بىر ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا بۇ يېمەكلىكلەرنى ئاز يىگۈزۈڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 13622:قېتىم كورۇلدى
   ئاتا-ئانا بولغۇچىلار، ھەمىشە بالىلارغا ئەڭ ياخشى، ئەڭ بىخەتەر، ئەڭ ساغلام بولغان يېمەكلىكلەرنى بىرىشنى ئويلايمىز؛ لېكىن ئۆزىمىزمۇ سەزمىگەن ھالدا، بالىلارنى يېمەكلىك سەۋەبىدىن زەخىمگە ئۇچرىتىپ قويىمىز.
   بىر ياش ئىچىدىكى بالىلارغا، تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەرنى يىگۈزمەسلىك ياكى ئاز يىگۈزۈش كېرەك.
پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر
   پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىل، ئەسلىدىنلا ئاسان رىئاكسىيە قىلىدىغان مەنبە بولۇپ، بۇنىڭغا زور مىقداردىكى ساخارىدلارنىڭ ئاسان ھەزىم بولماسلىقى قوشۇلۇپ، قورساق قىسىم مۇسكۇللىرى نىسبەتەن نېپىز بولغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن، ئاسانلا قورساق ئىسىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
   شۇنىڭ ئۈچۈن، پۇرچاق سۈتى، دۇفۇ قېقى، دۇفۇ، قىزىل پۇرچاق ۋە يېشىل پۇرچاق قاتارلىق پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى، بوۋاققا ناگاندا بىر يىگۈزسەك بولىدۇ، ئەمما بەك كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.
ھەسەل
   ھەسەل ياخشى نەرسە، بولۇپمۇ ھەر كۈنى ئەتىگەن ئاچ قورساققا بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيى ئىچىپ بەرسەك، قەۋزىيەتكە قارىتا ناھايىتى ياخشى داۋالاش ئۈنۈمى كۆرسىتىدۇ.
   لېكىن، ھەسەل ئىچىپ باققانلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، ھەسەلنى ئىلمان سۇدا ئىرىتىپ ئىچىش كېرەك؛ چۈنكى، ھەسەلنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدا، ئۇنىڭ تەركىبى قىسىمىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتماسلىق ئۈچۈن، يۇقىرى تىمپىراتۇرىدا باكترىيە ئۆلتۈرۈش قىلىنمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ھەسەل تەركىبىدە بەزىبىر باكتېرىيە ۋىرۇسلار بار بولۇپ، بىر ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
يېڭى كالا سۈتى
   يېڭى كالا سۈتىنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى مول، ئەمما بىر ياش ئىچىدىكى بالىلار بۇ ئۇزۇقلۇقلارنى ھەزىم قىلىپ سۈمۈرەلمەسلىكى مۇمكىن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، بەزىبىر مىنرالنى ماددىلار بالىلارنىڭ بۆرىكىنىڭ بېسىمىنى ئېغىلىتىۋىتىشى مۇمكىن بولۇپ، بالىلاردا ئاستا خاراكتېرلىك سۇسىزلىنىش، چوڭ تەرىتى قۇرغاق كىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
   بىر ياش ئىچىدىكى بالىلارغا نىسبەتەن، ئانا سۈتى ئەڭ ياخشى، ئۇندىن قالسا، بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىدە ئېھتىياجلىق بولغان ئۇزۇقلۇقلارنى پۈتۈنلەي قامداپ بىرەلەيدىغان رىتسىپلىق سۈت پاراشوكى بولسىلا بولىدۇ.
ئاقسىل
   تۇخۇم تەركىبىدە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل ۋە كۆپ خىللىغان مىنرالنى ماددىلار ۋە ۋىتامىنلار بار، شۇڭا بالىلارغا قوشۇمچە يېمەكلىك يىگۈزۈشتىكى ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ.
   لېكىن، بىر ياش ئىچىدىكى بالىلارنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى، بۇ خىلدىكى مول ئۇزۇقلۇقلارنى تېخى كۆتۈرەلمەيدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاقسىلدىكى بەزى تەركىبلەر ئاسانلا رىئاكسىيە پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، بوۋاقلارغا قوشۇمچە يېمەكلىك يىگۈزۈشنى باشلىغاندا، ئاۋۋال تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى يىگۈزۈشنى ئويلىشىش كېرەك.

بوۋاقلارنىڭ دۈم يېتىشىنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

دۈم ياتقان ۋاقىتتا، بوۋاقلار ئۆزىنى تىرەپ كۆتۈرۈگەندە، ئاندىن ئانىسىنى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى كۆرەلەيدۇ؛ بۇ جەرياندا، بوۋاقنىڭ باش قىس

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号