بالىلارغا ئۆگىتىشكە تېگىشلىك تۇرمۇش ئۇسۇلى—ۋاقىت باشقۇرۇش
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5836:قېتىم كورۇلدى
   بالىلارغا ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئۆگىتىش، تولىمۇ زۆرۈردۇر. نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلار، بالىسىنى "تېزراق بولۇشقا" سۈيلەشكە ئادەتلەنگەن، لېكىن ئۇلار بالىسىنى تېزراق ئۆسۈپ-يېتىلىشكە ئالدىراتقانسېرى، بالىسىنىڭ "ئەقىلگە كىرىشى" تېخىمۇ ئاستىلاپ كېتىدۇ، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، بالىلار ۋاقىتنى چوڭلارنىڭ، مەن بىلەن ئالاقىسى يوق دەپ ئويلاپ قالغان. ئاتا-ئانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىزنىڭ بالىلارغا ۋاقىتقا رىئايە قىلماسلىق ۋە ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىشنىڭ ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇش مەسئۇلىيىتىمىز بار.
   ئۇنداقتا، بالىلارنىڭ ۋاقىت باشقۇرۇش ئادىتىنى قانداق يېتىلدۈرۈش كېرەك؟
ئىش قىلىش ۋاقتىنى بەلگىلەش
   بالىلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە قارىتا، ئۇلارغا چوقۇم ۋاقىت بەلگىلەپ بىرىپ، ئۇلارنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئورۇنلاپ بولۇشىغا تۈرتكە بولىشىمىز لازىم. بۇنىڭدا، ئۇلار بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، ۋاقىتنى قەدىرلەشنى ئۆگىنىپ، بەلگىلەنگەن ۋاقىت يىتىپ كەلسىلا ئۆزلىكىدىن تاپشۇرۇق ئىشلەيدىغان بولىدۇ. ئەگەر ئۇ، ئۆزىنىڭ يوقىلاڭ باھانە-سەۋەبلىرى تۈپەيلى بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە تاپشۇرۇقنى ئورۇنلاپ بولالمىسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭغا تاپشۇرۇقنى ۋاقتىدا ئىشلەپ بولالمىغانلىقنىڭ ئاقىۋىتىنى تونۇتۇش ياكى مەكتەپ ئۇسۇلى بويىچە ئۇنىڭغا جازا بىرىش لازىم.
ۋاقىتنى پىلانلاشنى ئۆگىتىش
   بالىلارغا بىر كۈنلۈك ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۆگىتىش لازىم. ئەلۋەتتە، بىر كۈن ۋاقىت بالىلارغا نىسبەتەن بەك ئۇزۇن ھېسابلىنىشى مۇمكىن، بۇنىڭدا ئاۋۋال بىر سائەتتىن باشلىساق بولىدۇ؛ بالىغا ئاۋۋل بىر سائەت ۋاقىت بىرىپ، ئۇنىڭ قانداق ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باققاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا بۇ بىر سائەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ھەققىدە كۆرسەتمە بەرسەك ياكى ئۆگىتىپ قويساق بولىدۇ.
ۋاقىتنى قەدىرلەش
   بالىلارغا ۋاقىت ھەققىدە ئېيتىلغان بەزىبىر ھېكمەتلىك سۆزلەرنى ئۆگىتىپ، ھەر كۈنى قايتا-قايتا تەكرارلىغىلى سالساق، ئۇلاردا ۋاقىتنىڭ قىممەتلىكى توغرۇلۇق بىر خىل ئىدىيە شەكىللىنىدۇ. ئىككىنچىدىن، بەلگىلەنگەن ۋاقىت بويىچە ئىش كۆرمىگەندە، جازاغا ئۇچرايدىغانلىقى ياكى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى لازىم بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك. بۇ ئۇسۇلنى بەلگىلىك ۋاقىت داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن، بالىلاردا مەيلى تۇرمۇش جەھەتتە بولسۇن ياكى ئۆگىنىش جەھەتتە بولسۇن، زور ئۆزگىرىش يۈز بەرگەنلىكىنى بايقىيالايمىز.
 

بوۋاقلارنىڭ دۈم يېتىشىنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

دۈم ياتقان ۋاقىتتا، بوۋاقلار ئۆزىنى تىرەپ كۆتۈرۈگەندە، ئاندىن ئانىسىنى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى كۆرەلەيدۇ؛ بۇ جەرياندا، بوۋاقنىڭ باش قىس

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号