جەمئىيەت پىسخولوگلىرىنىڭ قارىشىچە، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئائىلىدىكى كەيپىياتى، بالىلارنىڭ پىسخىكىسىنىڭ ساغلام يېتىلىشىگە بىۋاستە تەسىر قىلىدىغان ئامىل بولۇپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ قىلمىشى، بالىلارنىڭ ئۈلگىسى ۋە بالىلارنىڭ پىسخىكىسىنىڭ يېتىلىشىدىكى ئۆلچەم كۆرسەتكۈچى ئىكەن. تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئائىلىدە كەيپىياتى مۇقىم ھەم مۇلايىم، باشقىلارغا كەمتەرلىك ۋە ئەدەپ بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بولسا، بالىلارنىڭ پىسخىكىسىنىڭ ساغلام يېتىلىشىگە پايدىلىق بولىدىكەن. بىراق، ئەگەر ئاتا-ئانىنىڭ ئائىلىدىكى كەيپىياتى ھەمىشە ناچار بولسا ۋە ھەمىشە گەپ تالىشىپ جىدەل قىلسا، ئۇنداقتا بالىلار دائىم بىر خىل جىددىيچىلىك ۋە قورقۇنچ ئىچىدە تۇرىدىغان بولۇپ، بالىلارنىڭ پىسخىكىسىنىڭ يېتىلىشىگە ئىنتايىن پايدىسىز بولىدىكەن.

بالىلارنىڭ پىسخىكىسىنىڭ ساغلام يېتىلىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئاتا-ئانىلار كۈندىلىك ئائىلە تۇرمۇشى جەريانىدا، تۆۋەندىكى ئۈچ خىل كەيپىيات بار بولۇشتىن ساقلىنىشى لازىم.
باللارنىڭ ئالدىدا جىدەللىشىپ ئۇرۇشماسلىق
ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى قاچۇرماستىن جىدەللىشىپ ئۇرۇشسا، ياكى ئاتا-ئانىلار باشقا كىشىلەر بىلەن جىدەللىشىپ ئۇرۇشسا، بالىلاردا جىددىيلىشىش ۋە قورقۇش تۇيغۇسى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇنىڭدا، بالىلارنىڭ روھى كەيپىياتىدا يۇقىرى دەرىجىدە خاتىرجەمسىزلىك شەكىللىنىپ، كۆڭلىدە خەتەر تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ.
بالىلارنىڭ ئالدىدا تۇرمۇشتىن قاقشىماسلىق ياكى چۈشكۈنلۈك كەيپىياتى ئىپادىلىمەسلىك
ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ يۆلەنچۈكى، ئاتا-ئانىلارنىڭ تۇرمۇشقا تۇتقان پوزىتسىيەسى، بالىلارنىڭ تۇرمۇش بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ۋە ئۆسۈپ-يېتىلىش ئىشەنچىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاتا-ئانىلار ھەمىشە بالىلارنىڭ ئالدىدا تۇرمۇشتىن قاقشاپ ئۆتسە، ياكى ھەمىشە چۈشكۈنلۈك كەيپىياتىنى ئىپادىلىسە، بالىلارنىڭ تۇرمۇش ياكى جەمئىيەت جەھەتتىكى بېسىمغا بالدۇرلا ئۇچرىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇلاردا بىر خىل خەتەر تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ.

بالىلارنىڭ ئالدىدا باشقىلارنى تىللىماسلىق ياكى ئەيىبلىمەسلىك
بەزى بالىلار بالىلارنىڭ ئالدىدىلا باشقىلارنى ئەيىبلەيدۇ، ھەتتا تىللايدۇ؛ بۇ ئىجتىمائىي ئالاقە جەھەتتىكى ئىنتايىن ناچار بىر قىلمىش بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە بالىلارنىڭ پىسخىكىسىنىڭ ساغلام يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ناچار تەربىيە ئۇسۇلىدۇر. بۇنداق قىلمىش، بالىلاردا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئادەتتىكى تەربىيەسىگە قارىتا گۇمان شەكىللىنىشىنى ۋە بالىلارنىڭمۇ ئاتا-ئانىسىنى دوراپ بۇ خىل قىلمىشنى ئۆگىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ بىرلا ۋاقىتتا، بۇ خىل قىلمىش يەنە، بالىلارنىڭ روھى دۇنياسىنى بۇرمىلاپ،، ئۇلارنىڭ پىسخىكىلىق ساغلاملىقىغا زور تەسىر يەتكۈزىدۇ.