بىخەتەر بالا تەربىيەلەشتە جىسمانىي بىخەتەرلىك ئەڭ مۇھىم
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 19979:قېتىم كورۇلدى
   بالىلار بىخەتەرلىكىگە ئائىت خەۋەرلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە، چۈنكى بالىلارنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئىشلارغا بولغان قىزىقىشى بارغانسېرى كۈچەيگەچكە، ئۇلار توغرا-خاتالىقىنى ئۇقالماي ھەممىنى سىناپ بېقىشقا ئۇرۇنىدۇ. تۇرمۇشتا، ھەممىلا جايلاردا بىخەتەرلىك يۇشۇرۇن خەۋپلىرى مەۋجۇت؛ شۇڭا بالىلارغا بىخەتەرلىك تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش، ئائىلە تەربىيەسى ۋە مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا ئايلانغان. لېكىن، بىز ھەر ۋاقىت بالىلارنىڭ يېنىدا ھەمراھ بولۇپ تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ بولالمىغاچقا، ئۇلارغا نېمىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى توغرا پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگىتىش ھەممىدىن مۇھىمدۇر.
بالكوندىن يىراق تۇرۇش
   بالىلارنىڭ بالكوندا ئوينىشىنى ۋە قولىنى بالكوننىڭ سىرتىغا چىقىرىشىنى ئىمكان بار توسۇپ، ئۇلارنىڭ ئېھتىياتسىزلىقتىن بالكوندىن پەسكە چۈشۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
لىفىتقا ئولتۇرۇش
   بالىلارغا ئاپتوماتىك ئايلىنىدىغان لىفىتقا ئولتۇرغان ۋاقىتتا، لىفىت تۇتقۇچىنى تۇتۇپ جىم تۇرۇشنى ئۆگىتىش، لىفىتتە يۈگرەپ ئوينىشىغا يول قويماسلىق كېرەك. لىفىت تۇتقۇچىدا سىيرىلىپ ئويناش قاتارلىق خەتەرلىك ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلۈشىگە تېخىمۇ يول قويماسلىق لازىم. بۇندىن باشقا، تىك شەكىلدە چىقىپ چۈشىدىغان لىفىتتا، ئىشىكنىڭ قولنى قىسىۋىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بالىلارنىڭ ئىشىك ئوينىشىنى توسۇش كېرەك.
ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغاندا
   ئەڭ ياخشىسى بالىلار بىخەتەر ئورۇندۇقى سەپلەش لازىم، ئەگەر بالىلار بىخەتەر ئورۇندۇقى سەپلىمىگەن بولساق، ئۇنداقتا بالىلارنى كەينى ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇش ھەمدە ئىشىكنى چىڭ قۇلۇپلاپ، ئىشىك دېرىزىلىرىنى تولۇق چىقىرىۋىتىش كېرەك. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بالىلارغا ئىشىكنى ياكى دېرىزىنى ئېچىشقا بولمايدىغانلىقىنى جىكىلەش ۋە ئاپتوموبىلدا بالا بار ۋاقىتتا، ئاپتوموبىلنى ئىمكان بار ئاستا ھەيدەش كېرەك.
   ئاتا-ئانىلار، بالىلارنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرمەك لازىمدۇر؛ بولمىغاندا، تاساددىپىي ئەھۋال كۆرۈلۈپ قالسا، پۇشايمان قىلغانغا ئورنىغا كەلمەيدۇ.

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر ي

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号