لاياقەتسىز ئاتا-ئانىلارنىڭ سەككىز تۈرلۈك ئالاھىدىلىكى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5835:قېتىم كورۇلدى
   كىشىلەر، "ئاتا-ئانا ئەسلى نۇسخا، بالا بولسا كۆپەيتىلمە نۇسخا" دەپ ئېيتىشىدۇ؛ ئەگەر "كۆپەيتىلمە نۇسخا"دا مەسىلە كۆرۈلسە، ئەسلى نۇسخا مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. بالا تەربىيەلەش يولىدا، بەزى ئاتا-ئانىلار خاتالىشىپ قالىدۇ؛ لېكىن، خاتا بولغان تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى ۋاقتىدا ئۆزگەرتمىگەندە، بالىنى يامان خاراكتېرلىك ئايلانمىغا كىرگۈزۈپ قويۇپ، بالىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىپ قويىمىز.
   تۆۋەندە، لاياقەتسىز ئاتا-ئانىلارنىڭ سەككىز تۈرلۈك ئۆلچىمىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز، ئەگەر سىزدە بولسا تۈزەتسىڭىز، بولمىسا ساقلانسىڭىز بولىدۇ.
بەك يۇقىرى ئۈمىد كۈتۈش
   ئۈمىد قانچە يۇقىرى بولغانسېرى، ئۈمىدسىزلىنىش شۇنچە بەك چوڭ بولىدۇ؛ ئەگەر بالىغا بەك يۇقىرى تەلەپ قويۇۋالساق، ياكى ئۇلارنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە بىرەر نەتىجە قولغا كەلتۈرۈشىنى تەلەپ قىلساق، بالىنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا زور دەرىجىدە بېسىم شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ.
بالىغا زىيادە كۆڭۈل بۆلۈپ ئامراقلىق قىلىش
   بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىق دەۋرىدە نۇرغۇن جاپالارنى چەككەن بولۇپ، ھازىر ئائىلە شارائىتى ياخشىلانغاندىن كېيىن، بارلىق مېھىرى مۇھەببىتنى بالىسىغا يەتكۈزۈشنى ئويلايدۇ. بۇنداق قىلىش قارىماققا مەسىلە يوقتەك كۆرۈنگەن بىلەن، لېكىن بۇنداق ئۇسۇلدا بېقىپ چوڭ قىلغان بالا، چوڭ بولغاندا مىننەتدار بولۇشنى بىلمەيدىغان  بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ھەمدە ئاتا-ئانىسىغا چوڭ ئاۋارىچىلىقلارنى تېپىپ بىرىشى مۇمكىن.
تولا كوتۇلدايدىغان ئاتا-ئانىلار
   ئاتا-ئانىلار بالىسىغا ھەمىشە توختىماستىن تەربىيە ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ قارشى تەرىپىدە تۇرۇپ كوتۇلداپ ئەيىبلىسە، بالا كەيپىيات ئارقىلىق ئۆزىنى قوغداپ، ئىچكى دۇنياسىدا ئاتا-ئانىسىغا قارشىلىق كۆرسىتىدۇ، چوڭ بولغاندا تېخىمۇ قارشىلىشىپ ئىش كۆرىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
بالىنىڭ ئىشىغا بەك كۆپ ئارىلىشىۋىلىش
   بەزى ئاتا-ئانىلار بالىغا زىيادە ئامراقلىق قىلىپ، ھەتتا ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىۋالىدۇ. بالىلارغا تاماق يىگۈزۈپ قويغۇسى، كىيىمىنى كېيگۈزۈپ قويغۇسى، ھەتتا تاپشۇرۇقلىرىنىمۇ ئىشلەپ بەرگۈسى كېلىپ كىتىدۇ.
   بىراق بۇ خىل قىلمىش، بالىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش پۇرسىتىنى تارتىۋىلىش بولۇپ، ئۇلارنىڭ چوڭ بولغاندا مۇستەقىل كۆز قارىشى يوق، مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرەلمەيدىغان بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بالىنى بەك كۆپ ئەيىبلەش
   بەزى ئاتا-ئانىلار، بالىسى خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويسا ياكى باشقىلار چېقىشتۇرسا، ئەھۋالنى ئېنىق سۈرۈشتۈرۈپ ئىگىلەي دېمەي، بىرىنچى ۋاقىتتىلا بالىسىنى ئەيىبلەيدۇ.
   ئاتا-ئانىسىنىڭ بۇنداق تەسىر كۆرسىتىشى ئاستىدا، بالىلار كىيىنچە بۇنداق ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەندە، ئاتا-ئانىسىدىن ئۆگىنىۋالغىنى بويىچە، مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئويلاشماستىن، ئەكسىچە ئۆزىنى قاچۇرۇشنى ياكى يالغان ئېيتىپ ئەيىبلەشتىن قۇتۇلۇشنى ئويلايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
بالىغا زىيادە يول قويۇش
   ئادەتتە، بالىلاردا كۆرۈلىدىغان ناچار ئادەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى، ئاتا-ئانىسىنىڭ بىرتەرەپلىمە ھالدا يول قويۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بۇنداق ئەھۋالدا، بالا ئۆزىگە چەكلىمە قويۇشنى بىلمەيدىغان بولۇپ قېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە قارىتا زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بالىغا زىيادە ئېتىبار بىلەن قاراش
   بەزى ئاتا-ئانىلار بالىسىنى "گۆھەر" ئورنىدا كۆرۈپ، تۇرمۇشتا ھەر جەھەتلەردە بالىسىغا ئېتىبار بىلەن قاراپ، ئۇنى ئاساس قىلىدۇ؛ لېكىن بۇ خىل قىلمىش، بالىلاردا توغرا چۈشەنمەسلىك بىلەن بىرگە، كەلگۈسىدە ئاتا-ئانىسىغا تەھدىت سالىدىغان قىلىپ قويۇشى مۇمكىن.
بالىغا زىيادە كۆپ ھوزۇر-ھالاۋەت بىلەن تەمىنلەش
   دۆلىتىمىزدىكى نۇرغۇن ئاتا-ئانىلاردا، "ھەرقانچە جاپا تارتساقمۇ بالىنى جاپاغا قويمايمىز" دېگەن ئىدىيە بار بولۇپ، ھەر قانداق نەرسىنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى بالىسىغا تەمىنلەپ برىىدۇ. بۇنىڭدا، بالىلار ئالدىنئالا ھوزۇرلىنىدىغان ۋە باشقىلار بىلەن بەس تالىشىدىغان بولۇپ قالىدۇ؛ چوڭ بولغاندا بولسا، تىجەشلىك بولۇشنى بىلمەيدىغان، ئىسراپخور ھەم شەخسىيەتچى بولۇپ قالىدۇ.

بوۋاقلارنىڭ دۈم يېتىشىنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

دۈم ياتقان ۋاقىتتا، بوۋاقلار ئۆزىنى تىرەپ كۆتۈرۈگەندە، ئاندىن ئانىسىنى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى كۆرەلەيدۇ؛ بۇ جەرياندا، بوۋاقنىڭ باش قىس

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号