇرمۇشىنى تىز سۈرئەتتە تەرتىپلىك ھالەتكە ئەكىلىدىغان ياخشى بىر ئۇسۇل. " يىيىش—پائالىيەت ئېلىپ بېرىش—ئۇخلاش " بۇ ئىنسانلار تۇرمۇشىنىڭ تەبىئى تەرتىپى؛ ئەمما بالىلارغا بولۇپمۇ بوۋاقلارغا نىسبەتەن، بۇ خىل تۇرمۇش تەرتىپىنى ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا قارىتا قەدەممۇ-قەدەم يىتەكلىشى كىرەك بولىدۇ.
E ھەرىپى يىيشكە ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، بوۋاقلارنىڭ بىر كۈنلۈك پائالىيىتى يىيىشتىن باشلىنىدۇ؛ نورمال تەرتىپ بويىچە پائالىيەت قىلىدىغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن، ھەر كۈنلۈك يىيىش پائالىيىتى نىسبەتەن قانۇنىيەتلىك ھەم تەرتىپلىك كىلىدۇ.
A ھەرىپى پائالىيەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، قورسىقى تويغاندىن كيىن ئويناش، سەل چوڭراق بوۋاقلارغا نىسبەتەن تەبىئى بىر ئىش؛ ئەمما نەچچە ئايلىقلا بولغان بوۋاقلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلار ئادەتتە ئىمىپ بولغاندىن كىيىنلا ئوخلايدۇ. EASY پىرگىراممىسى بولسا، بوۋاقلارنىڭ قورسىقىنى تويغۇزغاندىن كىيىن، ئۇلارنى دەرھال ئۇخلاتماستىن، ئۇلارنى ئىمكان قەدەر بەلگۈلۈك ۋاقىت ئوينىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنىڭدا بالىلارنىڭ كۈندۈزلۈك پائالىيەتلىرىگە يىتەرلىك ۋاقتى بار بولىدۇ، ئەمچەككە ياكى ئىمىزگىگە زىيادە تايىنىۋىلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر تەرەپتىن تاماق يەپ بىر تەرەپتىن ئوينايدىغان يامان ئادەت يىتىلدۈرۋىلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
S ھەرىپى ئۇخلاشقا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، بالىلار ئادەتتە ئازراق ئوينىسىلا ھېرىپ قېلىپ ئۇيقۇسى كىلىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا ئاتا-ئانىلار ئەگەر بالىنىڭ ئۇيقۇسى كەلگەنلىك سىگنالىنى ۋاقتىدا بايقاپ، ئۇلارنى پەپىلەپ بەرسە، بالىنىڭ ئۇيقۇغا كىرىش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە قىسقارتىدۇ. كۈندۈزى قىسقا ئۇخلاپ ئادەتلەنگەن بوۋاقلارنىڭ ئويغاق ۋاقتىدا زىھنى تېخىمۇ ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بۇلىدۇ، ئىشتىھاسىمۇ ئىچىلىپ كىتىدۇ.
Y ھەرىپى سىزنىڭ ۋاقتىڭىزغا ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ نۇرمال تەرتىپ بويىچە پائالىيەت قىلىپ ئادەتلەنگەن بوۋاقلارغا نىسبەتەن، سىز ئۇلارنىڭ كۈندۈزى ئۇخلايدىغان ۋاقتىنى ھەم قانچىلىك داۋاملىشىدىغىنىنى ئىنىق بىلىسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بالا ئويغىنىشتىن بۇرۇن، سىز ئۆزىڭىزگە تەئەللۇق بولغان پائالىيەت ۋاقتىغا ئىرىشەلەيسىز.
EASY پىروگىراممىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى
EASY پىروگىراممىسىنىڭ يادروسى، ئاتا-ئانىلارنىڭ بوۋاقلارنىڭ تۇرمۇشىدا يىتەكچىلىك رول ئوينىشى بولۇپ، بالىلار چىقارغان سىگناللارغا ئاساسەن، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا يىتەكلەشتۇر. بۇ خىلدىكى پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ئۇسۇلى، ئىلگىركى تەرتىپسىز بالا بېقىش ئۇسۇلىغا قارىغاندا، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ بىر كۈن ئىچىدىكى مەلۇم بىر ۋاقىتتا نىمىگە ئېھتىياجلىق بولىدىغىنى ۋە نىمە ئىش قىلماقچى بولۇۋاتقىنىنى تېخىمۇ ياخشى پەرەز قىلالايدىغان بولۇپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىنىڭ نىمە ئۈچۈن يىغلاپ خاپا قىلغىنىنى تېخىمۇ تىز سۈرئەتتە ئايرىپ چىقىشقا ياردىمى بولىدۇ؛ بالىلارنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلاپ، ئاتا-ئانىلارنى تېخىمۇ كۆپ ئارام ئېلىش ۋاقتىغا ئىگە قىلىدۇ.
EASY پىروگىراممىسىنى قانداق مەشغولات قىلىش كىرەك؟
يىڭى تۇغۇلغان بوۋاق

