تاڭتاڭنىڭ ئاپىسىنىڭ ئىچى بەك پۇشىدۇ، چۈنكى تاڭتاڭ 2 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ لېكىن يەنىلا ئانىسىغا بەك چاپلىشىۋالىدۇ، ئانىسى بىردەم ئايرىلسا يىغلاپ غەلۋە قىلىدۇ، دادىسى ھەر قانچە قىلسىمۇ ئالدىيالمايدۇ، ناتونۇشلارغا تېخىمۇ گەپ قىلمايدۇ، بۇنداق بولىۋەرسە قانداق بولىدۇ؟
چىچىمۇ 2 ياش، لېكىن ئۇ تاڭتاڭغا ئوخشىمايدۇ، ناتونۇشلاردىن يېتىرقىمايدۇ، ئانىسىغىمۇ چاپلىشىۋالمايدۇ، ئانىسى يوق بولسا كارى بولمايدۇ، ئانىسى ئۇنى كۆتۈرمەكچى بولغاندىمۇ ئانىسىنىڭ كۆتۈرۈشىنى خالىمايدۇ.

نېمىشقا بۇ ئىككى بالىنىڭ ئىپادىسى ئوخشىمايدۇ؟ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاپىسىغا تايىنىشى ئوخشاش ئەمەس.
تايىنىش بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن شەكىللىنىدىغان تۇنجى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتۇر، بالىنىڭ ياردەم تەلەپ قىلىش ۋە ھالىدىن خەۋەر ئېلىنىشنى تەلەپ قىلىشنىڭ بىر تۈرلۈك سىگنالى. تايىنىش ئادەملەرگە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ، ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىنىڭمۇ تەسىرى بولىدۇ، لېكىن تايىنىشچانلىقنىڭ تەرەققىياتى ئاساسەن بىر خىل شەكىلدە بولۇپ كەلگەن، ئۇ بالىنىڭ چوڭ بولۇشىغا ئەگىشىپ تەدىرىجىي ئۆزگىرىدۇ ۋە مۇرەككەپلىشىدۇ.
تايىنىش نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولبىنىڭ قارىشىچە، بالىنىڭ تايىنىشچانلىقى 4 باسقۇچقا بۆلىنىدىكەن:
بىرىنچى باسقۇچ: ئادەملەرگە پەرقسىز ئىنكاس بىلدۈرۈش، بالا تۇغۇلغاندىن 3 ئايلىق بولغۇچە بولغان باسقۇچتا ھەممە بالىلارنىڭ ئىنكاسى ئوخشاش بولىدىكەن، كۈلۈمسىرەپ، ئانىلىق ھورمۇننى قوزغىتىدىكەن.
ئىككىنچى باسقۇچ: تونۇشلارغا پەرقلىق ئىنكاس بىلدۈرۈش باسقۇچى، 3 ئايدىن 6 ئايغىچە بولغان جەرياندا بالا ياتلارغا قارىغاندا تونۇشلارغا بەكرەك ئىنكاس بىلدۈرىدىكەن، بولۇپمۇ ئانىسىغا ئۆزىنىڭ خۇشاللىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدىكەن.

ئۈچىنچى باسقۇچ: ئاكتىپلىق بىلەن يېقىنلىقنى ساقلاپ قېلىش باسقۇچى، 6 ئايلىقتىن 3 ياشقىچە بولغان بالىلاردا «ياتلاردىن خۇدۈكسىرەش» كۆرۈلىدىكەن، ئانىسى بىلەنلا بىللە بولۇشنى ياقتۇرىدىكەن.
تۆتىنچى باسقۇچ: تايىنىدىغان ئوبيىكىتنى مۇقىملاشتۇرىدىغان باسقۇچ، 3 ياشتىن كېيىن بالا بىلەن ئانىسى ياكى باشقا تايىنىدىغان ئوبيېكتى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئالاقە ئورنىتىپ بولىدىكەن، ئانىسىنىڭ ئېھتىياجىنى ئويلىيالايدىكەن، ھەرىكىتىنى پەرەز قىلالايدىكەن، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى ئوڭشايدىكەن.

