بوۋاقنىڭ سۆزلەشنى ئۆگىنىشىدە قايسى مەزگىل ئەڭ مۇھىم
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 15404:قېتىم كورۇلدى
   بوۋاقلارنىڭ سۆزلەشنى ئۆگىنىش جەريانى بىر نەچچە مەزگىلگە بۆلىنىدۇ. بولۇپمۇ بوۋاقلار تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئۇلار ئائىلىسىدىكىلەر چىقارغان ھەر خىل ئاۋازلارنى ئاڭلايدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا قانداق پىكىر ئالماشتۇرىدىغانلىقىنى كۆزىتىپ بۇ جەرياندىن سۆزلەش ئۇچۇرلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئەڭ دەسلەپتە، بوۋاق ئانىسىنىڭ سۆزلەش ئاھاڭى ۋە ئاۋازىغا ئىنتايىن قىزىقىدۇ؛ ئەگەر ئانىسى بىر خىل تەسەللى بىرىش ئۇسۇلى بويىچە بوۋاققا گەپ قىلسا، بوۋاق يىغلاشتىن توختايدۇ، چۈنكى بوۋاق ئانىسىنىڭ ئۆزىگە تەسەللى بىرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدۇ. تۆت ئايلىق چوڭلۇقتىكى بوۋاق، ئانىسىنىڭ سۆزلىگەن ھەر بىر ئېغىز سۆزىگە ۋە سۆزلەش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىدۇ.

   بوۋاقلار ئاۋازنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇلار يەنە ئاۋاز چىقىرالايدۇ. دەسلەپكى مەزگىللەردە، ئۇلار يىغلاش شەكلى ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ؛ بوۋاقنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئىڭىرىغان، ئىڭڭەلىگەن ئاۋازلار ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا، گەرچە بوۋاقلارنىڭ ئىپادىلىگەن بۇ "سۆزلىرى" ئادەم چۈشەنگىلى بولمايدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىنچىكىلىك بىلەن ئاڭلىسىڭىز، بوۋاقنىڭ ئىپادىلىگەن ئاۋازىنىڭ بىردەم يۇقىرىلاپ بىردەم تۆۋەنلىگەنلىكىنى بايقايسىز، بۇ بوۋاقلارنىڭ سۆزلەشنى ئۆگىنىشكە باشلىغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ھەر كۈنى بوۋاققا كۆپرەك سۆزلەپ بەرسەك، بوۋاققا نىسبەتەن، بۇ بىر خىل رىغبەتلەندۈرۈش بولىدۇ.
   7-6ئايلىق بولغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن، سۆزلەش ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تېخىمۇ مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا، كۆپ قىسىم بوۋاقلار سۆزلىگەن ۋاقىتتىكى ئاۋازنى دورىيالايدىغان بولىدۇ. تەلەپپۇز قىلغان بەزىبىر ھەرپ-سۆزلۈكلەر تېخىمۇ ئېنىقلىشىدۇ. ئەلۋەتتە، ئانىسىنىڭ يىتەكلىشى ئاستىدا، ئۇلار بەزىبىر ئاددىي ھەرپلەرنى ۋە سۆزلۈكلەرنى سۆزلىيەلەيدىغان بولىدۇ؛ مەسىلەن، ئانا، دادا دېگەنلەرگە ئوخشاش.
   لېكىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغىنى، ئەگەر بوۋاق 7ئايلىققا توشقاندىن كېيىنمۇ، ئۇنىڭدا ھېچقانداق تەقلىد قىلىپ ئاۋاز چىقىرىش كۆرۈلمىسە، بۇ بەلكىم ئۇنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى ياكى تىل جەھەتتىكى يېتىلىشىدە مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئەڭ ياخشىسى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

بوۋاقلارنىڭ دۈم يېتىشىنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

دۈم ياتقان ۋاقىتتا، بوۋاقلار ئۆزىنى تىرەپ كۆتۈرۈگەندە، ئاندىن ئانىسىنى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى كۆرەلەيدۇ؛ بۇ جەرياندا، بوۋاقنىڭ باش قىس

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号