ھامىلدارلىق مەزگىلىنى قانداق ھېسابلايمىز؟
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7842:قېتىم كورۇلدى
   ئادەتتە، ھامىلدار ئاياللار ھامىلدار بولغان ۋاقتىنى توغرا ھېسابلىيالمايدۇ؛ تىبابەت جەھەتتە بولسا، پەرەزلىك تۇغۇت ۋاقتى ئارقىلىق، بوۋاقنىڭ تۇغۇلىدىغان تەخمىنەن ۋاقتىنى ھېسابلاپ چىقىرىدۇ. پەرەزلىك تۇغۇت ۋاقتى، ئاخىرقى قېتىملىق ھەيىزنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، پۈتكۈل ھامىلدارلىق مەزگىلى، 280كۈن، ياكى ئون ھامىلدارلىق ئېيى(28كۈن بىر ئاي ھېسابلىنىدۇ) بولىدۇ.
   ھامىلدارلىق مەزگىلىنى قانداق ھېسابلايمىز
   1. ئاياللار تۇخۇم ئىشلەپچىقارغاندىن كېيىنكى 24 سائەت ئىچىدە ھامىلدار بولۇش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئەرلەر ئىسپىرما ئىشلەپچىقارغاندىن كېيىنكى 72-24سائەت ئىچىدە ھامىلدار بولۇش ئىقتىدارىغا ئىگە؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، ئالدى بىلەن، ھامىلدا ئايالنىڭ ئاخىرىقى قېتىملىق ھەيىزدىن كېيىنكى تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىش ۋاقتىنى ھېسابلاپ چىقىش كېرەك. ئەگەر ئىلگىرى بەزىبىر ئالاھىدە ئۇسۇللارنى قوللىنىپ تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىش كۈنىنى ئۆلچەپ چىقمىغان بولسا، ئاخىرقى قېتىملىق ھەيىز دەۋرىگە ئاساسەن كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا بولىدۇ.
   2. پەرەزلىك تۇغۇت ۋاقتىنى ھېسابلاش: پەرەزلىك تۇغۇت ۋاقتىنى ئاخىرقى قېتىملىق ھەيىزنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ ھېسابلايمىز، پۈتكۈل ھامىلدارلىق ۋاقتى 10×28كۈن بولىدۇ. مۇشۇ بويىچە ھېسابلاپ، پەرەزلىك تۇغۇت ۋاقتىنى ھېسابلاپ چىققىلى بولىدۇ.
   ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قايسى خىل ئۇزۇقلۇقلارنى تولۇقلاش كېرەك؟
   1. ھامىلدارلار مەخسۇس ئىشلىتىدىغان سۈت پاراشوكى تولۇقلاش: ھامىلدارلار مەخسۇس ئىشلىتىدىغان سۈت پاراشوكى، ھەر كۈنى دېگۈدەك ھامىلدار ئايال كۈندە ئېھتىياجلىق بولغان ۋىتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلارنى تولۇقلىيالايدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، شارائىت يار بەرسە، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ خىل سۈت پاراشوكىنى ئىچىش زۈرۈردۇر. ئەڭ ئىلمىي بولغان ئۇسۇل، ئەتىگەن ۋە كەچتە، ھامىلدارلار مەخسۇس ئىشلىتىدىغان سۈت پاراشوكى بىلەن ياغسىزلاندۇرۇلغان كالا سۈتىنى ئالماشتۇرۇپ ئىچىشتۇر.
   2. كالتسىي تولۇقلاش: چۈنكى، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ بەدەن مىتابولىزىمىغا كېرەكلىك بولغان كالتسىي مىقدارىنى قانائەتلەندۈرگەندىن باشقا، يەنە ھامىيلىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە ئېھتىياجلىق بولغان كالتسىي مىقدارىغىمۇ كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
   3. فولىن كىسلاتاسى تولۇقلاش: فولىن كىسلاتاسى، ئاياللارنىڭ ھامىلدارلىققا تەييارلىق كۆرۈشىدىكى گۆھەر؛ فولىن كىسلاتاسى، ھۈجەيرىلەرنىڭ مىتابولىزىمى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
   4. مىۋە-چىۋە تولۇقلاش: ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايالنىڭ ئىشتىھاسى ئېچىلىپ كېتىدۇ، ھامىيلىمۇ تېز سۈرئەتتە ئۆسۈپ-يېتىلىشكە باشلايدۇ، شۇڭا ئېھتىياجلىق بولىدىغان ئوزۇقلۇقلارمۇ تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ھامىلدار ئاياللار مىۋە-چىۋىلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق ۋىتامىنلارنى ۋە فولىن كىسلاتاسى تولۇقلىسا بولىدۇ.

بوۋاقلارنىڭ دۈم يېتىشىنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

دۈم ياتقان ۋاقىتتا، بوۋاقلار ئۆزىنى تىرەپ كۆتۈرۈگەندە، ئاندىن ئانىسىنى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى كۆرەلەيدۇ؛ بۇ جەرياندا، بوۋاقنىڭ باش قىس

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号