ھامىلدار ئاياللار ئۇخلاشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6079:قېتىم كورۇلدى
   ھامىلدارلىق ئىنتايىن جاپالىق بىر ئىش بولۇپ، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم، كۈندىلىك تۇرمۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئېھتىيات قىلماي بولمايدۇ، ھەتتا ئۇخلاش ھالىتىگىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.
ھامىلدار ئاياللاردا كۆرۈلىدىغان ئۇخلاش ھالىتى
   ئوڭدىسىغا ياتقاندا، چوڭ مېڭىگە ئاسانلا ئوكسىگېن يېتىشمەي قالىدۇ
   ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايالنىڭ قورسىقى تەدرىجىي ھالدا يوغىنايدىغان بولغاچقا، ئەگەر ئوڭدىسىغا يېتىپ ئۇخلىسا، ئاسانلا قورساق ئاستى قىسىم ۋېنرا تومۇرلىرىنىڭ بېسىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قان ئايلىنىش راۋان بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەبلىك پۇت قىسىم ئىششىشنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ. 
   بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھامىلدار ئاياللاردىمۇ ئاسانلا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ۋە باش قېيىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال ھامىلدار ئايالنىڭ ئۆزىگە ۋە ھامىيلىگە نىسبەتەن خەتەرلىك ئەھۋالدۇر. ئوڭدىسىغا ياتقاندا، گەرچە قورساقتىكى ھامىيلە بېسىلىشقا ئۇچرىمىسىمۇ، ئەمما خەتەرلىك كوئىففىنسىنتى ئىنتايىن يۇقىرى؛ شۇڭا، ھامىلدار ئاياللار ھامىلدارلىق ئوتتۇرا ۋە كېيىنكى مەزگىللىرىدە، بۇ خىل ئۇخلاش ھالىتىدىن ساقلىنىشى كېرەك.
   ئوڭ ياننى بېسىپ ياتقاندا، ھامىيلىدە ئاسانلا غەلىتە شەكىللىنىش كۆرۈلۈپ قالىدۇ
   يان تەرەپنى بېسىپ يېتىش، ھامىلدار ئاياللاردا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئۇخلاش ھالىتى؛ لېكىن، ھامىلدارلىق ئوتتۇرا ۋە ئاخىرىقى مەزگىللەردە، ئۇزۇن مۇددەت ئوڭ ياننى بېسىپ يېتىپ ئۇخلىسا، بالىياتقۇنىڭ ئوڭغا بۇرۇلۇش دەرىجىسىنى چوڭايتىپ، ھامىيلىگە قان يېتىشمەسلىكنى پەيدا قىلىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇزۇن مۇددەت ئوڭ ياننى بېسىپ يېتىپ ئۇخلاش، ئاسانلا ھامىيلىنىڭ غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ھامىلدار ئايال ئۇزۇن ۋاقىت سول يېنىنى بېسىپ يېتىپ بىئاراملىق ھېس قىلسا، مۇۋاپىق تۈردە ئوڭ ياننى بېسىپ يېتىش ھالىتىگە ئالماشتۇرۇپ ئۇخلىسا بولىدۇ، ئەمما بۇ ھالەتتنى ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشتۇرۇش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.
ھامىلدار ئاياللار ئۇخلاشتا قايسى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك؟
   ئۇخلاشتىن ئاۋۋال يۇيۇنۇپ، بەدەن موسكۇللىرىنى بوشىتىش
   ھامىلدار ئايال كېچىسى ئۇخلاشتىن بۇرۇن، ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇپ بىرىش لازىم. بۇنىڭدا، بەدەن مۇسكۇللىرىنى بوشىتىپ، كېچىسى تېخىمۇ ياخشى ئۇخلاشقا پايدىلىق بولىدۇ.
   لېكىن، ھامىلدار ئايال يۇيۇنغان ۋاقىتتا، تېيىلىپ يېقىلىپ چۈشىدىغان ئەھۋاللارنىڭ يۈز بىرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، چوقۇم ئائىلىسىدىكىلەر ھەمرا بولۇشى كېرەك؛
   ئۇخلاش كىيىمى ئازادە ھەم ھاۋا ئۆتىشىدىغان بولۇشى، ئالماشتۇرۇشقا قولايلىق بولۇشى كېرەك
   ھامىلدار ئايال ئۇخلىغان ۋاقىتتا كىيىىدىغان ئۇخلاش كىيىمى ئازادە، ھەم ھاۋا ئۆتىشىدىغان بولۇشى كېرەك. ھامىلدار ئاياللاردا، ھامىلدارلىق ئوتتۇرا ۋە ئاخىرىقى مەزگىللىرىدە ئاسانلا تەرلەيدىغان بولۇپ، ئەگەر ھاۋا ئۆتۈشۈشچانلىقى ياخشى بولمىغان ئۇخلاش كىيىمى كىيىپ ئۇخلىغاندا، ئاسانلا زۇكام بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار  كېلىپ چىقىدۇ.
   ھامىلدار ئايال كۈندۈز كۈندە، ئىچىملىك، چاي، قەھۋە قاتارلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچمەسلىكى كېرەك؛ بولمىسا، كېچىسى ئۇخلىيالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، يەنە ھامىيلىنىڭ يېتىلىشىگىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ. بولۇپمۇ ئۇخلاشنىڭ ئالدىدىكى بىر سائەت ئىچىدە، ھامىلدار ئايال ئەڭ ياخشىسى سۇ ئىچىشنى توختىتىپ، كېچىسى كىچىك تەرەت قىستاپ كۆپ ئويغىنىپ كېتىشتىن ساقلىنىشى لازىم.

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر ي

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号