ھامىلدارلىق مەزگىلىدە خۇاڭدەننىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولامدۇ؟
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5819:قېتىم كورۇلدى
   بوۋاق يېڭى تۇغۇلغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭدا خۇاڭدەن ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن بولۇپ، بەزىلەرنىڭ بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۆزلىكىدىن يوقاپ كېتىشى مۇمكىن؛ يەنە بەزىلەرنىڭ بولسا، ئۇزۇنغىچە يوقىماسلىقى مۇمكىن. نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟ بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولامدۇ؟
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقتىكى خۇاڭدەن ئالامەتلىرى زادى قانداق ئىش؟
   يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا خۇاڭدەن كۆرۈلۈشىدىكى سەۋەب، ھامىيلە، ھامىيلە ھەمرىيىغا تايىنىپ قان ۋە ئوكسىگېن قوبۇل قىلىدۇ؛ لېكىن ئانا تېنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، بوۋاق ئۆپكىسى ئارقىلىق نەپەسلىنىپ ئوكسىگېنغا ئېرىشىدۇ. بۇ سەۋەبلىك، ئۇلارنىڭ بەدىدىكى تۆۋەن ئوكسىگېنلىق مۇھىت ئۆزگەرگەن بولغاچقا، ئۇنچە كۆپ قىزىل قان ھۈجەيرىلىگە ئېھتىياجلىق بولمايدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئۆت قىزىل ماددىسى شەكىللىنىدۇ ھەمدە ئارتۇق ئېشىپ قالىدۇ. ئېشىپ قالغان ئۆت قىزىل ماددىسى، بوۋاقنىڭ تېخى يىتىلىپ بولالمىغان ئىنىزىم سىستېمىسىغا تايىنىپ بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىپ بولالمىغاچقا، قانغا ئەگىشىپ بوۋاقنىڭ بەدەنلىرىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىغا تارايدۇ؛ بۇ ئەھۋالنىڭ سىرتقى قىسىمدا گەۋدىلىنىشى، بوۋاقنىڭ تېرىسى سېرىق رەڭگە ئۆزگىرىپ قېلىش بولىدۇ.
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە خۇاڭدەننىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟
پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، مېۋە-كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش
   ھامىلدار ئايالنىڭ ھۆل ئىسسىقى ئېشىپ كەتسە، تۇغۇلغان بوۋاقتا خۇاڭدەن كۆرۈلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئۇزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا دىققەت قىلىپ، مېۋە-كۆكتات ۋە پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش كېرەك. بۇندىن باشقا، خام ۋە سوغۇق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ، ھاراق ئىچىشكە ۋە ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ.
ھەر كۈنى يېتەرلىك دەرىجىدە ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش
   يىتەرلىك ھەم سۈپىتى يۇقىرى بولغان ئۇيقۇلا، ئاندىن بەدەننىڭ نورمال مىتابولىزىمىغا پايدىلىق بولىدۇ؛ شۇڭا، ھامىلدار ئايال ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، كېچىسى ئۇخلىماسلىقتىن قەتئىي ساقلىنىشى كېرەك. خىزمەتچى ئايال بولغان تەقدىردىمۇ، دەم ئېلىشقا دىققەت قىلىپ، بەك چارچاپ كېتىشكە ياكى ھەمىشە سىمىنا قوشۇپ ئىشلەشكە بولمايدۇ.
قەرەللىك تۈردە تەكشۈرۈش قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىش
   ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، قەرەللىك تۈردە تەكشۈرۈش قىلدۇرۇپ تۇرغاندىلا، ئاندىن بوۋاقنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنى بىلىپ يەتكىلى ھەمدە ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىپ داۋالاش قىلغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھامىلدار ئايالمۇ ئۆزىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك بولۇپ، ئەگەر زۇكامداپ قىزىيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە، دورا ئىچمەسلىككە ئىمكانىيەت بولسا دورا ئىچمەسلىك كېرەك؛ فىزىكىلىق داۋالاش، ھامىيلىنىڭ ساغلاملىقىغا تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.
   بوۋاقلاردىكى خۇاڭدەن مەسىلىسىگە نىسبەتەن، ھامىلدار ئاياللار دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىشى لازىم، ئەمما بەك ئەنسىرەپ كېتىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. پەقەت كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەككە ۋە ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلىپ، ۋاقتىدا تەكشۈرۈش قىلدۇرۇپ تۇرساقلا بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىنمۇ، ئاسراشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىس

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号