بوۋاققا كېچىكىپ چىش چىقىشنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەبلەر
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6766:قېتىم كورۇلدى
   ئادەتتە، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق تۆت ئايلىق بولغاندىن باشلاپ، ئۇنىڭ تۇنجى چىشى چىقىشقا باشلايدۇ، ئەڭ كېچىكىپ قالغاندا بىر ياش ئەتراپىدا چىقىدۇ. لېكىن، بوۋاق بىر ياشقا توشقاندىن كېيىنمۇ چىش چىقىشقا باشلىمىسا، ئۇنداقتا چىش چىقىش كېچىكىپ قېلىش دەپ قارىساق بولىدۇ. ئۇنداقتا، بوۋاقلارنىڭ چىشىنىڭ كېچىكىپ چىقىشىنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەبلەردىن قايسىلار بار؟
قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇش توغرا بولماسلىق
   بوۋاق 6-4ئايلىق بولغان ۋاقىتتىن باشلاپ، ئۇلارغا قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇپ يىگۈزۈش باشلىنىدۇ؛ لېكىن، بەزى ئانىلار بوۋاقنىڭ تېخى كىچىك بولغانلىقى ئۈچۈن يۇتالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، بوۋاقلارغا قويۇق يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ يىگۈزمەيدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، بوۋاقنىڭ چىش مىلىكىگە بولغان غىدىقلاش ئازلاپ، چىش چىقىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
   بوۋاق 7-6ئايلىق بولغان ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ شۆلگىيى تەركىبىدىكى كىراخمال ئىنزىملىرىنىڭ ئىقتىدارى تەدرىجىي ھالدا مۇكەممەللىشىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا، ئۇلارغا يۇمشاپ كەلگەن چۆپ قاتارلىق بەزىبىر يېمەكلىكلەرنى يىگۈزسەك بولىدۇ. دەسلىپىدە، بوۋاقلار پەقەت شۆلگەي ئارقىلىق يېمەكلىكنى يۇمشاتقاندىن كېيىن ئاندىن يۇتالايدۇ؛ لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇلار يېمەكلىكنى چىش مىلىكى ئارقىلىق سۈركەپ ئىزىپ، چايناپ يۇمشىتىشنى سىناپ باقىدۇ. بۇلارنىڭ ھەمىسى، ئۇلارنىڭ چىش مىلىكىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىپ، چىش چىقىشىغا پايدىلىق بولىدۇ.
ئىرسىيەت ئامىلى
   بەزىدە، ئىرسىيەت ئامىلىمۇ بوۋاقنىڭ چىشىنىڭ كېچىكىپ چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىسىنىڭ كىچىك ۋاقتىدا چىشى كېچىكىپ چىققان بولسا، ئۇنداقتا بالىسىنىڭ چىش چىقىش ۋاقتىمۇ نىسبەتەن كېچىكىپراق بولىدۇ. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، جىنسىي ئايرىمىسىمۇ چىش چىقىش ۋاقتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، قىز بوۋاقلارغا قارىغاندا، ئوغۇل بوۋاقنىڭ چىش چىقىش ۋاقتى نىسبەتەن كىيىنرەك بولىدۇ.
كېسەللىك ئامىلى
   بەزى بوۋاقلارنىڭ چىشىنىڭ كېچىكىپ چىقىشى، ئۇلاردا راخىت كېسىلى(佝偻病) ياكى قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇش ئەھۋالى بولغانلىقتىن بولىدۇ. بىر ياشقا توشقاندىن كېيىنمۇ بوۋاقنىڭ چىشى يەنە چىقمىسا، ئۇنداقتا ئاتا-ئانىلار بۇ خىلدىكى كېسەللىكلەر سەۋەبىنىڭ بار يوقلۇقىنى ئويلىشىپ، بالىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىشى كېرەك.
ئۇزۇقلۇق كەمچىل بولۇش
   بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشى مىنرالنى ماددىلار، ۋىتامىنلار ۋە ئاقسىل قاتارلىقلاردىن ئايرىلالمايدۇ.ئەگەر ئاقسىل قوبۇل قىلىش يېتەرلىك بولمىسا، چىش چىقىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ مىنرالنى ماددىلارنى قوبۇل قىلىش يىتەرلىك بولسا، بوۋاقنىڭ چىشىنىڭ كالتسىيلىشىشىغا تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ؛ ۋىتامىنلار بولسا، بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، چىشىنىڭ يېتىلىشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
   ئۇزۇقلۇق يىتەرلىك بولماسلىق ياكى تەڭپۇڭ بولماسلىق، بوۋاقنىڭ چىشىنىڭ كېچىكىپ چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ئەگەر بالىدا ئۇزۇقلۇق يېتىشمەسلىك نىسبەتەن ئېغىر بولسا، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە بالىنىڭ چىشىنىڭ چىقىش ۋاقتىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بوۋاقلارنىڭ چىشىنىڭ كېچىكىپ چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار بىر قەدەر كۆپ، ئەگەر بوۋاقنىڭ چىشى نورمال ۋاقىتتا چىقىپ بولالمىسا، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىش كېرەك.

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر ي

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号