ھامىلدارلىقتىكى باش سۈيى كەملەپ كەتكەنلىكنىڭ ئالامەتلىرى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 14369:قېتىم كورۇلدى
   باش سۈيى، بوۋاق ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدا ھايات كەچۈرۈشتە تايىنىدىغان مۇھىم بولۇپ، ئۇلار ئۈچۈن سىرتقى مۇھىتنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىدىغان تەبىئىي توسۇق رولىنى ئويناپلا قالماي، يەنە بالىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ-يېتىلىشىنى تۇراقلىق تىمپراتۇرا بىلەن تەمىنلەيدۇ.
   ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ئادەتتە ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى ئۈچ خىل سىگناللار كۆرۈلسە، بۇ باش سۈيىنىڭ ئازلاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ھامىيلە مىدىرلىغان ۋاقىتتا قورساقتا ئاغرىق تۇيغۇسى پەيدا بولسا
   ئادەتتە ھامىلدارلىق 18-ھەپتىسىدىن كېيىن، ھامىلدار ئايال قورسىقىدىكى بالىنىڭ مىدىرلىغانلىقىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ھېس قىلالايدىغان بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ھامىلدار ئايال بىلەن بالا ھېسسىيات ئالماشتۇرالايدىغان بولىدۇ؛ بۇندىن باشقا، ھامىيلىنىڭ مىدىرلاش ئەھۋالىغا قاراپ بوۋاقنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ.
   ئەگەر ھامىلدار ئايال، ھامىيلە مىدىرلىغان ۋاقىتتا تۇيۇقسىز قورسقىدا ئاغرىق تۇيغۇسى پەيدا بولغانلىقىنى بايقىسا، بۇ بەلكىم بالىنىڭ باش سۈيى يىتىشمىگەنلىك سىگنالى تارقىتىۋاتقانلىقىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى باش سۈيى كېمەيگەن ۋاقىتتا، بەدەن ئىچىدىكى تەمىنلەش يىتىشمەي، ھامىيلە بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەبلىك قورساقتا تىركىشىپ تېخىمۇ قاتتىقراق ھەرىكەتلىنىپ، ئانىنىڭ قورسىقىدا ئاغرىش تۇيغۇسى پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ھامىلدار ئايالنىڭ كىچىك تەرىتىدە بىنورماللىق كۆرۈلىدۇ
   نورمال ئەھۋال ئاستىدا، ھامىلدار ئايالنىڭ ھامىلدارلىق ھەپتىسىنىڭ ئېشىشىغا ۋە ھامىيلىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، بالىياتقۇنىڭ دوۋساققا چۈشۈرىدىغان بېسىمى تەدرىجىي ئاشىدۇ، شۇڭا ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايالدا سۈيدۈك قىستاش، سۈيدۈك كۆپىيىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
   ھامىلدار ئايال، ئەگەر ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلىدە كىچىك تەرەت قېتىم سانىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئازايغانلىقىنى، كىچىك تەرەتىنىڭ ئاز ھەم سېرىققا مايىل كەلگەنلىكىنى بايقىسا، بۇ بەلكىم بەدەندە سۇ كەمچىل بولغانلىق ھەم باش سۈيى يىتىشمەي قالغانلىقنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.
قورساق قىسىمدا ھەمىشە ئاغرىق تۇيغۇسى پەيدا بولۇش
   ئادەتتە، ھامىيلە مىدىرلىشى سەۋەبلىك، ھامىلدار ئايالنىڭ قورساق قىسىمدا يېنىك دەرىجىدە بىئاراملىق كۆرۈلۈش نورمال ئەھۋال؛ لېكىن، بىر بۆلەك ۋاقىت ئىچىدە، قورساق قىسىمدا دائىم ئاغرىش تۇيغۇسى كۆرۈلسە، بۇمۇ بەلكىم باش سۈيى يىتىشمىگەنلىكنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر ي

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号