ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى چۈشلۈك ئۇيقۇنىڭ پايدىسى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 14607:قېتىم كورۇلدى
   ھامىلدار بولغاندىن كېيىن، كۆپ قىسىم ئاياللاردا ئاسانلا چارچاپ قالىدىغان ھەم ئۇيقۇ تۇتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ؛ بۇ، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى نورمال ئەھۋال. لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ھامىلدار ئايالنىڭ قورسىقى بارغانسېرى يوغىناپ، بەدەندىكى ھەر قايسى ئەزالار يۇقىرى بېسىم ئاستىدا خىزمەت قىلىشقا باشلايدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، چۈشلۈك ئۇيقۇ تېخىمۇ مۇھىم بولۇپ قالىدۇ. ئۇنداقتا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى چۈشلۈك ئۇيقۇنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟
بوۋاقنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ
   ھامىيلە يېتىلىپ ئۈچ ئايلىق بولغان ۋاقىتتا، چوڭ مېڭىسى يېتىلىشتىكى ئالتۇن مەزگىلگە كىرىدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ھامىلدار ئايال ھەر خىل "ئۇزۇقلۇق"لارنى قوبۇل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك: ئالدى بىلەن يېمەكلىك جەھەتتە، ئىكككىنچى بولۇپ روھى ئۇزۇق جەھەتتە. ھامىلدار ئايال ياخشى روھى ھالەتنى ساقلاپ، ياخشى ئارام ئالسا، قورساقتىكى بوۋاقمۇ يىتەرلىك دەرىجىدە ئارام ئېلىشقا ئىرىشىپ، تۇغۇلغاندىن كېيىنكى ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ.
بوۋاقنىڭ ئىممونت كۈچى ۋە كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ
   تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، ئەگەر ھەر كۈنى چۈشتە يېرىم سائەت ئۇخلاپ بەرسەك، ئادەمنىڭ بەدىنىدىكى ھورمۇن سەۋىيىسى تەڭپۇڭلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىدىكەن ھەمدە بۇ ئارقىلىق تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكى ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدىكەن. ئەگەر ھامىلدار ئاياللارمۇ ھەر كۈنى چۈشتە ئازراق ئۇخلاپ ئارام ئالسا، بەدىنىدىكى ھورمۇن سەۋىيىسىنىڭ تۇراقلىقىنى ساقلاشقا پايدىلىق بولۇپ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاشىدۇ. ئەگەر ھامىلدار ئايال كېسەل بولماي ساق تۇرسا، بوۋاقنىڭ ئىممونىت كۈچىمۇ تەبىئىيلا كۈچىيىدۇ.
بوۋاقنىڭ ئارام ئېلىش ئادىتى تېخىمۇ قانۇنىيەتلىك بولىدۇ
   ئەمەلىيەتتە، بوۋاقنىڭ تۇغۇلغاندىن كېيىنكى ئۇخلاش ۋاقتى، ئانىنىڭ ھامىلدارلىق ۋاقتىدىكى ئۇخلاش ۋاقتى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولىدۇ. ئەگەر ھامىلدار ئايال ھەر كۈنى چۈشتە ئۇخلاپ ياخشى بىر ئارام ئېلىش تەرتىپىنى شەكىللەندۈرسە، قورساقتىكى ھامىيلىمۇ بۇنى ھېس قىلىپ يىتەلەيدۇ، تۇغۇلغاندىن كېيىنكى ئارام ئېلىش ئادىتىمۇ تەبىئىيلا قانۇنىيەتلىك بولىدۇ.

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر ي

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号