
بالىلىرىغا بېلىق مېيى بېرىدىغان ئاتا-ئانىلار ئۈمىدسىزلىنىپ قالىدىغان بولدى، چۈنكى ئەنگلىيەنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، كۈندە ئومېگا 3 ياغ كىسلاتاسىنى يېيىشنى داۋاملاشتۇرسىمۇ، بالىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ۋە ئوقۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرمەيدىكەن.
ئەنگلىيە ئوكسفورد داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يەتتە ياشتىن توققۇز ياشقىچە بولغان 376 بالا ئۈستىدە تەجرىبە ئېلىپ بارغان. بۇ بالىلار ئايرىم-ئايرىم 84 باشلانغۇچ مەكتەپتىن كەلگەن بولۇپ، ئوقۇش ئىمتىھانى نەتىجىسى جەھەتتە ھەممىسى دېگۈدەك مەكتەپ بويىچە ئەڭ ناچار بولغان تۆتتىن بىر قىسىم ئوقۇغۇچى ئىچىدە ئىكەن. تەتقىقاتچىلار سىناققا قاتناشقان يېرىم بالىغا ئومىگا 3 ياغ كىسلاتاسىنى بەرگەن، يەنە بىر قىسىم بالىغا ئارام بەرگۈچى دورا بەرگەن.
16 ھەپتىدىن كېيىن، ئۇلار بۇ بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىغا سىناق ئېلىپ بارغان، ئەمما ئۇلار ئومىگا 3 ياغ كىسلاتاسى يېگەن بالىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ۋە ئوقۇش ئىقتىدارىنىڭ ئۇنى يېمىگەن بالىلاردىن كۈچلۈك بولمىغانلىقىنى بايقىغان.

بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا ئومىگا 3 ياغ كىسلاتاسى نېرۋا توقۇلمىلىرىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ، دېيىلگەن. يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى بۇ ھۆكۈمنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. بۇنىڭغا قارىتا بەزى مۇتەخەسسىسلەر بېلىق مېيىنىڭ ئۈنۈمى ئادەملەرگە قاراپ ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن، شۇڭا بۇنى ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، دەپ قارىغان. مەزكۇر تەتقىقاتقا قاتناشقان ئەنگلىيە بىرمىڭخام داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى مونتگومېرى مۇنداق دېدى: «ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئويلىسا، پۇلنى دەل جايىغا سەرپ قىلىشى كېرەك، مېنىڭ تەكلىپىم، كۆپرەك پۇلنى بالىنى يېتەكلەشكە خەجلەش بېلىق مېيى سېتىۋالغاندىن ياخشى».

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا
دۈم ياتقان ۋاقىتتا، بوۋاقلار ئۆزىنى تىرەپ كۆتۈرۈگەندە، ئاندىن ئانىسىنى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى كۆرەلەيدۇ؛ بۇ جەرياندا، بوۋاقنىڭ باش قىس
ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ
ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە
ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号