ئانا بالىنى تۇغۇپ بولۇپ دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كىيىنكى بىر ئاي ۋاقىت، بوۋاق بىلەن ماسلىشىشى ۋاقتى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. سىز بەلكىم بايقىشىڭىز مۇمكىن، بۇ مەزگىلدە بوۋاقنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتى ئىمىش ۋە ئۇخلاش بىلەن ئۆتىدۇ، ئويغاق تۇرىدىغان ۋاقتى ناھايىتى قىسقا كىلىدۇ، سىزمۇ بۇ مەزگىلدىن پايدىلىنىپ، تىزدىن ئەسلىگە كىلىۋىلىشقا ئېھتىياجلىق بولىسىز ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەزگىلدە بوۋاقلارنى ئۆزىنىڭ تەبىئى پائالىيەت تەرتىپىگە قويۇپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
4-2 ئايلىق بولغان بوۋاقلار
بىر ئاي ئەتراپىدىكى ماسلىشىش مەزگىلىدىن كىيىن، سىز بىلەن بوۋاقنىڭ تۇرمۇشى قەدەممۇ-قەدەم ئىزىغا چۈشۈشكە باشلايدۇ. بوۋاقنىڭى ئويغاق ۋاقتى بارغانسىرى ئۇزىرايدۇ، ئىككى قېتىملىق تاماق يىگۈزۈش ياكى ئىمىتىش ۋاقتىمۇ ئۇزىراشقا باشلايدۇ؛ بۇ مەزگىلدە سىز ئەگەر بالىنىڭ پائالىيەت تەرتىپى قالايمىقانلىشىپ، ياخشى ئۇخلىيالمايدىغان، تاماقنى ياخشى يىمەيدىغان ياكى ئەممەيدىغان، ياخشى ئوينىيالمايدىغان بولۇپ قالغىنىنى بايقىسىڭىز، ئۇنداقتا 3سائەتلىك EASY پىروگىراممىسىنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.


6-4 ئايلىق بولغان بوۋاقلار
ئالدىنقى نەچچە ئايغا قارىغاندا، بۇ مەزگىلدىكى بوۋاقلارنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىت بىلەن بولغان ئالاقىسى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ، كۈندۈزى ئوينايدىغان ۋاقىتلىرىمۇ ئۇزىرايدۇ. بۇ مەزگىلدە يەنىلا كۈندۈزى ئازراق ئۇخلىۋىلىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرمەك لازىم. بۇ مەزگىلدە بىز 3 سائەتلىك پىروگىراممىدىن 4 سائەتلىك EASY پىروگىراممىسىغا ئۆتسەك بولىدۇ.
9-6 ئايلىق بولغان بوۋاقلار
بۇ مەزگىلدىكى EASY لاھىيىسى يەنىلا 4 سائەتلىك پىروگىراممىنى ئاساس قىلىدۇ، ئەمما ناھايىتى مۇھىم بولغان بىر ئۆزگىرىش بار، ئۇ بولسىمۇ بوۋاقنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا ئاساسەن كەچقۇرۇندىكى ئۇخلاشنى قەدەممۇ-قەدەم ئەمەلدىن قالدۇرۇش، بۇنىڭدىكى سەۋەپ بوۋاقنىڭ كەچلىك ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ بەك كىيىن بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر.

9 ئايلىقتىن كىيىنكى بوۋاقلار
بۇ مەزگىلدىكى بوۋاقلارنىڭ ئويغاق بولىدىغان ۋاقتى تېخىمۇ ئوزۇن بولۇپ، نۇرغۇن بالىلار چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كىيىن ئىككى قېتىملىق ئۇخلاشتىن، چۈشتىن كىيىن بىرلا قېتىم 3-2 سائەت ئەتراپىدا ئۇخلاشقا ئۆزگىرىدۇ. پىروگىرامما نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ مەزگىلدە بىزنىڭ مەشغۇلاتىمىز EASY پىروگىراممىسى ئەمەس بەلكى EAEASY پىروگىراممىسى، يەنى يىيىش—پائالىيەت—يىيىش—پائالىيەت—ئۇخلاش پىروگىراممىسى بولىدۇ؛ لىكىن قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، بۇمۇ يەنىلا تەرتىپلىك ھەم قانۇنىيەتلىك كەلگەن كۈندىلىك تەرتىپ ھىسابلىنىدۇ.
دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار:
1. EASY پىروگىراممىسىنىڭ ھەممە ئائىلىلەرگە ماس كىلىشى ناتايىن.
2. EASY پەقەت بوۋاقلارنىڭ كۈندىلىك پائالىيەت قانۇنىيىتى ۋە تەرتىپىنى شەكىللەندۈرۈشتىكى بىر يىتەكچى ئىدىيە، ھەرگىزمۇ ئۆلۈك ھالدىكى مۇقىم ۋاقىت جەدۋىلى ئەمەس.

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تورغا چىقىپ بۇ بىر جۈملە سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز، شۇھام
دۆلىتىمىز ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋىتىلگەندىن كىيىن، 70،80،90-يىللىرى تۇغۇلغان كىشىلەر توپىنىڭ ھەرخىل ئىنكاس
ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئوخشاشمايدىغان بولۇپ، بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغىنى ئۆگىنىش نەتىجىسى ئەمەس، بەلكى ب
بالىلار ئۈچ ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن كىم بىلەن ئۇخلىسا شۇنىڭغا بەكرەك ئامراق كىلىدۇ ھەمدە شۇنىڭ ھەرىكەت ئادەتلىرى ۋە خارەكتىر ئالاھىدىلىكى
ئائىلىگە يىڭى بىر ھاياتلىق كۆز ئېچىشى، ئاتا-ئانسىنى خۇشال قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ. نۇرغۇن ئانىلار گەرچە بۇ پەيتتە چارچاپ ھال
بەزى بوۋاقلارنىڭ تىنى ئاجىز بولۇپ، ھاۋا ئازراق سۇۋۇپلا قالسا قىزىپ زۇكامداپ قالىدۇ؛ ئەمما دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتسە، بالىدا چ
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号