ھازىرقى كۆپ قىسىم ئائىلىلەردە 2-1بالا بار بولۇپ، بۇنىڭغا ئاتا-ئانىسىنىڭ كىچىك ۋاقتىدا چوڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى قوشۇلۇپ، بالىغا زىيادە ئامراقلىق قىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋال، بالىلارنىڭ پەقەت تەلەپ قىلىشنىلا بىلىدىغان، مىننەتدار بولۇشنى بىلمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ، چوڭ بولغاندىمۇ ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادار بولۇشنى بىلمەيدۇ.
كۆپ قىسىم ئەھۋاللاردا، ئاتا-ئانىلار بالىسىنى مولچىلىقتا باقىدۇ، پەقەت بالا ئىرىشىشنى ئويلايدىغانلا نەرسە بولسا، قولىدىن كەلسىلا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قانائەتلەندۈرىدۇ؛ ھەتتا يېڭى سېتىۋىلىپ كەلگەن مىۋىنى تەملىك ئەمەسكەن دەپ تاشلىۋەتسىمۇ، ئاتا-ئانىلار كۆپ پۇللۇق نەرسە ئەمەس دەپ قاراپ، بالىسى بىلەن چاتىغى بولمايدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، بالا ئۆيدىكى مەلىكە ياكى شاھزادىگە ئايلىنىپ، ئازراقلا كۆڭلىگە ياقمايدىغان ئىشلار بولۇپ قالسا ئاچچىقلىنىپ كېتىدۇ ياكى يىغلاپ خاپا قىلىدۇ.

بۇ خىل ئەھۋال ئائىلىدە بەك كۆرۈنەرلىك گەۋدىلىنىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما بەزى بالىلار مەكتەپتە يولسىز زومىگەرلەرگە ئۆزگىرىپ، ھەمىشە باشقىلارنى بوزەك قىلىدىغان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا، بالىلار مەكتەپتە باشقا كىچىك بالىلار تەرىپىدىن يالغۇز قالدۇرۇپ، ئۇلار بىلەن بىللە ئويناشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. لېكىن، مۇئەللىملەر بۇ ئەھۋالنى بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئىنكاس قىلسا، كۆپىنچە ئاتا-ئانىلار بالىسىنى تەنقىد قىلىشقا كۆزى قىيماي، ئۇلارغا تەربىيە ئىشلىمەيدۇ. بىراق بىزنىڭ تەۋسىيە قىلىدىغىنىمىز، ئاتا-ئانىلار بالىنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتمەي، بۇنداق ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا تەربىيە ئىشلەپ تۈزىتىشى كېرەك.

ئالدى بىلەن، بالىلارنىڭ خاتالىقىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىپ، ئۇلارغا خاتالىقىنى تونۇتۇش ھەمدە ۋاقتىدا ئۆزگەرتىشىگە ياردەملىشىش كېرەك. بۇندىن باشقا، ئاتا-ئانىلار يەنە، بالىغا قايسى خىل خاتالىقلارنى سادىر قىلسا بولمايدىغانلىقىنى، ئەگەر خاتالىق سادىر قىلسا قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىشقا تىگىشلىك بولىدىغانلىقىنى ئېنىق تونۇتۇشى كېرەك.
ئىككىنچىدىن، بالىلارغا ياردەملىشىپ، خاتالىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتلەرنى تەھلىل قىلىش لازىم. خاتالىق كۆرۈلۈپ بولغاندىن كېيىن، بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئالدىنى ئالىمەن دېيىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق، شۇڭا كۆڭلىمىزنى تىنچ تۇتقان ھالدا بالىلارغا ئانالىز قىلىپ، خاتالىقنىڭ قانداق يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش لازىم.
ئەلۋەتتە، ئەڭ مۇھىم بولغىنى، يەنىلا ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى توغرا يىتەكلىشى بولۇپ، بالىلارغا قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى، قانداق قىلسا توغرا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش كېرەك. بۇنىڭدا، بالىلاردا توغرا خاتالىق تونۇشى پەيدا بولۇپ، ئوخشاش خاتالىقنى ئىككىنچى قېتىم قايتا سادىر قىلمايدۇ.