بۇ خىل ھامىلدار ئاياللار ئەقىللىك بالا تۇغىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5853:قېتىم كورۇلدى
   ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، ھامىلدار ئاياللار ھەيران قالغان ۋە خۇشاللىق ھېس قىلغاندىن باشقا، ئۇلار يەنە ئەنسىرەشمۇ كۆرۈلىدۇ: قورسىقىمدىكى بالا ساغلاممىدۇ؟ ھەرخىل تەكشۈرۈشلەرنى قىلغۇزۇپ بالىنىڭ ساغلاملىقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن، ئۇلار بالىسىنىڭ تېخىمۇ ئەقىللىك تۇغۇلىشىنى ھەمدە چوڭ بولغاندا تېخىمۇ مۇنەۋۋەر ئادەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىشقا باشلايدۇ.
   ئەمەلىيەتتە، بالىنىڭ ئەقىللىك تۇغۇلۇشى، ھامىلدار ئايال بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تۆۋەندىكى ھامىلدار ئاياللار تۇغقان بالىلار كۆپىنچە ئەقلى ئىقتىدارى يۇقىرى كېلىدۇ.
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىشى يىتەرلىك بولغان ھامىلدار ئاياللار
   ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، بالا ئانىسىنىڭ بەدىنىدىن زور مىقداردا ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى قوبۇل قىلىشقا موھتاج، بولۇپمۇ ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيى، ھامىيلىنىڭ مۇھىم ئىچ ئەزالىرى يىتىلىدىغان مەزگىل بولۇپ، نېرۋا سىستېمىسى يىتىلىدىغان ھالقىلىق مەزگىل ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنىدىكى ئۇزۇقلۇقنىڭ مول بولۇش بولماسلىقى، ھامىيلىگە قارىتا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ.
قالايمىقان دورا ئىشلىتىش تارىخى بولمىغان ھامىلدار ئاياللار
   نۇرغۇن ئاياللار، ھامىلدار بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئۆزىنىڭ ھامىلدار بولغانلىقىنى ھېس قىلىپ يىتەلمەي، ئازراق بىئارام بولۇپ قالسا، ئۆزى تەجىربىسىگە ئاساسەن دورا ئىچىدۇ؛ ئەگەر بىئارامچىلىق ئوڭشالمىسا ئاندىن دوختۇرغا كۆرۈنىدۇ. لېكىن دوختۇرغا كۆرۈنۈپ ئۆزىنىڭ ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلگەن ۋاقىتتا، ئۇلار ئاللىبۇرۇن نۇرغۇن دورىلارنى ئىچىپ بولغان بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋال، قورساقتىكى ھامىيلىگە نىسبەتەن ئىنتايىن خەتەرلىك ھېسابلىنىدۇ.
   شۇڭا، ھامىلدار ئاياللار قالايمىقان دورا ئىچىشتىن ساقلىنىشى كېرەك؛ بولۇپمۇ ھامىلدار بولۇشقا تەييارلىق كۆرۈش مەزگىلىدە، ئۇلار قايسى خىل نەرسىلەرنىڭ قەتئىي يېقىن كېلىشكە بولمايدىغان نەرسىلەر ئېكەنلىكىنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈپ، پۇشايماندا قالدۇرىدىغان ئىشلارنىڭ كۆرۈلۈپ قېلىشىدىن ساقلىنىشى لازىم.
ئەڭ ياخشى تۇغۇت يېشىدا تۇرۇۋاتقان ھامىلدار ئاياللار
   ئادەتتە ئايال كىشىگە نىسبەتەن، 23ياشتىن 30ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا، ئۇلارنىڭ بەدىنى تولۇق يىتىلىپ، ئىشلەپچىقارغان تۇخۇمنىڭ سۈپىتى ئەڭ ياخشى دەرىجىگە يىتىدۇ. ئەگەر ئاياللار بۇ مەزگىلدە قورساق كۆتۈرۈشنى تاللىسا، تۇغۇت سۈپىتى ئەڭ ياخشى، خەتىرى ئەڭ تۆۋەن بولىدۇ، بالىمۇ تېخىمۇ ئەقىللىك تۇغۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇۋاپىق بولغان تۇغۇت ياش مەزگىلىنى تاللاپ قورساق كۆتۈرۈش، بەك بالدۇر قورساق كۆتۈرۋالماسلىق ھەم بەك كىيىنمۇ قالماسلىق كېرەك.
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە كاللىسىنى ئىشلىتىشكە ئامراق ھامىلدار ئاياللار
   ھامىلدار بولغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللار ناھايىتى ھۇرۇنلىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، ياتقىلى پۇرسەت بولسىلا مىدىرلاشنى خالىمايدۇ؛ بۇ گەرچە نورمال ئەھۋال بولسىمۇ، ئەمما قورساقتىكى بالا بىلەن پىكىرلىشىدىغان پۇرسەتتىن ئايرىلىپ قېلىشىمىز مۇمكىن. چۈنكى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، قورساقتىكى بالىدىمۇ بىر خىل سىزىم تۇيغۇ مەۋجۇت؛ ھامىلدار ئايال ئەگەر ھامىلدارلىق مەزگىلىدە كۆپرەك كىتاب ئوقۇپ ۋە باشقىلار بىلەن پىكىرلىشىپ، كاللىسىنى كۆپرەك ئىشلىتىپ بەرسە، قورساقتىكى بالىمۇ مۇناسىپ ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا قوبۇل قىلالايدۇ. بۇ ئەھۋال، ھامىيلىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇپ، ئۇلار تېخىمۇ ئەقىللىك تۇغۇلىدۇ.

بوۋاقلارنىڭ دۈم يېتىشىنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

دۈم ياتقان ۋاقىتتا، بوۋاقلار ئۆزىنى تىرەپ كۆتۈرۈگەندە، ئاندىن ئانىسىنى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى كۆرەلەيدۇ؛ بۇ جەرياندا، بوۋاقنىڭ باش قىس

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号