مۇنەۋۋەر ئاتا-ئانىلارنىڭ 15تۈرلۈك ئۆلچىمى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6219:قېتىم كورۇلدى
   ئەگەر سىز بالىڭىزنى مۇكەممەل بىر بالا بولسۇن دەپ تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالسىڭىز، ئۇنداقتا بالىڭىزغا قويغان ئۆلچەم بويىچە ئۆزىڭىزگىمۇ تەلەپ قويۇپ سىناپ بېقىڭ، سىز مۇكەممەل ئاتا-ئانىغا ئايلىنالامسىز؟
   ھېچقانداق ئاتا-ئانا بالىسىغا بولغان مۇھەببىتىنى ئىنكار قىلمايدۇ. لېكىن بالا تەربىيەلەشكە نىسبەتەن، پەقەت مۇھەببەت بولغان بىلەنلا كۇپايە قىلمايدۇ، يەنە بەلگىلىك پاراسەت بار بولۇش كېرەك؛ ياكى مۇنداقچە ئېيتقاندا، پەقەت پاراسەتكە تولغان مۇھەببەتلا، ئاندىن ھەقىقى مۇھەببەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردە ئېيتىلغان "پاراسەت"، ئالدى بىلەن ياخشى ئاتا-ئانا بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.
   ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ياخشى ئاتا-ئانىلاردىن بولغىلى بولىدۇ؟ ياكى، ياخشى ئاتا-ئانىلارنىڭ قانداق ئۆلچەملىرى بار؟ بۇنىڭغا قارىتا، مۇتەخەسسىسلەر تۆۋەندىكىدەك 15تۈرلۈك ئۆلچەمنى يەكۈنلەپ چىققان.
   1. بالىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان ئىشنى، ئالدى بىلەن ئۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇش.
   2. كىتاب ئوقۇش ياخشى ئادىتى بار بولۇش.
   3. ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى بالىغا مەجبۇرى تاڭماسلىق.
   4. ھەمىشە تەبىئىي ھالدا بالا بىلەن سىردىشىپ تۇرۇش.
   5. بالا بىلەن، ئاز دېگەندىمۇ بىر تۈرلۈك ئورتاق قىزىقىشى بار بولۇش.
   6. لازىم بولغاندا، بالا ئالدىدا سەمىمي ھالدا خاتالىقىنى تونۇپ كەچۈرۈم سوراش.
   7. چوڭلارنىڭ نەپرىتىنى بالىنىڭ ئىدىيىسىگە سىڭدۈرمەسلىك.
   8. بالىنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۆگىنىش نەتىجىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشتىن ئاز بولۇپ قالماسلىق.
   9. زورۋانلىق ۋە سوغۇق زوراۋانلىق ئىشلەتمەسلىك.
   10. بالىدىن ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشنى تەلەپ قىلىش.
   11. ناچار تۇرمۇش ئادىتى بولماسلىق.
   12. بالىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر بالا بولالماي قېلىشىغا رۇخسەت قىلىش.
   13. بالىنىڭ مۇكەممەل بولالماسلىقىنى قوبۇل قىلىش.
   14. بالىنىڭ خۇسۇسى مەخپىيەتلىكىگە ھۆرمەت قىلىش.
   15. بالا بىلەن بىرلىكتە ئۆسۈپ يېتىلىش.

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر ي

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号