دادىسى ۋە بوۋىسى تەرىپىدىن دەرياغا تاشلىۋىتىلگەن قىز بالا
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8986:ئادەم ئۆگەندى

    بىر ئاي ئىلگىرى، نەنجىڭ ساقچى تەرەپ جىياڭنىڭ رايونىدىكى دەريا ئېقىنىدا، 9ياشلار ئەتراپىدىكى قىز بالىنىڭ جەسىتىنى بايقىدى؛ ئارقىدىنلا ساقچى تەرەپ توردا جەسەتنى تۇنۇۋىلىش ئىلانى چىقاردى ھەمدە جەسەت ئۈستىدىكى كىيىم-كىچەكلەرنى ئېلان قىلدى.

    بىرنەچچە كۈندىن كىيىن، ساقچى تەرەپ گەرچە قايتا-قايتا ئۇچۇر چىقىرىپ، مۇكاپات سوممىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما جەسەتنى تۇنۇۋىلىشقا يەنىلا ئادەم كەلمىگەن ئىدى. 9ياشلىق بىر قىز بالا يوقاپ كىتىپ، كىلىشمەسلىككە ئۇچرىسا، ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەر ئەسلىدە ھەر تەرەپكە قاتراپ ئۇنى ئىزدەپ يۈرسە بولاتتى، ئەمما نىمە ئۈچۈن ھازىرغىچە بۇ ھەقتە خەۋەر بولمايدۇ؟

    ئاخىرى ئۆلۈشكۈنگە كەلگەندە، ساقچى تەرەپ قىز بالىنىڭ سالاھىيىتىنى ئىنقلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى؛ ئەمما بۇ قىزنىڭ سالاھىيىتى بىلەن بىللە ئىنىقلانغىنى ئادەمنى شۈركەندۈرىدىغان دەھشەتلىك  ھەقىقەت ئىدى: بۇ قىزنى ئىتتىرىپ دەرياغا تاشلىۋەتكەن، دەل ئۇقىزنىڭ ئۆز دادىسى ۋە بوۋىسى ئىدى؛ ئۇلار بالىنىڭ ئاسما سومكىسىنىڭ ئىچىگە ئىككى پارچە خىش سېلىپ قويغان!

     ھەقىقەت ئاشكارىلانغاندىن كىيىن، ئاخبارات ۋاستىلىرى بالىنىڭ دادىسى ۋە بوۋىسى ئىشلەيدىغان قۇرلۇش ئورنىنى تاپتى؛ بۇ يەردە چوڭ خەتلىك جەسەت تونىۋىلىش ئېلانى چاپلانغان بولۇپ، بالىنىڭ دادىسى بىلەن بوۋىسى ساقچىلار تەرپىدىن تۇتۇپ ئېلىپ كىتىلگەنگە قەدەر، بۇ قىزنىڭ ئۆيىدىكىلىرىنىڭ مۇشۇ يەردە ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيتتى.

      بۇ قىزنىڭ ھاممىسىنىڭ ئىرى ئوخشاشلا مۇشۇ قۇرلۇش ئورنىدا ئىشلەيدىغان بولۇپ، ئۇ ئەھۋال ئاشكارىلانغاندىن كىيىن ئاندىن بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقان؛ مۇخبىرلارمۇ ئۇنىڭ ئېغىزىدىن بۇ ئائىلىنىڭ ھىكايىسىنى بىلگەن:

     دەريادا قازا قىلغان بۇ قىزچاق تۇغۇلما مىڭە پارالىچى بولۇپ، تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئۆيىدىكىلىرى 100مىڭ يۈەن پۇل خەجلەپ ئۇنى داۋالاتقان بولسىمۇ ئۈنۈمى بولمىغان. بۇ كىسەلنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولماسلىق سەۋەبىدىن، قىزچاقنىڭ ئانىسى قىزىدىن ۋە ئائىلىسىدىن ۋاز كىچىشنى قارار قىلغان ھەمدە ئىرى بىلەن ئاجراشقاندا 80مىڭ يۈەن تۆلەم ئالغان بولۇپ، ئۇيىلى قىزچاق ئاران ئۈچ ياشتا ئىدى.

    بۇ ۋاقىتتا بۇ يېزا ئائىلىسى ئۆزۈل-كىسىل نامراتلىققا قايتقان بولۇپ، بالىنىڭ دادىسىنىڭ قايتا ئۆيلەنگۈدەك ئىقتىسادى قالمىغان ئىدى. ئۇلار بالىنى يۈك بىلىپ ۋاز كىچىشنى قارار قىلغان ۋاقتىدا، بالىنىڭ مومىسى نەۋرىسىگە چىدىماي، ئوغۇرلۇقچە قىزچاقنى يۇرتىغا ئېلىپ كەتكەن، مومىسىنىڭ يۇرتىدا مومىسى بىلەن نەۋرىسى ئىككەيلەن بىر-بىرىگە ھەمراھ بولۇپ 6 يىلنى ئۆتكۈزگەن. ئەمما بۇ يىلغا كەلگەندە مومىسى ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇپ قېلىپ، دوختۇرخانىدا يېتىپ ئوپراتسىيە قىلدۇرۇش لازىم بولغانلىقتىن، بالىنى بالىنىڭ ھاممىسىنىڭ ئۆيىدە بىرنەچچە كۈن بېقىپ تۇرۇشقا قويۇپ قويغان؛ ئۇزۇن ئۆتمەي قىزنىڭ ئۆيىدىكىلىرى قىزنىڭ ھاممىسغا تېلفون قىلىپ، قىزچاقنى نەنجىڭغا بوۋىسىنىڭ قېشىغا ئاپىرىپ نەچچە كۈن ئوينىتىپ كىلىشنى ئېيتقان.

