ئالتە ياشتىن كىچىك بالىلار پۇتىنى ئىسسىق سۇغا چىلىماسلىقى كېرەك
8 يىل ئىلگىرى ئاشپەز 11194:قېتىم كورۇلدى

 

پۇت چىلاش كىشىلەرنىڭ قىش پەسلىدىكى كۈتۈنۈش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى، ھەتتا، بەزى ئاتا-ئانىلار بالىسىنى پۇت چىلايدىغان جايلارغا ئاپىرىشقا ئامراق. لېكىن، مۇتەخەسسىسلەر ئالتە ياشتىن كىچىك بالىلارغا پۇت چىلىتىشنىڭ ئۇلارغا زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئەنخۇي ئۆلكىلىك بالىلار دوختۇرخانىسى كۆيۈك شەكىل تۈزەش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى چېن چېن ئۆزلىرىنىڭ يېقىندا پۇت چىلاش سەۋەبىدىن پۇتى كۆيۈپ قالغان بىر قانچە بالىنى داۋالىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ئەسلىدە بالىنىڭ پۇتىنى چىلاش ئارقىلىق بالىنى تەرلىتىپ قىزىتمىسىنى ياندۇرماقچى بولغانىكەن.

  دوختۇر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بوۋاقلارنىڭ، كىچىك بالىلارنىڭ تېمپېراتۇرىغا بولغان سېزىمى چوڭلارغا ئوخشىمايدۇ، چوڭلارغا سەل-پەل قىزىق تۇيۇلغان سۇ بالىغا نىسبەتەن ناھايىتى قىزىق بولىدۇ، لېكىن ئۇلار ئىپادىلىيەلمىگەچكە، تېرىلىرى ئاسانلا كۆيۈپ قالىدۇ. ئۇلار دەسلەپتە سۇنىڭ قىزىقلىقىغا چىدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن پۇت چىلاش ۋاقتى ئۇزۇن بولسا بالىنىڭ پۇتلىرىنى قىزارتىپ، كۆيدۈرۈپ قويىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا، مۇتەخەسىسسلەرنىڭ تەكلىپى بولسا، بوۋاقلارنىڭ، بالىلارنىڭ پۇتىنى چىلاشتا تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئىلمان سۇ ئىشلىتىش كېرەككەن. يازدا پۇت يۇيۇشقا ئىشىلتىدىغان سۇنىڭ تېمپىراتۇرىسى 38~40 سېلىسىيە گىرادۇس، قىشتا بۇنى ئاستا-ئاستا ئۆرلىتىپ، 45~50سېلسىيە گىرادۇس ئارىلىقىغا چىقارسا بولىدىكەن. پۇت چىلاش دېسىغا سۇنى بەك كۆپ قۇيۋەتمەسلىك، سۇنى داسقا پۇت چىلاشقۇدەكلا قۇيۇش، 3~5 مىنۇتقىچە چىلاش ئەڭ مۇۋاپىق. بۇنداق بولغاندا، پۇت تېرىسىدىكى قىل قان تومۇرلار كېڭىيىپ، قان ئايلىنىش تېزلىشىپ، پۇت تېرىسى ۋە توقۇلمىلارنىڭ ئوزۇقلۇقى ياخشىلىنىپ، بالىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاشۇرۇپ، ئۇيقۇسىنى ياخشىلايدىكەن.

بوۋاقلارنىڭ دۈم يېتىشىنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

دۈم ياتقان ۋاقىتتا، بوۋاقلار ئۆزىنى تىرەپ كۆتۈرۈگەندە، ئاندىن ئانىسىنى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى كۆرەلەيدۇ؛ بۇ جەرياندا، بوۋاقنىڭ باش قىس

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号