بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنى يۇيۇندۇرۇش بىر خىل ئىلىم!
ئەتىياز پەسلى، ھەممە نەرسە بىخلىنىپ چىقىدىغان مەزگىل، شۇنداقلا بالىلارمۇ تېز سۈرئەتتە ئۆسىدىغان ياخشى مەزگىل. بىراق، بالىلارنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى نىسبەتەن ئاجىز بولۇپ، بەزى مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك. بولۇپمۇ تۆۋەندىكى بەش خىل ئەھۋال ئاستىدا، بالىلارنى يۇيۇندۇرۇشقا بولمايدۇ.
قورسىقى ئاچ ۋاقىتتا يۇيۇندۇرماسلىق
بولۇپمۇ ئەتىگىنى ئاچ قورساق يۇيۇندۇرۇشقا بولمايدۇ. بەزىدە بالىلارنى كىچىسى بەك قېلىن يۆگەپ قويساق، ئۇلار تەرلەپ بەدىنى مايلىق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن؛ بۇنداق ئەھۋالدا، بەزى ئاتا-ئانىلار ئۇلارنى يۇيۇندۇرغاندىن كېيىن، پاكىزە كىيىملىرىنى كېيگۈزۈپ ئاندىن ئەتىگەنلىك ناشتا قىلغۇزىدۇ.
لېكىن، بالىلارنىڭ مىتابولىزىم سۈرئىتى تېز بولۇپ، ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرغاندا ئۇلارنىڭ ئاشقازىنى قۇرۇق بولىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا بالىلارنى يۇيۇندۇرساق، بالىلارنىڭ بەدىنىدىكى ئېنېرگىيەنىڭ خورىشىنى تېزلەشتۈرۋىتىمىز؛ بۇنداق ئەھۋالدا، بالىلاردا قاننىڭ قەنت مىقدارى تۆۋەنلەپ كېتىپ، ئۇلاردا ئاسانلا باش قېيىش كۆڭلى ئاينىش، قۇسۇپ ياندۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
تويۇنۇپ تاماق يەپ بولۇپلا يۇيۇندۇرۇشقا بولمايدۇ
ئاچ قورساق ۋاقىتتىن باشقا، تويۇنۇپ تاماق يەپ بولۇپلا يۇيۇندۇرۇشقىمۇ بولمايدۇ. نېمىشقا؟
بالىلار تويۇنۇپ ئۇزۇقلىنىپ بولغان ھامانلا دەرھال ئۇلارنى يۇيۇندۇرساق، بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئاشقازىنى كېرىلگەن ھالەتتە تۇرىدىغان بولغاچقا، ئاسانلا كۆڭۈل ئاينىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا نەپەس ئالالماي قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
شۇڭا، بالىلار تاماقلىنىپ بولغاندىن كېيىن، 2-1 سائەتنى ئۆتكۈزۈۋىتىپ ئاندىن يۇيۇندۇرۇش كېرەك.
قىزىغان ۋە قىزىتمىسى يانغاندىن كېيىنكى 48سائەت ئىچىدە يۇيۇندۇرۇشقا بولمايدۇ
بالىلار قىزىپ قالسا، ئاتا-ئانىلار ئۇلارنى چىڭ يۆگەپ تەرلىتىپ قىزىتمىسىنى قايتۇرىدۇ؛ كەينىدىن، قىزىتمىسى يانماي تۇرۇپ بەك تەرلەپ كەتكەن بولغاچقا، ئالدىراپ ئۇلارنى يۇيۇندۇرۇپ پاكىزلىماقچى بولىدۇ. لېكىن، بۇنداق قىلىشنىڭ بەلگىلىك خەتىرى بار.
