بالىلارنى تېخىمۇ ئەقىللىك قىلىدىغان يېمەكلىكلەر
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6400:قېتىم كورۇلدى
   چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشى، ھامىيلە ۋاقتىدىن باشلىنىدىغان بولۇپ، 3ياشتىن ئىلگىرىكى مەزگىلدە، يۇقىرى سۈرئەتتە يېتىلىپ تەرەققىي قىلىش مەزگىلىدە تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىرسىيەت ئامىلىدىن باشقا، كېيىنكى مەزگىللىك مېڭىگە قۇۋۋەت تولۇقلاشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەرنى بالىڭىزغا دائىم يىگۈزۈپ بەرسىڭىز، ئۇلارنىڭ مېڭىسى تېخىمۇ قۇۋۋەتلىنىپ، بالا تېخىمۇ ئەقىللىك بولۇپ كېتىدۇ.
تۇخۇم
   تۇخۇمنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى ئىنتايىن مول، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى لېتسىتىن، سېفالىن قاتارلىق ماددىلار، مېڭە ۋە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىگە قارىتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇندىن باشقا، تۇخۇم تەركىبىدىكى ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىللار بار بولۇپ، تۇخۇم سېرىغى تەركىبىدىكى خولىننىڭ بولسا، ئادەمنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش رولى بار.
كالا سۈتى
   كالا سۈتى تەركىبىدە، ئاقسىل، كالتسىي قاتارلىقلار ۋە ئادەمنىڭ چوڭ  مېڭىسىگە زۆرۈر بولغان ئامىنو كىسلاتالىرى بار. كالا سۈتى تەركىبىدىكى كالتسىي، ئادەم بەدىنىگە ئەڭ ئاسان سۈمۈرۈلىدىغان بولۇپ، مېڭە مىتابولىزىمىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ماددىدۇر.
ياڭاق
   ياڭاقنىڭ مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇش، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش رولى بار؛ ھازىرقى زامان ئۇزۇقلۇقشۇناسلىق ئىلىمى تەتقىقاتلىرىدا بايقىلىشىچە، ياڭاق مېغىزى تەركىبىدە لېنولىئىك كىسلاتا، لېنولىنىك كىسلاتا، ئاقسىل، فوسفور، كالتسىي ۋە كۆپ خىل ۋىتامىنلار بار بولغاندىن سىرت، يەنە كۆپ مىقداردا تويۇنمىغان ياغ كىسلاتالىرىمۇ بار بولۇپ، مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ  ئېلاستىكىلىقىنى كۈچەيتىش ۋە نىرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى ئاشۇرۇش رولى بار ئىكەن.
خاسىڭ
   خاسىڭ تەركىبىدە، لېتسىتىن ۋە سىفالىن ماددىسى مول؛ بۇ ئىككى خىل ماددا، نېرۋا سىستېىمىسى ئېھتىياجلىق بولغان مۇھىم ماددىلار بولۇپ، مېڭە ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىپ كېتىشىنى ئاستىلىتالايدۇ. تەجرىبىلەردە ئىسپاتلىنىشىچە، ھەمىشە خاسىڭ يەپ بەرگەندە، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى ۋە قېرىشنى ئاستىلاتقىلى بولىدىكەن.
پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر
   پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر تەركىبىدە ئاقسىل، تالا ماددىلىرى، مىنرالنى ماددىلار ۋە ۋىتامىنلار مول بولغاچقا، مېڭە قۇۋۋەتلەش ۋە ساغلاملاشتۇرۇش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر ي

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号