بوۋاقلارغا قوشۇمچە يىمەكلىك قوشقاندا قانداق قوشۇش كېرەك؟
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 15314:قېتىم كورۇلدى
   نۇرغۇنلىغان بوۋاقلار، دانلىق زىرائەت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىلار بوۋاقلار سۇلۇسى ياكى مىفىن سېتىۋېلىپ، رىتسىپلىق سۈت پاراشوكى ياكى ئانا سۈتىگە چىلاپ بالىغا يىگۈزىدۇ. لېكىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغىنى، سېتىۋالغىنىمىز چوقۇم بوۋاقلار مەخسۇس ئىشلىتىدىغان بولۇش كېرەك. چۈنكى، بوۋاقلار مەخسۇس ئىشلىتىدىغان يېمەكلىكتە، ئۇلارنىڭ ياش مەزگىلىدە ئېھتىياجلىق بولغان ھەر خىل ئۇزۇقلۇق تەركىبلەر بار بولۇپلا قالماي، بىرلا ۋاقىتتا بەك كۆپ تۇز مىقدارى بولمايدۇ.

   ئەگەر بوۋاق ئىزچىل تۈردە ئانا سۈتى بىلەن ئۇزۇقلاندۇرۇلغان بولسا، ئۇنداقتا بوۋاقلار، مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان يېمەكلىكلەر تەركىبىدىن نۇرغۇنلىغان ئۇزۇقلۇق ماددىلارغا ئېرىشەلەيدۇ؛ بۇ خىل ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ئۇلارنىڭ بەدىنىگە سۈمۈرۈلۈشى ئىنتايىن ئاسان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالتە ئايلىق بولغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن پايدىلىق.
   بالىلارغا قوشۇمچە يېمەكلىك قوشقان ۋاقىتتا، ئىمكان بار ھەر كۈنى يېڭى بىر خىل يېمەكلىك يىگۈزۈش ھەمدە ئۈچ كۈن داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن ئاندىن باشقا بىر خىل يېمەكلىككە ئالماشتۇرۇش كېرەك. ھەر قېتىم بالىغا يېڭى يېمەكلىك يىگۈزگەندىن كېيىن، بوۋاقنىڭ بۇ خىل يېمەكلىككە بولغان ئىنكاسىنى كۆزىتىش كېرەك؛ مەسىلەن، كۆڭلى ئاينىپ قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش ياكى تەمرەتكە قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن ياكى كۆرۈلمىگەنلىكىگە قارايمىز. ئەگەر بوۋاقتا يۇقىرىدىكى ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئۇنداقتا بۇ خىل يېمەكلىكنى يىگۈزۈشنى دەرھال توختىتىش ياكى بوۋاقنى دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك.
   بوۋاققا قوشۇمچە يېمەكلىك يىگۈزۈشنى باشلىغان ئۈچ ئايدا، بوۋاقنىڭ يېمەكلىكى ئاساسلىقى ئانا سۈتى، سۇلۇ پارچىسى، كۆكتات، گۆش تۈرى، تۇخۇم ياكى مىۋە قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىش ھەمدە بۇ يېمەكلىكلەرنى بوۋاقنىڭ كۈندىلىك ئۈچ ۋاخ تامىقىغا مۇۋاپىق تۈردە قوشۇپ يىگۈزۈش كېرەك.
   بوۋاق ئۆزى ئولتۇرالايدىغان بولغاندا، ئاتا-ئانىلار كىچىكرەك يىمەكلىكلەرنى بالىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ، ئۇلارغا ئۆزى يىيىشنى ئۆگەتسەك بولىدۇ. كۆپ قىسىم بوۋاقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، سەككىز ئايلىق بولغان ۋاقىتتا ئۆزى نەرسە يىيەلەيدىغان بولىدۇ؛ ئەلۋەتتە، بەزى بوۋاقلارنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە كەينىگە سۆرۈلۈپ كېتىشى مۇمكىن. بوۋاقلارغا بىرىدىغان يېمەكلىكلەر چوقۇم يۇمشاق ھەم كىچىك بولۇشى كېرەك، بولمىسا گېلىغا تۈرۈپ قېلىشى مۇمكىن. يېشىل پۇرچاق، گۆش، سەۋزە قاتارلىقلارنى چوقۇم يۇمشاقراق پىشۇرۇپ ئاندىن يىگۈزۈش كېرەك.

بوۋاقلارنىڭ دۈم يېتىشىنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

دۈم ياتقان ۋاقىتتا، بوۋاقلار ئۆزىنى تىرەپ كۆتۈرۈگەندە، ئاندىن ئانىسىنى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى كۆرەلەيدۇ؛ بۇ جەرياندا، بوۋاقنىڭ باش قىس

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号