مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بالا تەربىيەسى ھەققىدە بەرگەن تەكلىپلىرى
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 11035:ئادەم ئۆگەندى
   بۈگۈن بىز كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، پىسخولوگىيە مۇتەخەسسىسى پانتون دوكتورنىڭ بالا تەربىيەلەش ھەققىدە بەرگەن تەكلىپلىرىنى رەتلەپ سۇندۇق، پايدىلىنىڭ!
بالىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تونۇش
   بالىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇپ ۋە يىتىلدۈرۈپ، ئۇلارنى ھەر خىل قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن ۋاقىتتا ئۆزىگە ئىشەنچى بار قىلىش.
   بالىلارنىڭ غۇرۇرى قوغداشقا ئىرىشسە، ئۇلار ئۆزىنىڭ ناچار قىلمىشىنى قانداق تۆزىتىشنى ئاڭلاشنى خالايدىغان بولىدۇ.
بالىلارنى جازالاش ئۇلارنى ماختاپ مۇكاپاتلىغاندەك ئۈنۈملۈك ئەمەس
   بالىلارنىڭ ئاجىزلىقىغىلا ئېسىلىۋالماڭ، بەلكى ئۇلارنىڭ يۇشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئېچىشقا ياردەملىشىڭ! بالىلار رىغبەتلەندۈرۈشكە ئېرىشكەن ۋاقىتتا، ئۇلار ئۆزىدىكى كەمچىلىكنى تۈزىتىش ئىقتىدارىغا ئىرىشەلەيدۇ.
پاسسىپ ھېسسىيات ئىنكاسىدىن ساقلىنىش
   بالىلار باشقۇرۇشقا بويسۇنمىغان ۋاقىتتا، پاسسىپ كەيپىيات ئۇلارنى تېخىمۇ بەكرەك باشقۇرالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاددىي ھەم مۇلايىم بولغان تەكلىپلەر بىلەن ئۇلارنى دىققەت قىلىشقا ئۈندەش كېرەك. مەسىلەن، بالىغا "دىققىتىڭىزنى يېغىپ ئۆگىنىش قىلىڭ" دېمەكچى بولسىڭىز، بۇنى ئاددىيلا قىلىپ "ئۆگىنىش" دەپ ئەسكەرتىپ قويسىڭىز بولىدۇ.
بالىلارنى باشقا بىر تۇغقانلىرى بىلەن سېلىشتۇرماسلىق
   ئەگەر بالىلار ئاتا-ئانىسى باشقا باشقا بالىلىرىنى بەكرەك ياخشى كۆرىدىغاندەك ھېس قىلىپ قالسا، بالىلاردا بىر ئۆمۈر باشقا بىر تۇغقانلىرى بىلەن قارشىلىشىش پىسخىكىسى شەكىللىنىپ، ئائىلە زىددىيىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئېھتىياجلىق ۋاقىتتا ياردەم بىرىشىڭىز كېرەك
   بەزىدە، بىز بەزىبىر پاسسىپ ئۇسۇللار ئارقىلىق بالىلارغا تەربىيە بىرىمىز، بۇنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. لېكىن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتلاردا، بىز ئۇلارغا كەسپى ئۇسۇلدا يىتەكچىلىك قىلىپ، ھەر ۋاقىت ئىدراكلىقنى ساقلىشىمىز ۋە بالا بېقىش كەچمىشىدىن ھۇزۇرلىنىشنى بىلىشىمىز كېرەك.
بالىلار ئاكتىپ ھالدىكى دىققەت قىلىشقا مۇھتاج
   ئەگەر بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ ئاكتىپ ھالەتتىكى دىققەت قىلىشىغا ئىرىشەلمىسە، ئۇلار پاسسىپ ھالدا دىققەت قىلىشقا ئىرىشىشنى ئىزدەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلارغا نىسبەتەن، پاسسىپ دىققەت قىلىشمۇ دىققەت قىلىش ھېسابلىنىدۇ، نەزەردىن ساقىت قىلىنىشتىن ياخشى دەپ قارايدۇ. شۇڭا بالا بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشنى ئۇنۇتماڭ، مۇھەببەت بىلەن كۆڭۈل بۆلۈش، ئەڭ ياخشى دورىدۇر.
بالىلارنىڭ تورغا چىقىشىنى كونترول قىلىش
   ئەگەر بالىلارنىڭ تورغا چىقىشىنى كونترول قىلمىساق، بالىلار ئاسانلا خەتەرلىك يولغا كىرىپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بالىلارنىڭ يانفون ئوينىشىغا قارىتا، مۇۋاپىق تۈردە قەتئى كونترول قىلىش كېرەك.
ئۈلگىلىك ئاتا-ئانا بولۇش
   بالىلار كۆپەيتىش ماشىنىسىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ بارلىق قىلمىشلىرىنى دوراپ ئۆگىنىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ قىلمىشىڭىز نامۇۋاپىق بولسا، بۇ بالىلارنى يامان يولغا باشلىغانلىق بولۇپ قالىدۇ.
بالىلاردىن ۋاز كەچمەسلىك
   بالىلاردىكى ھەر قانداق مەسىلىنى يۇمۇرىستىك، مۇھەببەتلىك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزگەرتىۋىلىشقا بولىدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ توغرا ئۇسۇلدىكى قوللىشى ۋە ياردىمى، ئەڭ كەپسىز بالىلارنىمۇ قالتىس ئادەملەرگە ئايلاندۇرىۋىتەلەيدۇ.

ئانىنىڭ ياسىنىشنى ياخشى كۆرۈش كۆرمەسلىكى بالىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

ئانىنىڭ ياسىنىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرۈشى ياكى كۆرمەسلىكى، بالىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ خىل تەسىر بالا قورامىغا يەتكەندىن كىيىن

بوۋاقلارنىڭ "تەسلىم بولۇش" شەكلىدىكى ئۇخلاش ھالىتى

يېقىندا بەزى ئانىلار سۆز قالدۇرۇپ، بوۋىقىنىڭ تەسلىم بولغانغا ئوخشاش قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرۋىلىپ ئۇخلايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇنداق ئەھۋ

تۇغۇتتا ياخشى كۈتۈنمىسىڭىز بۇ ئۈچ ئىشتىن قۇتۇلالمايسىز

يىڭى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ كۈتۈنىشىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئەگەر تۇغۇت كۈتۈنىشى ياخشى بولمىسا، كىيىلىك تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بۈگۈن ك

بالىلارنىڭ گېلىغا نەرسە تۈرۈپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك

كىچىك بالىلاردا، ئادەتتە تاماق يىگەن ۋاقىتتا گېلىغا سۆڭەك ياكى باشقا يىمەكلىك تۈرۈپ قالىدىغان، ياكى بولمىسا بىرەر نەرسە ئويناپ يۈتۈپ س

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قورسىقىڭىزنى قولىڭىزدا تاتىلىماڭ

ئايال كىشى ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھامىلدارلىق ئوتتۇرا ياكى ئاخىرىقى مەزگىللىرىدە، نۇرغۇنلىغان ھامىلدار ئاياللاردا ھەمىشە قورسىقى

بوۋاقنىڭ كۆزلىرى چىرايلىق تۇغۇلۇشقا پايدىلىق يېمەكلىكلەر

ھامىلدار ئايال سەۋزىنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بەرسە، ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنى ئارقىلىق ھامىيلىگە ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ كۆزىگە پايدىلىق تەسىر

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号