بالا چوڭ بولغاندا كىمگە بەكرەك ئوخشايدۇ؟
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6682:قېتىم كورۇلدى
   ئاتا-ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغانلار، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھەمىشە كەلگۈسىدە تۇغۇلىدىغان بالىسى ئۈستىدە نۇرغۇن خىياللارنى قىلىپ، بالام تۇغۇلسا كىمگە ئوخشايدىغاندۇ، ئاق تۇغۇلارمۇ قارىمۇ، ئېگىز ئادەم بولارمۇ پاكارمۇ دەپ ئويلاپ كېتىدۇ. بۇلارنى بىلمەكچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى ئىرسىيەت ئىلمى جەھەتتىكى بىلىملەرنى كۆرۈپ بېقىڭ!
ئەقلى ئىقتىدارى
   ئەقلى ئىقتىدارنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە ئىرسىيەت خاراكتېرى بار بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا يەنە مۇھىت، ئۇزۇقلۇق، مائارىپ قاتارلىق كىيىنكى مەزگىللىك ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئالىملارنىڭ مۆلچەرلىشىگە قارىغاندا، ئىرسىيەتنىڭ ئەقلى ئىقتىدارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى، تەخمىنەن %60-%50نى ئىگىلەيدىكەن؛ ئىرسىيەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئانىسى ئەقىللىك بولسا، تۇغۇلغان بالا كۆپىنچە ئەقىللىك تۇغۇلىدۇ، ئەگەر ئوغۇل بالا بولسا، تېخىمۇ ئەقىللىك بولىدۇ.
   بۇنىڭدىكى سەۋەب، ئىنسانلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان گېن، ئاساسلىقى Xخروموسومغا مەركەزلەشكەن. ئاياللاردا Xخروموسومدىن ئىككىسى بار، ئەرلەردە بولسا پەقەت بىرىلا بار؛ شۇڭا ئانىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى، ئىرسىيەتتە تېخىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
تىرە رەڭگى
   ئەگەر دادا بىلەن ئانا ھەر ئىككەيلەننىڭ تىرە رەڭگى ئاق بولسا، ئۇنداقتا كۆپ سۆزلەش كەتمەيدۇ، چوقۇم تىرىسى ئاق بالا تۇغۇلىدۇ. ئەگەر پەقەت ئانىسىنىڭ ياكى دادىسىنىڭ بىر تەرەپنىڭلا تىرىسى ئاق بولسا، ئۇنداقتا بالىنىڭ تىرىسى ئانا بىلەن دادا تىرە رەڭگىنىڭ ئارىلىقىدىكى رەڭدە تۇغۇلىدۇ. ئەگەر ئانا بىلەن دادا ھەر ئىككىسىنىڭ تىرىسى قارامتۇل بولسا، ئۇنداقتا بالىمۇ ساغلاملىقنى بىلدۈرىدىغان بوغداي ئۆڭ تۇغۇلىدۇ.
قاپىقى
   ئادەتتە، ئەگەر دادىسى ياكى ئانىسى ئىككەيلەننىڭ بىرى قوش قاپاق بولسا، ئۇنداقتا بالىنىڭ قوش قاپاق تۇغۇلۇش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. ئەگەر دادا بىلەن ئانا ھەر ئىككىسى يالاڭ قاپاق بولسا، ئۇنداقتا شۈبھىسىزكى، بالىمۇ يالاڭ قاپاق تۇغۇلىدۇ.
كۆزلىرى
   كۆزلىرى چوڭ بولۇشنىڭ ئىرسىيەت ئامىلى تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپ، دادا ياكى ئانا ئىككى تەرەپنىڭ بىرسىنىڭ كۆزى چوڭ يەنە بىرسىنىڭ كۆزى كىچىك بولغان تەقدىردىمۇ، بالىنىڭ كۆزلىرى چوڭ تۇغۇلۇش ئېھتىماللىقى يەنىلا بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ.