ئەينىسۋورس بولبىنىڭ نەزەرىيىسى ئاساسىدا «ياتلار بىلەن بالىلار» ئوتتۇرىسىدا سىناق قىلغان. ئەينىسۋورس ئون نەچچە 1~2 ياشقىچە بولغان بالىلارنى تەجىرىبە ئوبيېكتى قىلغان بولۇپ، ئۇلارنى ناتونۇش بىر مۇھىتتا قويۇپ، ئانىسىدىن ئايرىۋېتىپ، ناتونۇش ئادەملەر بىلەن بىللە قويۇپ قويغان.
كۆزىتىش ئارقىلىق بۇ بالىلارنىڭ ئىنكاسى ۋە قىلمىشى بوۋاقلارنىڭ تايىنىشچانلىقىنىڭ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدىغانلىقىنى ئىسپاتلانغان يەنى بىخەتەر تۈر، ئۆزىنى قاچۇرىدىغان تۈر، زىددىيەتلىك تۈر.
بىخەتەر تۈرگە كىرىدىغان بوۋاقلار ئانىسىغا يېقىنلىشىشنى ياخشى كۆرىدىكەن، لېكىن ئانىسىنىڭ يېنىدا دائىم تۇرۇۋالمايدىكەن، خاتىرجەم ئويۇنىنى ئوينايدىكەن، ئانىسى ئايرىلغاندا ئوخشىمىغان دەرىجىدە غەلۋە قىلىدىكەن، ئانىسى قايتىپ كەلگەندە ئانىسىدىن تەسەللىي تەلەپ قىلىدىكەن، لېكىن ناھايىتى تېزلا تىنىچلىنىدىكەن. يات ئادەملەرنى كۆرگەندە ئارامسىزلىنىدىكەن، لېكىن ئاكتىپ يېقىنلاشمايدىكەن.

ئۆزىنى چەتكە ئېلىش تۈرىگە تەۋە بوۋاقلار ئانىسىدىن ئۆزىنى چەتكە ئالىدىكەن، ئانىسى ئايرىلغاندا ۋە قايتىپ كەلگەندە ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمەيدىكەن، روشەن ياتلاردىن يېتىرقاشمۇ كۆرۈلمەيدىكەن.
زىددىيەتلىك تۈرگە تەۋە بوۋاقلار ئانىسىغا نىسبەتەن ناھايىتى زىددىيەتلىك تۇيغۇدا بولىدىكەن. ئانىسى ئايرىلغاندا غەلۋە قىلىدىكەن-يۇ، قايتىپ كەلگەندە يەنە ئانىسىغا يېقىن كەلگىلى ئۇنىمايدىكەن، ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاندىن تىنىچلاندۇرغىلى بولىدىكەن. ياتلاردىن تېخى يېتىرقايدىكەن.
ئۇنىڭدىن كېيىنكى تەتقىقاتلاردا تۆتىنچى خىل تايىنىشچانلىق تۈرى تولۇقلانغان يەنى قالايمىقان تۈر. بۇنداق تۈرگە تەۋە بوۋاقلار بوۋاق ۋاقتىدا ھەرىكەت تەرتىپى بەكلا ناچار ئىكەن. ياتلاردىن يېتىرقايدىكەن، ئانىسى قايتىپ كەلگەندە بىر قاتار قالايمىقان ئىپادىدە بولىدىكەن، زىددىيەتلىك ئىشلارنى قىلىدىكەن، بەزىدە ئاتا-ئانىسىغىمۇ ناتونۇشلارغا مۇئامىلە قىلغاندەك ئېھتىياتچان بولۇپ كېتىدىكەن.

