ھامىيلىگە ئوكسىگېن يېتىشمەي قېلىشنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5811:قېتىم كورۇلدى
   ئوكسىگېن، جانلىقلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا زۆرۈر بولغان گاز جىسىمى بولۇپ، ئوكسىگېن بولمىسا، جانلىقلار ھايات كەچۈرەلمەيدۇ. ھامىلدارلىق مەزگىلىدىمۇ، ھامىلدار ئايال قورسىقىدىكى بوۋاقنىڭ پائالىيىتىگە ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىشى كېرەك؛ چۈنكى، بەزى ھامىلدار ئاياللاردا ھامىيلىگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ئەگەر ھامىيلىگە ئوكىسگېن يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلسە، يىنىك بولغاندا ھامىيلىنىڭ يېتىلىشى توختاپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا مېڭە پارالىچى، ھەتتا ھامىيلىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
   ئۇنداقتا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىيلىگە ئوكسىگېن يېتىشمەي قېلىشنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟
سول تەرىپىنى بېسىپ يېتىشقا ئادەتلىنىش
   ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلىگە كەلگەندە، كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسى ئوڭغا تولغانغان كېلىدۇ؛ سول يېنىنى بېسىپ يېتىش بۇ ئەھۋالنى تۈزىتىشكە پايدىلىق بولۇپ، ھامىيلە تېخىمۇ كۆپ ئوكسىگېنغا ئېرىشىپ، كىندىك بەلبىغىغا قان تەمىنلەش مىقدارى ئاشىدۇ. لېكىن، بۇمۇ مۇتلەق ئەمەس بولۇپ، ھامىلدار ئايالنىڭ كونكرېتنى ئەھۋالىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ.
مۇۋاپىق تۈردە ھەرىكەتلىنىش
   ئۇزۇن ۋاقىت مىدىرلىماي ئولتۇرىۋالغاندا، بالىياتقۇ بېسىلىشقا ئۇچراپ، ھامىيلىنىڭ مىدىرلاپ پائالىيەت قىلىشىغا پايدىسىز بولىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋال ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشسا، ھامىيلە ھەمرىيىدىكى قان ئايلىنىشىغا تەسىر يېتىپ، بۇ سەۋەبلىك ھامىيلىگە ئوكسىگېن يېتىشمەلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلدار ئايال مۇۋاپىق تۈردە مېڭىپ ھەرىكەتلىنىپ بەرگەندە، ھامىيلىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، ھامىيلە ئورنىنىڭ ئوڭ كېلىشى نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولىدۇ؛ بۇنىڭدا، تۇغقان ۋاقىتتا تۇغۇت يولىدىن تۇغۇشىغا پايدىلىق بولىدۇ.
كەيپىياتىنى تەڭشەشكە ئەھمىيەت بىرىش
   ھەر بىر ھامىلدار ئايالنىڭ ھامىلدارلىق ئىنكاسى(سىزىكى) ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا ھەممە ئىشتا باشقا ھامىلدار ئايالنى دوراشنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت ئۆزىمىزنىڭ كەيپىياتىنى ياخشى تەڭشەپ، ياخشى بىر روھى ھالەتنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بەرسەكلا، ھامىيلىنىڭ ساغلام يېتىلىشىگە پايدىلىق بولىدۇ.
تاماكا ئىسىدىن يىراق تۇرۇش
   تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھامىلدار ئايال بەك سېمىز بولۇپ كەتسە ياكى تاماكا ئىسى بىلەن بەك كۆپ ئۇچراشسا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىيلىگە تەمىنلىنىدىغان ئوكسىگېن مىقدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. شۇڭلاشقا، ھامىلدار ئاياللار ئىمكان قەدەر بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىپ، تاماكا ئىسىدىن يىراق تۇرۇشقا دىققەت قىلىشى كېرەك.

بوۋاقلارنىڭ دۈم يېتىشىنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

دۈم ياتقان ۋاقىتتا، بوۋاقلار ئۆزىنى تىرەپ كۆتۈرۈگەندە، ئاندىن ئانىسىنى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى كۆرەلەيدۇ؛ بۇ جەرياندا، بوۋاقنىڭ باش قىس

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号