بىز ئادەتتە ھەمىشە ئۆيۈم پالانچە پۇلغا يارايدۇ، يانفونۇم پالانى پۇللۇق، كىيىمىم ۋە گىرىم بويۇملىرىم مانچە پۇلغا يارايدۇ دەيمىز؛ ئۇنداقتا سىزنىڭ ئىرىڭىز نەچچە پۇلغا يارايدۇ؟ بۇ يىل توردا سىرلىق بىر فورمۇلا تارالغان بولۇپ، بۇ فورمۇلادىن پايدىلىنىپ ناھايىتى تىزلا ئىرىڭىزنىڭ نەچچە پۇلغا يارايدىغىنىنى ھىسابلاپ چىقالايسىز. دىققەت! كۆڭۈل قويۇپ ھىسابلاڭ، خاتالىشىپ قالماڭ!

ئاساسى باھا: 1000يۈەن
【 قاتتىق دىتال】
بوي ئىگىزلىكى
بوي ئىگىزلىكى 175سانتىمىتىردىن ئاشسا، ئاشقان ھەر 2 سانتىمىتىر ئۈچۈن 100يۈەن قوشۇڭ
بوي ئىگىزلىكى 175سانتىمىتىردىن پاكار بولسا، پاكار بولغان ھەر 2 سانتىمىتىر ئۈچۈن 100 يۈەن ئېلىۋىتىڭ
بەدەن ئېغىرلىقى
بەدەن ئېغىرلىقى 70 كىلوگىرامدىن ئاشسا، ئاشقان ھەر 5 كىلوگىرام ئۈچۈن 100يۈەن ئېلىۋىتىڭ
بەدەن ئېغىرلىقى 60 كىلوگىرامغا يەتمىسە، كەملىگەن ھەر 5 كىلوگىرام ئۈچۈن 100يۈەن ئېلىۋىتىڭ
چىرايى قاملاشقانلىقى
ئادەتتە " چىرايلىق چىرايلىق ئەمەس، كۆيگەن چىرايلىق " دىگەن گەپ بار؛
شۇڭلاشقا بۇ تۈرنى ئۆزىڭىز قاراپ بىكىتىڭ، ئەمما قوشقان سوممىڭىز 100 يۈەندىن ئېشىپ كەتمىسۇن.
【 يۇمشاق دىتال 】
رەسىم سىزىشنى بىلسە، 100يۈەن قوشۇڭ
ئۇسسۇل ئويناشنى بىلسە، 100 يۈەن قوشۇڭ
ناخشا ئېيتىشنى بىلسە، 100 يۈەن قوشۇڭ
تاماق ئىتىشنى بىلسە، 300 يۈەن قوشۇڭ
باشقا ماھارەتلىرى بولسا، تۈرلەر بويىچە قوشۇپ بەرسىڭىز بولىدۇ،
ئەمما يەككە تۈرگە قوشۇلغان سومما 300 يۈەندىن ئېشىپ كەتمىسۇن
【 ئادەتلىرى 】
سىزنى چىرايلىق ئەمەس، سېمىز دىسە 200 يۈەن ئېلىۋىتىڭ
كىچە-كۈندۈز يانفوندا ئويۇن ئوينىسا، 200 يۈەن ئېلىۋىتىڭ
تاماكا چىكىپ ھاراق ئىچسە، 200 يۈەن ئېلىۋىتىڭ
ھەر كۈنى ئۆيدىلا ئولتۇرۋىلىپ، سىرتقا چىقىپ ھەرىكەت قىلمىسا 100 يۈەن ئېلىۋىتىڭ
ھەر كۈنى چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرسا، ھەر بىر تۈر ئۈچۈن 100 يۈەن قوشۇڭ
بالىلارغا ئوينىشىپ بىرىشنى ياخشى كۆرسە، 100 يۈەن قوشۇڭ
ئەتكەن تامىقىڭىزنى ماختىسا، 200 يۈەن قوشۇڭ
يۇمۇرىستىك قىزىقچى كەلسە، 100 يۈەن قوشۇڭ
ئايىقىڭىزنىڭ بوغقۇچىنى چىگىپ قويغان بولسا، 200 يۈەن قوشۇڭ
سىزگە ھەمراھ بولۇپ، تىلىۋىزىيە تىياتىرى كۆرۈشۈپ بەرسە، 100 يۈەن قوشۇڭ
سىزگە بەلگىلىك خۇسۇسى بوشلۇق بەرسە، 100 يۈەن قوشۇڭ
ياسىنىپ رەتلىك يۈرسە، 100 يۈەن قوشۇڭ
ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشنى بىلمىسە، 200 يۈەن ئېلىۋىتىڭ