بوۋاقلارنىڭ تايىنىشچانلىقى ئانىسىنى ئۇلارنىڭ ئەڭ بىخەتەر بارگاھى دەپ ھېس قىلدۇرىدۇ، ئۇلار ئەتراپىدىكى مۇھىت ھەققىدە چۈشەنچىگە كەلگەندىن كېيىن بالا ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ مەنبەسىنى تاپىدىكەن. ئادەتتە بوۋاقلار تۇيۇقسىز ئاتا-ئانسىدىن ئايرىلىپ قالغاندا تايىنىش تۇيغۇسى زەربىگە ئۇچراپ، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەملەپ كېتىدۇ، «ئايرىلىش خاراكتىرىلىك تەشۋىشلىك ئالامىتى» كۆرۈلىدۇ.
بوۋاق ۋاقتىدا دائىم مۇشۇنداق ئالامەتنى ھېس قىلغان ھەمدە بۇ ئالامەتنى پەسەيتەلمىگەن بالىلار كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھېسسىي تەرەققىياتىدا نۇرغۇن مەسىلىلەر ساقلىنىپ چوڭ بولىدۇ.
ئۇنداقتا بالىلاردىكى بۇ خىل تەشۋىشنى قانداق قىلىپ پەسەيتكىلى بولىدۇ؟

بىر تەرەپتىن ئۇلار بىلەن كۆپرەك بىللە ئوينىشىپ بېرىش كېرەك، بالىنى كۆپرەك دوست تۇتۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش، باشقا كىچىك ھەمراھلىرى بىلەن ئوينىغاندا يېنىدا بىللە تۇرۇش، ئۇنىڭغا دوستلار بىلەن بىللە ئويناشنىڭمۇ بىخەتەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش كېرەك.
يەنە بىر تەرەپتىن باسقۇچلار بويىچە ئايرىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش يەنى بالىنىڭ يېشى ۋە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىغا ئاساسەن ئاستا-ئاستا ئايرىلىپ سىناپ بېقىش، بالىدا تۇيۇقسىز «ئايرىلىپ» قالغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويماسلىق بەك مۇھىم.

تېخىمۇ مۇھىمى بالىنى ئالدىماسلىق، ئوغىرلىقچە ئايرىلىپ چىقىپ كەتمەسلىك كېرەك، سىز بالىغا نېمە ئىش قىلغىلى بارىدىغانلىقىڭىزنى، قاچان قايتىپ كېلىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتسىڭىز بولىدۇ، ھەمدە چوقۇم ۋەدىڭىز بويىچە ۋاقتىدا قايتىپ كېلىشىڭىز كېرەك، بۇنداق جەريان بىر قانچە قېتىملاپ تەكرارلانغاندىن كېيىن بالىمۇ ئانىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئايرىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، خاتىرجەم بولىدۇ.

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تورغا چىقىپ بۇ بىر جۈملە سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز، شۇھام
دۆلىتىمىز ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋىتىلگەندىن كىيىن، 70،80،90-يىللىرى تۇغۇلغان كىشىلەر توپىنىڭ ھەرخىل ئىنكاس
ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئوخشاشمايدىغان بولۇپ، بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغىنى ئۆگىنىش نەتىجىسى ئەمەس، بەلكى ب
بالىلار ئۈچ ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن كىم بىلەن ئۇخلىسا شۇنىڭغا بەكرەك ئامراق كىلىدۇ ھەمدە شۇنىڭ ھەرىكەت ئادەتلىرى ۋە خارەكتىر ئالاھىدىلىكى
ئائىلىگە يىڭى بىر ھاياتلىق كۆز ئېچىشى، ئاتا-ئانسىنى خۇشال قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ. نۇرغۇن ئانىلار گەرچە بۇ پەيتتە چارچاپ ھال
بەزى بوۋاقلارنىڭ تىنى ئاجىز بولۇپ، ھاۋا ئازراق سۇۋۇپلا قالسا قىزىپ زۇكامداپ قالىدۇ؛ ئەمما دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتسە، بالىدا چ
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号