قاڭشىرى
   بۇرنى چوڭ ھەم ئېگىز، بۇرۇن تۆشۈكچىسى كەڭرى بولغان ئالاھىدىلىكنىڭ ئىرسىيەت ئامىلى بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك. دادا ياكى ئانىنىڭ ئىچىدە بىرسىنىڭ قاڭشىرى تۈز بولسا، بالىغا ئىرسىيەت قالدۇرۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ. بۇرۇن ئىرسىيىتى قورامىغا يەتكۈچە سوزۇلۇپ بارىدىغان بولۇپ، كىچىك ۋاقتىدا بۇرنى پاناق بولغان تەقدىردىمۇ، قورامىغا يەتكەندە يەنە قاڭشىرى ئېگىز بولۇپ ئۆزگىرىشى مۇمكىن.
بوي ئېگىزلىكى
   بالا ئېگىز چوڭ بولامدۇ بولمامدۇ، بۇنىڭدا دادا ۋە ئانا ھەر ئىككىسىنىڭ تەسىرى بار؛ بوي ئېگىزلىكنى بەلگىلەيدىغان ئامىللارنىڭ %35تى دادىدىن، %35تى ئانىدىن كېلىدۇ. باشقا ئامىللار، يېمەك-ئىچمەك ئادىتى، ھەرىكەت قىلىپ چېنىقىش ئادىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
سېمىز ئۇرۇقلۇقى
   دادا ياكى ئانا ھەر ئىككىسى ئۇرۇق بولسا، تۇغۇلغان بوۋاقمۇ كۆپىنچە ئۇرۇق ئادەم بولىدۇ. ئەگەر دادا ۋە ئانا ھەر ئىككىسى سېمىز بولسا، ئۇنداقتا تۇغۇلغان بالىنىڭ سېمىز چوڭ بولۇش نىسبىتى %53كە يېتىدۇ. ئەگەر دادا بىلەن ئانا ئىككىسىنىڭ ئىچىدىكى پەقەت بىرسىلا سېمىز بولسا، ئۇنداقتا بالىنىڭ سېمىز چوڭ بولۇش نېسبىتى پەقەت %13لا بولىدۇ. 
چاچ
   پەينەكلىك، پەقەت ئوغۇل بالىغىلا ئىرسىيە قېلىپ قىز بالىغا ئىرسىيەت قالمايدۇ. مەسىلەن، دادا پەينەك بولسا، ئوغلىغا ئىرسىيەت قالدۇرۇش ئېھتىماللىقى %50 بولىدۇ؛ ھەتتا، ئانا تەرەپنىڭ دادىسى پەينەك بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ پەينەكلىكىنى قىزىنىڭ ئوغلىغا ئىرسىيەت قالدۇرۇش ئېھتىماللىقىمۇ %25بولىدۇ.
خاراكتېر
   پىسخىكا ئىرسىيەت ئىلىمىنىڭ قارىشىچە، بالىنىڭ خاراكتېرىنىڭ %50تى ئىرسىيەتتىن كېلىدۇ، قالغان يېرىمى بولسا كىيىنلىك تەرەققىياتتىن، يەنى بالىلار تۇرغان مۇھىت، ئائىلە كەيپىياتى، تەربىيەلەش ئۇسۇلى، ھەتتا ئولتۇراق شارائىتى ۋە يېمەك-ئىچمەك ئادىتى قاتارلىقلاردىن كېلىدۇ.
   ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىنىڭ تەدرىجىي چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلار جەمئىيەتتە ئۇچرىشىدىغان دائىرە كېڭىيىپ، بالىنىڭ خاراكتىرى جەمئىيەتلىشىشكە قاراپ يۈزلىنىدۇ ھەمدە مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى چوڭقۇرلىشىدۇ. ئۆسۈپ-يېتىلىش جەريانىدىكى مۇرەككەپ كەلگەن ھەرخىل سىرتقى ئامىللارمۇ بالىنىڭ خاراكتېرىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر ي

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号