بالىڭىزغا سۆزلەپ بىرىڭ : مانا بۇ ئاقسۆڭەكلەر روھى !
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 9226:قېتىم كورۇلدى

 مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش

        بالام ، تاماق ئىتىشنى چوقۇم ئۈگىنىڭ ؛ بۇنىڭ ئادەم كۈتۈش بىلەن مۇناسىۋىتى يوق،بەلكى سىزنى سۆيىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى يېنىڭىزدا يوق بۇلۇپ قالغاندا ئۆز ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالالايسىز .

ئەركىن بۇلۇش

      بالام ، چوقۇم ماشىنا ھەيدەشنى ئۈگىنىڭ؛ بۇنىڭ كىشىنىڭ ئورنى ۋە سالاھىيىتى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ، ئەمما سىز ھەرقانداق ۋاقىتتا ئورنىڭىزدىن تۇرۇپلا ئۆزىڭىز بېرىشنى خالايدىغان ھەرقانداق جايغا بارالايسىز ھەم باشقىلارغا يالۋۇرۇپ يۈرمەيسىز .

كىتابخۇمار بۇلۇش

     بالام ، سىز چوقۇم رەسمى يۇسۇندىكى ئالى مەكتەپكە ئۆتۈشىڭىز كىرەك ؛ بۇنىڭ ئوقۇش تارىخى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ، بەلكى ھاياتلىقتا ئاشۇ بىرنەچچە يىلنى -- ئەركىن ئازادە كەلگەن ، كىتاب پۇراقلىرىدىن " يۇقۇملىنىدىغان " ئاشۇ يىللارنى  بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈشكە ئىھتىياجلىق بۇلىمىز ، باشقىلار نىمە دىسە شۇنىڭغا ئەگىشىپ چوڭ ئېقىمغا قوشۇلۇپ يۈرمەيدىغان بۇلۇشنىڭ ئۆزى بىلىم .

بېسىپ ئۆتكەن ئىزنالىرىمىز ھاياتلىقنىڭ داۋاملىشىشىدۇر

        بالام ، سىز بىلەمسىز ؟ بېسىپ ئۆتكەن ئىزنالىرىمىز قانچىلىك يېراققا سوزۇلغانسىرى ، كۆڭلىمىز شۇنچىلىك ئازادە بۇلىدۇ ؛ كۆڭۈل ئازادە كەلسە ، سىز ئاندىن خوشال ئۆتەلەيسىز . مۇبادا سىز ئۇزۇنغا ماڭالمىسىڭىز ، كىتابلار سىزنى ئېلىپ ماڭسۇن ، باسقان  ئىزنالىرىڭىزنى ھاياتلىق سىزىقى قىلىپ ئۇلاشتۇرۇڭ .

غۇرۇر بىلەن باي كەمبەغەللىكنىڭ مۇناسىۋىتى يوق

        بالام ، ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسىمۇ يىغلىماڭ ھەم ئاغرىنىپ قاقشىماڭ ؛ بۇنداق بولمىغاندا پەقەت سىزنى سۆيىدىغانلارنى تېخىمۇ ئازاپلاپ ، سىزگە نەپرەتلىنىدىغانلارنى تېخمۇ كۆرەڭلىتىسىز .

تەمكىنلىك بىلەن تەقدىرگە تەن بىرىڭ ، سىزنى سۆيىدىغانلار تەبىئىلا سىزگە كۆڭۈل بۆلىدۇ

       بالام ، بىلەمسىز ؟  قاتتىق نان يىسىڭىزمۇ ، پاكىزە داستىخان سېلىپ يەڭ ، سالاپىتىڭىزنى ساقلاپ ئولتۇرۇپ يەڭ ؛ تۇرمۇشىڭىز ئاددى ساددا بولسىمۇ ، تەرتىپلىك ئۆتكۈزۈڭ .

سۆلەتنىڭ ۋەزىيەت بىلەن مۇناسىۋىتى يوق

       بالام ، يېراقلارغا بارغىنىڭىزدا ، رەسىم ئاپاراتىدىن باشقا قەغەز قەلەم ئېلىۋىلىشنى چوقۇم ئۇنۇتماڭ ؛مەنزىرە ئوخشاش بولغىنى بىلەن ، مەنزىرە تاماشا قىلغاندىكى كەيپىيات مەڭگۈ قايتىلانمايدۇ .

مۇستەقىل ئادىمىيلىكى بۇلۇش

       بالام ، كىچىك ۋاقتىڭىزدا نەزەر دائىرىڭىز كەڭرى بولسۇن ، چوڭ بولغاندا كەچۈرمىش ساۋاقلىرىڭىز بار بولسۇن ، بۇنىڭدا نەپىس كەلگەن ھاياتقا ئىرىشىسىز .

ئاق كۆڭۈللۈك ئەڭ چوڭ بايلىق

      بالام ، ھەر قانداق ۋاقىتتا ئاق كۆڭۈل ئادەم بۇلۇشنى ئىسىڭىزدە چىڭ ساقلاڭ . ئىسىڭىزدە بولسۇن ، ئاق كۆڭۈللۈك سىزنى تەقدىرنىڭ كۆڭۈل بۈلۈشىگە ئىرىشتۈرىدۇ ، گەرچە بۇ خىل كۆڭۈل بۈلۈش بايلىق ياكى ھوقۇق ئىمتىياز بۇلۇشى ناتايىن بولسىمۇ . ئاق كۆڭۈللۈككە ئاق كۆڭۈل قايتىدۇ ، قايتىدىغىنى مۇھەببەتتۇر . كۈلكىڭىز ، سالاپىتىڭىز ، ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىز ، سىزنىڭ ئەڭ چوڭ روھى بايلىقىڭىز ، بۇلارغا ئىگە بولسىڭىز ھەممىگە ئىگە بولغان بۇلىسىز .

       مانا بۇلار " ئاقسۆڭەكلەر " روھى، يەنى ھاياتلىقتىكى باھاسىز گۆھەردۇر ؛ تىزدىن بالىڭىزغا سۆزلەپ بىرىڭ .

 

ئەسكەرتىش : تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئاپتور ھوقۇقى شىنجاڭ تەمزات مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىگە تەۋە بۇلۇپ، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەنلەرنىڭ قانۇنى مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!

友情提示:作品版权归新疆塔穆扎提文化传播有限公司所有,抄袭转载者必究法律责任!

بوۋاقلارنىڭ دۈم يېتىشىنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

دۈم ياتقان ۋاقىتتا، بوۋاقلار ئۆزىنى تىرەپ كۆتۈرۈگەندە، ئاندىن ئانىسىنى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى كۆرەلەيدۇ؛ بۇ جەرياندا، بوۋاقنىڭ باش قىس

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号