ئەگەر چەكلىمە بولمىسا، ئايال كىشى نەچچە بالا تۇغالايدۇ؟
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7401:قېتىم كورۇلدى
   ھازىرقى تويلىشىپ بولغان ياشلارغا نىسبەتەن، ھامىلدارلىققا تەييارلىق كۆرۈش مەزگىلىدىن باشقا ۋاقىتتا، ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاش بىر غېمى بار، ئۇ بولسىمۇ ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش.
   گەرچە پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى تېزلىشىپ، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلى كۆپ خىللەشكەن بولسىمۇ، لېكىن ھەر بىر خىل ئۇسۇلنىڭ ئۆزگىچە ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكلىرى بار؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە قايسى خىل ئۇسۇل بولمىسۇن، ھەر يىلى ئاز بولمىغان چىقىم كېتىدۇ.
   بىراق سىز ئويلاپ باققانمۇ؟ ئەگەر تۇغۇت سانىغا چەكلىمە قويۇلۇپ، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ۋاستىلىرىنى قوللانمىسا، ئايال كىشى ئۆمرىدە ئەڭ كۆپ بولغاندا قانچە بالا تۇغالايدۇ؟
   ئەگەر چەكلىمە قويۇلمىسا، ئايال كىشى ئۆمرىدە ئەڭ كۆپ بولغاندا نەچچە بالا تۇغالايدۇ؟
   دۆلىتىمىز قانۇنىدا بەلگىلەنگەن توي قىلىش يېشى بويىچە ھېسابلىغاندا، ئاياللار 20ياشتا توي قىلىشقا بولىدۇ؛ بۇ سەۋەبلىك، ھامىلدار بولۇش يېشىنىمۇ 20ياشتىن باشلاپ ھىسابلاشقا بولىدۇ.
   ئادەتتە، ئاياللار ئوتتۇرىچە ھېسابتا 50ياش ئەتراپىدا كىلىماكتىرىيە دەۋرىگە قەدەم قويىدۇ؛ كىلىماكتىرىيە دەۋرىگە كىرگەندىن كېيىن ھەيىز توختاپ، قايتا تۇخۇم ئىشلەپچىقارمايدۇ ھەمدە بۇ سەۋەبلىك قايتا ھامىلدار بولالمايدۇ.
   ئۇنداقتا، 20ياشتىن 50ياشقىچە بولغان 30يىل ئارىلىقتا، ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ھامىلدار بولۇش بويىچە ھېسابلىغاندا، بىر ئايال كىشى بۇ ئوتتۇز يىل ئىچىدە 15بالا تۇغالايدۇ.
   بۇ سان ئۇنچە بەك ئاز ئەمەس، لېكىن بەك ھەيران قالارلىقمۇ ئەمەس.
   ئەمەلىيەتتە كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ئەگەر چەكلىمە قويۇلمايدىغان ئىش بولسا، ئاياللارنىڭ تۇغالايدىغان سانى، بۇنىڭدىن كۆپ بولىدۇ.
   ئۇنداقتا، دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ بالا تۇغقان ئايال زادى قانچە بالا تۇغقان؟
   دۇنيا جىننىس رىكوتى خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا، دۇنيادىكى بالىنى ئەڭ كۆپ تۇغقان ئايال، ۋارىنتىنا.ۋارشىيىۋا ئىسىملىك ئايال بولۇپ، بىر ئۆمرىدە جەمئى 69بالا تۇغقان.
   بۇ ئايالنىڭ بىرىنچى بالىسىنى تۇغقان ۋاقتىدىن باشلاپ ئەڭ ئاخىرىقى بالىسىنى تۇغقىچە بولغان ۋاقىت ئارىلىقى تەخمىنەن 30 يىل ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ 30يىل جەريانىدا ئۇ جەمئى 27 قېتىم ھامىلدار بولغان ھەمدە ھەر قېتىم ھامىلدار بولغىنىدا، ئاساسى جەھەتتىن بىر بالا تۇغمىغان، ئەكسىچە 16جۈپ قوشكىزە، 7گۇرۇپ ئۈچكىزەك ۋە تۆت گۇرۇپ تۆتكىزەك تۇغقان.
   بۇ سەۋەبلىك، ئۇ ئايال بالىياتقۇسى تۆمۈردىن ياسالغان ئايال دەپ نام ئالغان.

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر ي

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号