ئىمىش مەزگىلىدىكى بوۋاقلارنىڭمۇ "يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى" بار
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6321:قېتىم كورۇلدى
   بوۋاقلار يېڭىدىن بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقان ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك پائالىيىتى ئۇخلاش بىلەن ئىمىش بولىدۇ. لېكىن، سىز ئۇلارنى تېخى كىچىك، شۇڭا ھېچنىمىنى بىلمەيدۇ دەپ ئويلاپ قالماڭ؛ ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭمۇ "ئۆزگىچە مىجەزلىرى" بار بولۇپ، يېمەك-ئىچمەك مۇھىتىنى تاللايدىغان كېلىدۇ.
سۇغۇق ھاۋا ئېقىمى ھەزىم قىلىش ناچارلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
   بوۋاقلارنىڭ تىرىسى ئىنتايىن نېپىز بولۇپ، بەدەن تىمپىراتۇرىسىنى تەڭشەش ئىقتىدارى ناچار كېلىدۇ، شۇڭا سىرتقى مۇھىتنىڭ ئىسسىق-سوغۇقلىقىنىڭ ئۇلارغا بولغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ. تىمپىراتۇرا بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، بوۋاقنىڭ بىر نەرسە يىگۈسى كەلمەي قېلىشى مۇمكىن؛ بەك تۆۋەن تىمپىراتۇرا مۇھىتىدا ئىمىتكەندە بولسا، سۈتنى شوراپ ئىمىش جەريانىدا سوغۇق ھاۋانىمۇ بىللە قوشۇپ سۈمۈرىۋىلىپ، بوۋاقنىڭ ھەزىم قىلىشى ناچارلىشىپ قېلىشى مۇمكىن. بىرلا ۋاقىتتا، ئانىغىمۇ سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشى مۇمكىن.
غەلىتە پۇراق بوۋاقنىڭ ئىشتىھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
   گەرچە بوۋاقلار ناھايىتى كىچىك بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇرنىنىڭ ئىقتىدارى خېلى ئوبدانلا يېتىلىپ بولغان بولىدۇ، ئۇلار پۇراققا تايىنىپلا ئۆز ئانىسىنى تاپالايدۇ. بوۋاقلار ئەمگەن ۋاقىتتا، ئەتراپتىكى مۇھىتتىكى پۇراقلارنىمۇ ناھايىتى تاللايدىغان بولۇپ، ئەگەر ئۇلار ئىمىۋاتقاندا ئەتراپتا غەلىتە، سېسىق پۇراقلار بار بولسا، بۇ ئەھۋال ئۇلارنىڭ ئىشتىھاسىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئانىلار بالىسىنى ئىمىتكەن ۋاقتىدا ئەتراپدىكى مۇھىتقا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، غەلىتە پۇراق بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئانىنىڭ كەيپىياتى ياخشى بولسا بالا يىغلاپ خاپا قىلمايدۇ
   ئانا ئاچچىقلىنىپ كەيپىياتى ياخشى بولماي قالسا، ياكى باشقىلار بىلەن سوقۇشۇپ يىغلىسا، بوۋاقلارنىڭ ئانىسىنىڭ كەيپىياتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلىپ يېتەلەيدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇلار بىخەتەرلىك تۇيغۇسى يوق ۋە قورقۇش ھېس قىلىدۇ، ھەتتا يىغلاپ خاپا قىلىپ ئەمگىلى ئۇنىمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئانىلار بالىسىنى ئىمىتكەن ۋاقىتتا، كەيپىياتىنى تەڭشەپ ئەڭ ياخشى ھالەتنى ساقلىشى كېرەك. بۇندىن باشقا، بوۋاقلارنىڭ ئانىسىنىڭ قاراشلىرى، گەپ-سۆز ئاھاڭلىرى، ناخشا ئاۋازى ۋە سىيلاشلىرىدىن، ئانىسىنىڭ مۇھەببىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىشىنى سىزىپ، بىخەتەرلىك ۋە ئىللىقلىق ھېس قىلىدۇ.

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر ي

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号