ئوغۇل بالىدا چوقۇم يىتىلدۈرۈشكە تىگىشلىك تۆت پىرىنسىپ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 15426:قېتىم كورۇلدى
   بەزى ئائىلىلەردە، ئوغۇل بالىنى ھەددىدىن ئارتۇق ئەتىۋارلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئوغۇل بالىغا نىسبەتەن، ئۇلاردا چوقۇم تۆۋەندىكى تۆت تۈرلۈك پىرىنسىپنى يىتىلدۈرۈش كېرەك!
ئايال كىشىنى ھۆرمەت قىلىشنى بىلىش
   بەزى ئائىلىلار زوراۋانلىق خاھىشىغا تولغان بولۇۇپ، ئېرى ھەمىشە ئايالىنى ئۇرۇپ تىللايدۇ، ئايال كىشىنى قەتئى ھۆرمەت قىلمايدۇ. بۇنداق ئائىلە مۇھىتى تەدرىجىي ھالدا بالىغا تەسىر كۆرسىتىپ، بالىلارنىمۇ ئايال كىشىنى ھۆرمەت قىلمايدىغان قىلىپ قويىدۇ. شۇڭلاشقا، ئاتا-ئانىلار بالىغا ئۈلگە بولۇپ، ئۆز ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئايال كىشىنى ھۆرمەتلەش كېرەكلىكىنى ئوغۇل بالىسىغا ئۆگىتىشى لازىم.
بالىلارنىڭ مۇستەقىل خاراكتېرىنى يېتىلدۈرۈش
   ھازىرقى كۆپ قىسىم بالىلار، ئاتا-ئانىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى كۆيۈنۈشى ئاستىدا چوڭ بولىدۇ؛ بىراق بۇنداق ئەھۋالدا، بالىلار تەدىرىجى ھالدا مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ قويىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار بالا كىچىكىدىن باشلاپلا، ئۇلارنىڭ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىشى لازىم.
بالىلارنىڭ سەۋرچانلىقىنى يېتىلدۈرۈش
   بەلكىم سىزمۇ بايقىغان بولىشىڭىز مۇمكىن، ھازىرقى بالىلار ھەرقانداق ئىشقا پەقەت ئۈچ مىنۇتلا قىزىيدۇ، ھەمىشە ئاسانلا سىرتقى دۇنيانىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ؛ لېكىن بۇ، بالىلارنىڭ دىققىتىنى يېغالمايدىغانلىقىنىڭ ۋە سەۋرچانلىقى يوقلۇقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ سەۋرچانلىقىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىشى لازىم.
كەيپىياتنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش
   بەزى بالىلار ھەمىشە قالايمىقان ئاچچىقلىنىپ كېتىدۇ؛ بىلىشىڭىز كېرەككى، بالىلار ئەسلىدە بۇنداق بولمايدۇ، ياكى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن ياكى ئاتا-ئانىلار ياخشى يىتەكلىمىگەنلىكتىن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ كەيپىيات كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىپ، ئۇلارغا كەيپىياتنى كونترول قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈرۈش كېرەك.

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر ي

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号