ئالدى بىلەن، قارىغۇلارچە تەرلىتىپ قىزىتمىسىنى قايتۇرىمەن دېسەك، بالىلار تەرنى ۋاقتىدا چىقىرىپ بولالماي، بۇ سەۋەبلىك ئىسسىقلىق ئۇلارنىڭ بەدىنىدە يېغىلىپ قېلىپ، بەدەن تىمپىراتۇرىسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ھەمدە بۇ سەۋەبلىك ئوكسىگېن يىتىشمەسلىك، سۇسىزلىنىش، ھەتتا ھوشىدىن كىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ئىككىنچىدىن، قىزىپ قالغان بالىلارنى يۇيۇندۇرساق، قان تومۇر ۋە مۇسكۇللارنى غىدىقلاپ كېڭەيتىپ، بەدەندىكى ئاساسلىق ئەزالارغا قان يىتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ بۇنىڭدا، ئاسانلا ئوكسىگېن يىتىشمەي ھوشىدىن كېتىدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.
تېرىسى زەخىملىنىشكە ئۇچرىغان ۋاقىتتا يۇيۇندۇرۇشقا بولمايدۇ
تېرە زەخىملەنگەندىن كېيىن يۇيۇندۇرساق، سۇ تەركىبىدىكى باكتىرىيە ۋىرۇسلار ئاسانلا بەدەنگە ئۆتۈۋالىدۇ.
ئەگەر بالىلاردا چوڭ يۈزلۈك تېرە زەخىملىنىش يۈز بەرگەن بولسا، ئۇنداقتا ئۇلارنى يۇيۇندۇرماسلىق كېرەك؛ يۇيۇندۇرغان تەقدىردىمۇ، جفراھەت ئېغىزىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، سۇ تىگىپ قېلىشىدىن ساقلانماق لازىم. بولمىغاندا، جاراھەت ئېغىزى ئاسانلا ياللۇغلىنىپ، جاراھەت ئېغىزىنىڭ ساقىيىشىغا پايدىسىز بولىدۇ.
ھەرىكەت قىلىپ تەرلىگەندىن كېيىن دەرھال يۇيۇندۇرماسلىق
بالىلار قاتتىق ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىپ، پۈتۈن بەدىنىدىكى قان ئايلىنىش سۈرئىتى تېزلىشىدۇ ھەمدە مۇسكۇللارغا ۋە يۈرەككە ئېقىپ كىرگەن قان ئېشىپ، زور دەرىجىدە تەر چىقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بۇ ۋاقىتتا، بەدەندىكى تۈك تۆشۈكچىلىرى ئېچىلىدىغان بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالدا دەرھال يۇيۇنغان ۋاقىتتا، ئاسانلا سوغۇق ئۆتۈپ قېلىش ئېھتىماللىقى بولغاندىن باشقا، ئىسسىق سۇ تېرە مۇسكۇللاردىكى قان تومۇرلارنى غىدىقلاپ كېڭەيتىپ، يۈرەك ۋە مېڭىگە قان يىتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەبلىك باش قېيىش، كۆز تورلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

ئانىنىڭ ياسىنىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرۈشى ياكى كۆرمەسلىكى، بالىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ خىل تەسىر بالا قورامىغا يەتكەندىن كىيىن
يېقىندا بەزى ئانىلار سۆز قالدۇرۇپ، بوۋىقىنىڭ تەسلىم بولغانغا ئوخشاش قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرۋىلىپ ئۇخلايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇنداق ئەھۋ
يىڭى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ كۈتۈنىشىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئەگەر تۇغۇت كۈتۈنىشى ياخشى بولمىسا، كىيىلىك تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بۈگۈن ك
كىچىك بالىلاردا، ئادەتتە تاماق يىگەن ۋاقىتتا گېلىغا سۆڭەك ياكى باشقا يىمەكلىك تۈرۈپ قالىدىغان، ياكى بولمىسا بىرەر نەرسە ئويناپ يۈتۈپ س
ئايال كىشى ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھامىلدارلىق ئوتتۇرا ياكى ئاخىرىقى مەزگىللىرىدە، نۇرغۇنلىغان ھامىلدار ئاياللاردا ھەمىشە قورسىقى
ھامىلدار ئايال سەۋزىنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بەرسە، ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنى ئارقىلىق ھامىيلىگە ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ كۆزىگە پايدىلىق تەسىر
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号