ھەر بىر بالا بىر ئائىلىنىڭ ئۈمىدى، بولۇپمۇ ئايال كىشىنىڭ ھامىلدار بولۇشى، بىر نەچچە ئائىلە ئەزالىرىغا چېتىشلىق چوڭ ئىش بولۇپ قالىدۇ. گەرچە نۇرغۇنلىغان چوڭلار ھامىلدارلىقتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى بىلسىمۇ، ئەمما دەۋر ئوخشاش بولمىغانلىق سەۋەبىدىن، نۇرغۇن قاراشلاردە پەرق مەۋجۇت بولىدۇ.
بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قايسى "خەتەرلىك رايون"لاردىن ساقلىنىش كېرەكلىكىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
ئۇزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، تاماق يېمەسلىك
ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايالدا ھامىلدارلىقتىكى كۆڭلى ئاينىپ ياندۇرۇش ئىنكاسى كۆرۈلىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا، ھامىلدار ئايال مايلىق پۇراق ياكى غەلىتە پۇراق پۇرىسىلا كۆڭلى ئېلىشىپ كېتىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەبلىك بىر نەرسە يىيەلمەي، تاماقتىن زېرىكىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئاسانلا بەدەنگە ئۇزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقىپ، ھامىيلىنىڭ نورمال يىتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
ھامىلدار ئايال بەلكىم ئۆزى قورسىقى ئاچقاندەك ھېس قىلىپ، نەچچە ۋاخ تاماقنى ئاز يىگەنگە چوڭ تەسىرى بولماسلىقى مۇمكىن دەپ قارايدۇ؛ لېكىن، ھامىيلە بىلەن ھامىلدار ئايال، كىندىك بېغى ئارقىلىق تۇتىشىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئەگەر ھامىلدار ئايال ئۇزۇقلۇق قوبۇل قىلمىسا، ھامىيلىدە ئۆسۈش توختاپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

كېچىسى يول مېڭىشتىن ساقلىنىش
ھامىلدار ئايال ھامىلدارلىقنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرىقى مەزگىللىرىدە، ھەر كۈنى بىر قەدەر كۆپ تاماق يىگەنلىكى ئۈچۈن، ساغلاملىقنى ئويلىشىپ كەچ تەرەپلىرىدە سىرتقا چىقىپ سەيلى قىلىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق يېگەن تاماقنى ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئويلايدۇ.
لېكىن، كىچىسى سىرتتا كۆرۈش دەرىجىسى تۆۋەن بولۇپ، يول چىرىغى بار بولغان ئەھۋالدىمۇ، كۆرۈش دەرىجىسى يەنىلا كۈندۈز كۈنىگە يەتمەيدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، كىچىسى نۇرغۇنلىغان كىچىك ھايۋاناتلار سىرتقا چىقىپ پائالىيەت قىلىپ، ئاسانلا ھامىلدار ئايالنى قورقۇتۇپ قويۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىلدار ئايال كىچىسى يول مېڭىشتىن ئىمكان بار ساقلىنىشى كېرەك؛ چىققان تەقدىردىمۇ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا چىقىش ھەمدە ۋاقىتنى بەك ئۇزۇن قىلىۋەتمەسلىكى لازىم.

ئادەم كۆپ يەرگە بېرىشتىن ساقلىنىش
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال زېرىكىش ھېس قىلىپ ئۆيدە ئولتۇرالماسلىقى ھەمدە ھەمىشە سىرتلارغ چىقىشنى ئويلىشى مۇمكىن. لېكىن، ھامىلدار ئايالنىڭ ھەرىكەتلىنىشى قولايسىز بولۇپ، ئادەم كۆپ يەرلەردە ئاسانلا سوقۇلۇپ ياكى يېقىلىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا، باغچا قاتارلىق ئادەم كۆپ يەرلەرگە ۋە يەر ئاستى ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى قاتارلىق ھاۋا شالاڭ جايلارغا بېرىشتىن ئىمكان بار ساقلىنىش لازىم، بارغان تەقدىردىمۇ ئۇزۇن تۇرماسلىقى لازىم. ھامىلدارلىق ئوتتۇرا ۋە ئاخىرىقى مەزگىللىرىدە، ھامىلدار ئايالدا ھەر ۋاقىت باش قېيىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن بولىدۇ؛ شۇڭا سىرتلارغا چىققاندا خالىغانچە ئىش كۆرمەي، دوستلىرى ياكى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا چىقىش، ئۆزى يالغۇز بىر يەرگە بارماسلىق كېرەك.

دۈم ياتقان ۋاقىتتا، بوۋاقلار ئۆزىنى تىرەپ كۆتۈرۈگەندە، ئاندىن ئانىسىنى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى كۆرەلەيدۇ؛ بۇ جەرياندا، بوۋاقنىڭ باش قىس
ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ
ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە
ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە
ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号