ھامىلدارلار قاننى جانلاندۇرىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكى كېرەك
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6283:قېتىم كورۇلدى
   تۇنجى قېتىم ھامىلدار بولغان ئاياللارغا نىسبەتەن، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە نېمىلەرنى يېيىشكە بولىدۇ، نېمىلەرنى يېيىشكە بولمايدۇ، بۇ بىر ئىنتايىن مۇھىم ھەم مۇرەككەپ مەسىلە. نۇرغۇن يېمەكلىكلەرنىڭ قانداق ئۈنۈم تەسىرلىرى بار، كۆپىنچە كىشىلەردە بۇنىڭغا قارىتا خىرە كەلگەن تەسىرلا بار بولىدۇ؛ مەسىلەن چىلان، نۇرغۇن كىشىلەر چىلاننىڭ قاننى ياخشىلايدىغان يېمەكلىك ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ قان تولۇقلايدىغان يېمەكلىك ئىكەنلىكىنى ياكى قاننى جانلاندۇرىدىغان يېمەكلىك ئىكەنلىكىنى ئايرىيالمايدۇ.
   قاننى جانلاندۇرىدىغان يېمەكلىكمۇ ئەمەس دېگەن بۇ نۇقتا ئەڭ مۇھىم. ھامىلدارلارغا نىسبەتەن، ئادەتتە ئىككى نەرسىدىن ئەڭ پەرھىز تۇتۇش لازىم، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى دەل قان جانلاندۇرىدىغان يېمەكلىكلەردۇر؛ يەنە بىر خىلى بولسا تەبىئىتى سوغۇق يېمەكلىكلەر. ئەگەر ھامىلدار ئايال بۇ ئىككى خىل يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىۋەتسە، ئاسانلا ھامىلدار ئايالنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
   ئۇنداقتا، قاننى جانلاندۇرىدىغان يېمەكلىكلەردىن قايسىلار بار؟
   ئادەتتە، قاننى جانلاندۇرىدىغان ۋە قان تولۇقلايدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى، قاننى ياخشىلايدىغان يېمەكلىكلەر قاتارىغا كېرىدۇ، لېكىن ئىككىسىنىڭ ئۈنۈمى پۈتۈنلەي قارمۇ-قارشى بولىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىرى، قاننى جانلاندۇرىدىغان يېمەكلىكلەر ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، قان ئۇيۇشۇشنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بولسا ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. مەسىلەن:
توشقان گۆشى
   بەلكىم سىزمۇ مۇنداق بىر قاراشنى ئاڭلاپ باققان بولۇشىڭىز مۇمكىن: "ھامىلدارلىق مەزگىلىدە توشقان گۆشى يېيىشكە بولمايدۇ، بولمىسا بالا توشقان كالپۇك تۇغۇلۇپ قالىدۇ"؛ بۇ ئەلۋەتتە ئاساسى يوق بىر خىل قاراش، لېكىن توشقان گۆشىنى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە راستتىنلا يېيىشكە بولمايدۇ، چۈنكى توشقان گۆشى قاننى سۇۋۇتۇش ۋە جانلاندۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە، شۇڭا ھامىلدار ئاياللار يېسە بولمايدۇ.
دولانا(山楂)
   دولانامۇ جاننى جانلاندۇرۇپ قان ئۇيۇشۇشنى داۋالايدىغان دورا بولۇپ، ھامىلدار ئاياللار ئەڭ ياخشىسى يېمەسلىكى كېرەك. بۇندىن باشقا، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىنكى ئىمىتىش مەزگىلىدىمۇ دولانانى كۆپ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ؛ چۈنكى دولانا ئاسانلا ئانا سۈتىنى كىسۋىتىدىغان بولۇپ، بوۋاقنىڭ ئۇزۇقلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
كۆكتات تۈرى
   كەرەپشە، پىياز، پىچەكگۈل، سامساق قاتارلىقلار.
مىۋە تۈرى
   ئۈزۈم، لىمون، ئاناناس(凤梨) قاتارلىقلار.
   بۇلاردىن باشقا، تەبىئىتى سوغۇق يېمەكلىكلەرنىمۇ ھامىلدار ئاياللار كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك؛ مەسىلەن، قىسقۇچ پاقا، چوڭ ئاپلىسىن، يېشىل پۇرچاق، تاۋۇز، جۈيخۇا چېيى قاتارلىقلار؛ بۇ يېمەكلىكلەرمۇ ئاسانلا ھامىيلە چۈشۈپ كېتىشنى پەيدا قىلىدۇ.

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر ي

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号