【 پوزۇتسىيىسى 】
ھەمىشە سىز بىلەن سوقۇشسا، 200 يۈەن ئېلىۋىتىڭ
تەگىشىپ قالغاندا، كىمنىڭ خاتالىقى بولۇشىدىن قەتئىنەزەر،
ئۇ ئاۋال سىزنى ئىزدىسە، 300 يۈەن قوشۇڭ
ھەركۈنى سىزنى پەپىلەپ ئۇخلاتسا، 100 يۈەن قوشۇڭ
ھاراق ئىچمىسە، 100 يۈەن قوشۇڭ
ھارق ئىچكەندە يېرىم بوتولكىدىن ئېشىپ كەتسە، ھەر قېتىملىقى ئۈچۈن 100 يۈەن ئېلىۋىتىڭ
خۇسۇسى پۇل يېغمىسا، 100 يۈەن قوشۇڭ
سىز ئۈچۈن يىغلىسا، 100 يۈەن قوشۇڭ
ھەمىشە سىزنى يىغلاتسا، 100 يۈەن ئېلىۋىتىڭ
ياخشى ئىشلاردا سىزنى ئاۋال ئويلاشسا، 200 يۈەن قوشۇڭ
ھېسياتنى ئورغۇتىدىغان ئىشلارنى قىلىشنى بىلسە، 100 يۈەن قوشۇڭ
ئېغىر بېسىق بولسا، 100 يۈەن قوشۇڭ
سىز بىلەن بىرگە بولغاندا كۈلۈشنى ياقتۇرمىسا، 100 يۈەن ئېلىۋىتىڭ
سىزگە ئۆز قولى بىلەن ياسىغان نەرسىلەرنى سوۋغا قىلسا، 100 يۈەن قوشۇڭ
ھەمىشە ئالدىراش بولۇپ، سىزگە ھەمرا بولىدىغان ۋاقىت چىقارمىسا 200 يۈەن ئېلىۋىتىڭ
ھەرقانچە ئالدىراش بولسىمۇ ۋاقىت چىقىرىپ سىز بىلەن بىللە تاماق يىسە، 200 يۈەن قوشۇڭ

خانىملار دىققەت!
ھىسابلاپ بولغان بولسىڭىز، تۆۋەندىكى باھا جەدۋىلىگە سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ!
باھا جەدۋىلى
قىممىتى 1500 يۈەندىن تۆۋەن بولسا، ئىرىڭىزگە قايتا تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىڭ
قىممىتى 2500-1500 يۈەن دائىرسىدە بولسا نورمال سەۋيىدە بولغان بولىدۇ
قىممىتى 3500-2500 يۈەن دائىرسىدە بولسا، ئىرىڭىز ياخشى ئەرلەردىن بولۇپ ھىسابلىنىدۇ
ئەگەر قىممىتى 3500 يۈەندىن ئاشقان بولسا، ئىرىڭىز ناھايىتى ياخشى ھەم ئىسىل ئەر ھىسابلىنىدۇ،
ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ پۇتلىرىنى قوچاقلىۋىلىڭ، باشقىلار ئەپقاچمىسۇن!!!
ئەر يولداشلار ئۆزۈڭلار ھىسابلاپ باقساڭلارمۇ بولىدۇ، ئاساسى باھا 1000يۈەن، ھە! 1000 يۈەن

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تورغا چىقىپ بۇ بىر جۈملە سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز، شۇھام
دۆلىتىمىز ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋىتىلگەندىن كىيىن، 70،80،90-يىللىرى تۇغۇلغان كىشىلەر توپىنىڭ ھەرخىل ئىنكاس
ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئوخشاشمايدىغان بولۇپ، بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغىنى ئۆگىنىش نەتىجىسى ئەمەس، بەلكى ب
بالىلار ئۈچ ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن كىم بىلەن ئۇخلىسا شۇنىڭغا بەكرەك ئامراق كىلىدۇ ھەمدە شۇنىڭ ھەرىكەت ئادەتلىرى ۋە خارەكتىر ئالاھىدىلىكى
ئائىلىگە يىڭى بىر ھاياتلىق كۆز ئېچىشى، ئاتا-ئانسىنى خۇشال قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ. نۇرغۇن ئانىلار گەرچە بۇ پەيتتە چارچاپ ھال
بەزى بوۋاقلارنىڭ تىنى ئاجىز بولۇپ، ھاۋا ئازراق سۇۋۇپلا قالسا قىزىپ زۇكامداپ قالىدۇ؛ ئەمما دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتسە، بالىدا چ
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号