ئاتا-ئانىلار %1 ئۆزگىرىش قىلسىلا، بالا %99 ئۈنۈم كۆرىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5816:قېتىم كورۇلدى
   بىر تەرەپتىن يانفون ئوينىغاچ بىر تەرەپتىن بالىنىڭ يېنىدا ئولتۇرسىڭىزلا، بالىغا ھەمراھ بولغان بولىمەن دەپ ئويلىماڭ! كومپىيوتىر ئويناپ ئولتۇرۇپ بالىڭىزنى سۈيلەپ قويۇپلا، بالىنى باشقۇردۇم دەپ ئويلىماڭ!
   ئامېرىكىلىق پىسخولوگلارنىڭ بايقىشىچە: بىر ئادەمنىڭ نەتىجە قازىنالىشى، %20تى كېيىنلىك تىرىشىشقا باغلىق، %80تى دادىسىنىڭ تەربىيەسىگە باغلىق.
   بالىلارنىڭ ھاياتىدىكى "ئەڭ مۇھىم" ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئوخشاش بىر ئېغىز سۆزنى، ئەگەر دادىنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلىسا، بۇنىڭ بالىغا بولغان تەسىرى ئانىنىڭ سۆزلىگىنىگە قارىغاندا 50 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.
   ئانىنىڭ بالىغا بولغان تەسىرى، بالىنىڭ مۇستەقىل بىر ئادەم بولۇش ياكى بولالماسلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ؛ دادا بولسا بالىنىڭ كىشىلىك ھاياتقا بولغان قارىشىنى قۇرۇپ چىقىشىغا ۋە ئادىمىيلىك ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
   ئائىلە تەربىيەسى ئىچىدە، دادا بىلەن ئانىنىڭ قايسىسى تېخىمۇ مۇھىم؟ بۇنىڭ جاۋابى، ھەر ئىككىسى ئوخشاشلا مۇھىم.
   بىر ئادەمنىڭ ئانىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىناق بولۇش بولماسلىقى، بالىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىگىلىكىنىڭ نەتىجە قازىنىش قازىنالماسلىقىغا تەسىر قىلىدۇ.
   بالا بىلەن يېقىنلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش، ھەر كۈنلۈك تۇرمۇش جەريانىدا ئاز-ئازدىن توپلىنىشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ، بىراقلا شەكىللىنىپ قالمايدۇ. يۇقىرى سۈپەتلىك مۇناسىۋەتنىڭ قۇرۇلۇشىدا، ھەر كۈنى بالىلارغا پۈتۈن زېھنىمىز بىلەن 15مىنۇت ھەمراھ بولۇش لازىم بولىدۇ.
   ئاتالمىش يۇقىرى سۈپەتلىك ھەمراھ بولۇش، بالىلارغا ھەمراھ بولغان ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىلارنىڭ پۈتۈن زېھنى بىلەن بالىسىغا ھەمراھ بولۇشى، يەنە ھەمراھ بولۇش جەريانىدا باشقا ئىشلارنى ئويلاشماسلىقى، خىزمەت ئىشلىرىنى ئويلاشماسلىقنى كۆرسىتىدۇ.
   مەسىلەن، بالا بىلەن بىللە كىتاب ئوقۇپ ھېكايە سۆزلەش؛ بالا بىلەن بىللە ئويۇن ئويناش ياكى توپ ئويناش؛ بالا بىلەن بىللە مۇزىكا ئاڭلاش ياكى ناخشاش ئېيتىش قاتارلىقلارنىڭ قايسىسى بولسا، پەقەت پۈتۈن دىققىتىمىز بىلەن بالىلارغا ھەمراھ بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆڭۈل ئاۋازلىرىنى ئاڭلاشنى، ئۇلارغا زوقلىنىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، بالىلارغا ھەمراھ بولۇش جەريانىدا، ئۇلارنىڭ مۈرىلىرىگە ئۇرۇش، بېشىنى سىيلاش قاتارلىق بەدەن تىگىشىش ھەرىكەتلىرىنى ئىشلەپ سىناپ باقساق بولىدۇ.

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر ي

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号