     ئەمما بىر نەچچە كۈندىن كىيىن، بۇ قىزنىڭ سوغۇق جەسىتى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يول كۆۋرۈكى ئاستىدىكى دەريا ئېقىنىدا بايقالغان.

    بۇ ھىكايىنى ئاڭلاپ بولۇپ، كۆڭلۈمدە ئېغىر ئازاپلىنىشتىن باشقا، نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم. ئەجىبا غەزەپكە تولغان تورداشلارغا ئوخشاش، " ئىت-مۆشۈكچىلىكمۇ بولالمىغان"، " يولۋاس جېنىدا بالىسىنى چىشلىمەيدۇ" دەپ قىزنىڭ دادىسى بىلەن بوۋىسىنى تىللايمەنمۇ؟

    تىراگىدىيەگە تولغان بۇ ئائىلىدە، تۇيۇق يولغان كىرىپ قېلىپ، نەپەسلىنىشمۇ تەس بولۇۋاتقاندەك بۇ خىل ھىس-تۇيغۇ ئاستىدا، قاتىللىق قىلغانلارنىڭ گۇناھى ئەلۋەتتەك كەچۈرگىسىز گۇناھ، ئەمما ئۇلارمۇ ئوخشاشلا زىيانغا ئۇچرىغۇچى.

     بۇ خەۋەرنى كۆرگەندىن كىيىن، مىنىڭ قىزچاقنىڭ مومىسىغا بەك ئىچىم ئاغرىدى؛ ئاق كۆڭۈل بۇ موماي، بالىنى ئۆزى يالغۇز 6 يىل بېقىپتۇ، بۇ جەرياندا موماينىڭ تارتقان جاپالىرىنى بىلىپ يىتەلىشىمىز ناتايىن، شۇنداقلا ئامالسىز كىسەل كارۋىتىدا يېتىۋاتقان موماينىڭ، ھەقىقى ئەھۋالنى بىلگەندىن كىيىن قانچىلىك ئۈمىدسىزلىنىپ كىتىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز.

     موماي گەرچە بۇ قىزغا ئادىمىيلىكتە بەرگىلى بولىدىغان ئەڭ يۇقىرى چەكتىكى ئاق كۆڭۈللۈكنى بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا دۇنيانىڭ دەھشەتلىك كەلگەن قارا نىيەتلىرىگە تەڭ كىلەلمىگەن.

   تۈنۈگۈن مىكرو بىلوگنى ئارىلاۋىتىپ، ساقچى تەرەپ ئېلان قىلغان، بالىنىڭ جەسىتى ۋە كىيىملىرىنىڭ سۈرىتىنى يەنە ئۇچرىتىپ قالدىم، كۆز ياشلىرىم ئىختىيارسىز ھالدا تۆكۈلۈپ كەتتى. بۇ قىزنىڭ ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا كىشىلەرگە بەرگەن تەسىرى، شاپتۇل چىچىكى رەڭلىك كىيىم بولۇپ، بۇنى چوقۇم قىزنىڭ مومىسى ئۇنىڭغا ئېلىپ بەرگەن، قىزمۇ بۇ كىيىمىنى چوقۇم ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتى.

    بالىنىڭ بوينىغا ئېسىقلىق قاشتېشى ھەيكەلمۇ بەلكىم مومىسىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان "گەرچە ئۇ تەقدىر ئوڭ كۆزىدە قارىمىغان بالا بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئۇنىڭ تىنچ-ئامان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن." دىگەن تىلەكلىرىنى ئىپادىلەيدىغان بولغىيدى؛

     ئەپسۇس، بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ يازنىڭ كۈنىدە ئاياغلاشتى!!!

 

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدۇ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تورغا چىقىپ بۇ بىر جۈملە سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز، شۇھام

ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشتا بۇ ئامىللارنى ئويلاشتىڭىزمۇ

دۆلىتىمىز ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋىتىلگەندىن كىيىن، 70،80،90-يىللىرى تۇغۇلغان كىشىلەر توپىنىڭ ھەرخىل ئىنكاس

ئاتا-ئانىلار بۇ جەھەتلەردىكى تەربىيەسى بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ

ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئوخشاشمايدىغان بولۇپ، بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغىنى ئۆگىنىش نەتىجىسى ئەمەس، بەلكى ب

بالىلارنىڭ كىم بىلەن بىرگە ئۇخلىشى ئۇلارنىڭ خۇلقىنى بەلگىلەيدۇ

بالىلار ئۈچ ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن كىم بىلەن ئۇخلىسا شۇنىڭغا بەكرەك ئامراق كىلىدۇ ھەمدە شۇنىڭ ھەرىكەت ئادەتلىرى ۋە خارەكتىر ئالاھىدىلىكى

بوۋاق تۇغۇلۇپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ ئۈچ ئىشنى تۈگىتىش كىرەك

ئائىلىگە يىڭى بىر ھاياتلىق كۆز ئېچىشى، ئاتا-ئانسىنى خۇشال قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ. نۇرغۇن ئانىلار گەرچە بۇ پەيتتە چارچاپ ھال

بالىلارنىڭ ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان ئۇسۇللار

بەزى بوۋاقلارنىڭ تىنى ئاجىز بولۇپ، ھاۋا ئازراق سۇۋۇپلا قالسا قىزىپ زۇكامداپ قالىدۇ؛ ئەمما دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتسە، بالىدا چ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号