بالىلىرىمىزنى ھۆرمەتلەشنى بىلىڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 14060:قېتىم كورۇلدى
   ھازىر، بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، بالىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، بالىلارنى قوغدايدىغان بىر ئىجتىمائىي مۇھىت بەرپا قىلىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك. چۈنكى، دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسى مەلۇم بىر ئادەمنىڭ كەلگۈسى ئەمەس، ھەر بىر دۆلەت پۇقراسىنىڭ ئورتاق كەلگۈسى؛ بالىلارمۇ مەلۇم بىر ئادەمنىڭ بالىسى ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ بالىمىز!
   مەيلى كىم بولۇڭ، قەيەردە بولماڭ، قانداق ئىش يۈز بەرگەن بولمىسۇن، ھەرگىز بالىغا يۇقىرى ئاۋازدا ۋاقىراپ ئاچچىقلانماڭ، زورۋانلىق ئىشلىتىدىغان ئەھۋال تېخىمۇ بولمىسۇن.
   مەيلى كىم بولۇڭ، قەيەردە بولماڭ، بىر بالا سىزگە ئۆزىنىڭ پىكىرىنى ئىپادىلىسە، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ تۇرۇپ ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلاڭ.
   مەيلى كىم بولۇڭ، قەيەردە بولماڭ، سىز بىر بالا بىلەن سۆزلەشمەكچى بولسىڭىز، زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، بالا بىلەن ئوخشاش ئېگىزلىكتە تۇرۇپ ھەم ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ تۇرۇپ سۆزلەڭ.
   مەيلى كىم بولۇڭ، قەيەردە بولماڭ، بالىلارنىڭ تاللاش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىڭ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ قىزىقىشى ۋە خاھىشىغا ھۆرمەت قىلىڭ، ئۆزىڭىزنىڭ ئىدىيىسىنى ئۇلارغا مەجبۇرى تاڭىمەن دېمەڭ.
   مەيلى كىم بولۇڭ، قەيەردە بولماڭ، قانداق ئىش يۈز بەرگەن بولمىسۇن، بالىلارغا ھەرگىز "يەنە مۇشۇنداق قىلساڭ، ئاپاڭ(داداڭ) سېنى تاشلىۋىتىدۇ" دەپ ئېيتماڭ.
   مەيلى كىم بولۇڭ، قەيەردە بولماڭ، بالىلارنىڭ رېتىمىغا ھۆرمەت قىلىڭ، ئۇلارنى ئالدىرىتىش، ئەيىبلەش ياكى ئۇلاردىن قاقشاش ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرىمەن دېمەڭ.
   مەيلى كىم بولۇڭ، قەيەردە بولماڭ، بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ نەرسىلىرىگە بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە تەقسىملەش ھوقۇقىنى ھۆرمەت قىلىڭ؛ ئەخلاقنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، بالىلارغا ئۆزلىرىنىڭ بۇيۇملىرىنى باشقىلار بىلەن ھەمبەھىرلىنىشكە نەسىھەت قىلماسلىقىمىز ياكى تەلەپ قىلماسلىقىمىز كېرەك.
   مەيلى كىم بولۇڭ، قەيەردە بولماڭ، يىغلاۋاتقان بالىنى كۆرسىڭىز، بالىلارنىڭ كەيپىياتىغا رۇخسەت ۋە بوشلۇق بىرىڭ ھەمدە سەۋرچان بولۇپ توغرا چۈشىنىڭ.
   مەيلى كىم بولۇڭ، مۇمكىن بولغان ئەھۋال ئاستىدا، بالىلار بىرەر ئىشقتا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرگەن بولسا، ئۇلارغا دەخلى قىلماڭ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ۋاقتى ۋە ئارزۇسى بويىچە بىر ئىشنى تاماملىشىغا شارائىت يارىتىپ بىرىڭ.

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر ي

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号