بالىلارنى بۇ ئالتە ۋاقىتتا ئەيىبلىمەسلىك لازىم
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 15969:ئادەم ئۆگەندى
   بالىلارنى تەربىيەلەش مەسىلىسىدە، ئاتا-ئانىلار بالىسىنى ياراملىق ئادەم بولسىكەن دەپ ئويلاپ، ھەمىشە بالىلارغا قارىتا قاتتىق تەلەپ قويىدۇ. بالىلار خاتالىق ئۆتكۈزسە، ئاتا-ئانىلار ئۇلارغا تەربىيە بىرىشى كېرەك؛ لېكىن، ئاتا-ئانىلار بالىلارغا قايسى ۋاقىتتا تەربىيە ئىشلەپ ئەيىبلەشكە بولىدىغانلىقىنى، قايسى ۋاقىتتا ئەيىبلەشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك. تۆۋەندىكى ئالتە خىل ئەھۋالدا، بالىنى ئەيىبلەپ تەنقىد قىلماسلىق لازىم.
باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئەيىبلەپ تەنقىد قىلماسلىق
   ئادەم بار يەردە بالىلارنى ئەيىبلىمەسلىك لازىم، ئۇلارنىڭمۇ غۇرۇرى بار، ئۇلارمۇ يۈزىنى ئاۋايلايدۇ؛ ياكى، بالىلارنىڭ بەزىبىر سەتچىلىكلىرىنى باشقىلارغا قايتىلاپ سۆزلەپ بەرمەسلىك لازىم. بولمىغاندا بالىلاردا بىر خىل "بۇ خىل قىلمىشتىن خىجىل بولمىساممۇ بولغۇدەك" دېگەن خاتا قاراش پەيدا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ناچار ئادىتىنى كۈچەيتىپ قويۇشىمىز مۇمكىن.
خىجىللىق ھېس قىلغاندا ئەيىبلىمەسلىك
   ئەگەر بالىلار ئكزىنىڭ خاتالىقىنى تونۇپ يەتكەن بولسا، ئاتا-ئانىلار يەنە ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى تۇتقا قىلىپ ئەيىبلەۋەرمەسلىك لازىم. ھەرقانداق ئادەمنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويىدىغان ۋاقتى بار، ئەگەر بالىلار ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تونىغاندىن كېيىنمۇ ئۇلارنى ئەيىبلەۋەرسەك، بالىلارغا قارىتا ئەكسىچە ئۈنۈم بىرىپ قويۇشى مۇمكىن.
كىچىسى ئەيىبلىمەسلىك
   كەچتە ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا بالىنى ئەيىبلىمەسلىك لازىم. بۇنىڭدا ئۇلارنىڭ ئۇيقۇسىغا تەسىر يىتىپ، بۇ سەۋەبلىك تەن ساغلاملىقىغا تەسىر يىتىدۇ؛ ناۋادا كۆڭلى يېرىم بولغانلىق ياكى كەيپىياتى ياخشى بولمىغانلىق سەۋەبىدىن ئۇخلىغاندا يامان چۈش كۆرۈپ قالسا، يەنە ئۇلارنىڭ روھى جەھەتتىن ئارام ئېلىشىغىمۇ تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن.
تاماق يىگەندە ئەيىبلىمەسلىك
   تاماق يىگەندە بالىنى ئەيىبلىمەڭ، چۈنكى تاماق يەۋاتقاندا بالىنى ئەيىبلىسەك، ئۇلارنىڭ ئاشقازان ئۆتىنىڭ ناچارلىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمىز مۇمكىن. ئەگەر بالا سىزنىڭ ئەيىبلىشىڭىز سەۋەبلىك يىغلىغان بولسا، بىر تەرەپتىن يىغلاپ بىر تەرەپتىن تاماق يىگەندە ئاسانلا يېمەكلىك ئۆپكىسىگە كىتىپ، ئۇلاردا جىسمانىي زەخمىلىنىش كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
قايغۇ-ھەسرەتلىك ۋاقتىدا ئەيىبلىمەسلىك
   بالىلار قايغۇرۇپ كۆڭلى يېرىم ۋاقىتتا ئۇلارنى ئەيىبلىسەك، ئۇلار تېخىمۇ كۆڭلى يېرىم بولۇپ، چۈشكۈنلىشىپ قېلىشى ھەتتا ئۆزىنى كەمسىتىدىغان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
كىسەل ۋاقىتتا ئەيىبلىمەسلىك
   كېسەل ۋاقىت، ئادەمنىڭ ئەڭ ئاجىز ۋاقتى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا بالىنى ئەيىبلىسەك، ئۇلارنىڭ كېسەلدىن ساقىيىپ ئەسلىگە كېلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

ئانىنىڭ ياسىنىشنى ياخشى كۆرۈش كۆرمەسلىكى بالىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

ئانىنىڭ ياسىنىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرۈشى ياكى كۆرمەسلىكى، بالىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ خىل تەسىر بالا قورامىغا يەتكەندىن كىيىن

بوۋاقلارنىڭ "تەسلىم بولۇش" شەكلىدىكى ئۇخلاش ھالىتى

يېقىندا بەزى ئانىلار سۆز قالدۇرۇپ، بوۋىقىنىڭ تەسلىم بولغانغا ئوخشاش قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرۋىلىپ ئۇخلايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇنداق ئەھۋ

تۇغۇتتا ياخشى كۈتۈنمىسىڭىز بۇ ئۈچ ئىشتىن قۇتۇلالمايسىز

يىڭى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ كۈتۈنىشىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئەگەر تۇغۇت كۈتۈنىشى ياخشى بولمىسا، كىيىلىك تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بۈگۈن ك

بالىلارنىڭ گېلىغا نەرسە تۈرۈپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك

كىچىك بالىلاردا، ئادەتتە تاماق يىگەن ۋاقىتتا گېلىغا سۆڭەك ياكى باشقا يىمەكلىك تۈرۈپ قالىدىغان، ياكى بولمىسا بىرەر نەرسە ئويناپ يۈتۈپ س

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قورسىقىڭىزنى قولىڭىزدا تاتىلىماڭ

ئايال كىشى ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھامىلدارلىق ئوتتۇرا ياكى ئاخىرىقى مەزگىللىرىدە، نۇرغۇنلىغان ھامىلدار ئاياللاردا ھەمىشە قورسىقى

بوۋاقنىڭ كۆزلىرى چىرايلىق تۇغۇلۇشقا پايدىلىق يېمەكلىكلەر

ھامىلدار ئايال سەۋزىنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بەرسە، ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنى ئارقىلىق ھامىيلىگە ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ كۆزىگە پايدىلىق تەسىر

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号