رىتسىپلىق سۈت پاراشوكىنىڭ قايسى تەركىبلىرى بوۋاق ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5814:قېتىم كورۇلدى
   بەزى تۇغۇتلۇق ئاياللار، ئانا سۈتى يېتەرلىك بولماسلىق ياكى خىزمەت قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بوۋىقىغا رىتسىپلىق سۈت پاراشوكى ئەمگۈزىدۇ.
   رىتسىپلىق سۈت پاراشوكى، بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىشتىكى ئاساسلىق مەنبەنىڭ بىرى بولۇپ، سۈپەتلىك ھەم بىخەتەر، ئۇزۇقلۇق تەركىبىنىڭ ماسلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق، باھاسى ئەرزان... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى، بىز ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلىلەردۇر.
   رىتسىپلىق سۈت پاراشوكى سېتىۋېلىش تىلغا ئېلىنغاندا، نۇرغۇن ئانىلار ھامىلدارلىق مەزگىلىدىن باشلاپ بۇ جەھەتلەردىكى ساۋاتلارغا دىققەت قىلىشقا باشلايدۇ. لېكىن، بوۋاققا ئەڭ ماس كېلىدىغان سۈت پاراشوكىنى تاللاپ سېتىۋېلىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس.
    ئۇنداقتا، رىتسىپلىق سۈت پاراشوكىنىڭ قانداق تەركىبلىرى بار؟ بۇ تەركىبلەرنىڭ قانداق كونكرېتنى ئۈنۈملىرى بار؟
   نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىگىلىگەن ساۋاتلىرى كەمچىل بولغاچقا، ئۇلار ئادەتتە سۈت پاراشوكى سېتىۋالغاندا، كۆپىنچە داڭلىق ماركىلاردىكى سۈت پاراشوكلىرىنى تاللاپ سېتىۋالىدۇ.
   بىراق، سىز رىتسىپلىق سۈت پاراشوكى تەركىبىدىكى قايسى خىل تەركىبلەرنىڭ بالىلارغا نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟
OPOقۇرۇلمىلىق ياغ تەركىبى
   بۇ بىر خىل قۇرۇلمىلاشقان ياغ بولۇپ، ئېنزىم ئۇسۇلى ئارقىلىق ئېستىرلارنى ئالماشتۇرۇش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئانا سۈتىنىڭ ياغ تەركىبلىرى مولىكولا تۈزلىشىگە ئوخشىتىلىپ ياسىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ياغ تەركىبى  OPOقۇرۇلمىلىق بولغان سۈت پاراشوكىنىڭ تەمى ۋە ئۇزۇقلۇق قىممىتى، ئانا سۈتىگە تېخىمۇ يېقىن كېلىدۇ.
   بۇ خىلدىكى سۈت پاراشوكى، ئانا سۈتىگە تېخىمۇ يېقىن كېلىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغاچقا، ئادەتتىكى سۈت پاراشوكلىرىغا ئوخشاش بوۋاقلاردا قوقاقلاش، قەۋزىيەت بولۇش قاتارلىق بىئاراملىقلارنى پەيدا قىلمايدۇ.
بۇندىن باشقا، OPO سۈت پاراشوكىنىڭ ئالاھىدىلىكى، بوۋاقنىڭ كالتسىي قاتارلىق ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى سۈمۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇزۇقلۇقنىڭ خوراپ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەمدە بوۋاقنىڭ سۆڭەكلىرىنىڭ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
DHA
    DHAنىڭ خېمىيىلىك نامى گېكساكاربونىك كىسلاتا بولۇپ، بىز ئادەتتە ئېيتىدىغان "مېڭە ئالتۇنى"دۇر؛ بۇ ماددا، ئادەم بەدىنىگە ئىنتايىن زۆرۈر بولغان بىر خىل تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىدۇر.
    DHA، نىرۋا سىستېمىسى ھۈجەيرىلىرنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشى ۋە ساقلىنىشىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر ئىلمىنت بولۇپ، چوڭ مېڭە ۋە كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ ئاساسلىق تەشكىلى قىسمىدۇر.
   شۇنىڭ ئۈچۈن، DHA بوۋاق بالىلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ يېتىلىشىگە قارىتا ئىنتايىن مۇھىم؛ بۇندىن باشقا، ئۇ يەنە نىرۋا ھۈجەيرىلىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بوۋاقلارنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولىدۇ.
لاكتوفېررىن
   لاكتوفېررىن، سۈت تەركىبىدىكى ئەڭ مۇھىم بولغان بىئولوگىيەلىك ئاكتىپ ماددا؛ ۇنىڭ بوۋاقنىڭ بەدەن ئورگانىزىمىنىڭ ئىقتىدارىنى قوغداش، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قارىتا مۇھىم رولى بار.
   يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئىممونت سىستېمىسى، ئادەتتە بىر ياش ئەتراپىغا كىرگەندە ئاندىن تولۇق يېتىلىدۇ. بۇ مەزگىلدە، بوۋاقنىڭ كېسەللىك ۋىرۇسلىرىغا قارشى تۇرۇش كۈچى بىر قەدەر ئاجىز بولىدۇ.
   ئەگەر رىتسىپلىق سۈت پاراشوكىغا لاكتوفېررىن قوشۇلسا، بوۋاقلارنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن بىر قەۋەت قوغداش سېپىلى ھاسىل قىلىدۇ.
   بۇندىن باشقا، لاكتوفېررىن بولسا بىر خىل كۆپ ئىقتىدارلىق ئاقسىل بولۇپ، باكتىرىيەگە قارشى تۇرۇش، ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە؛ بۇ سەۋەبلىك، بوۋاقلارنىڭ بەدىنىدىكى مىكرو ئىلمىنتلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەپ، بوۋاقنىڭ بەدەن ساپاسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرلۈشى ۋە ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
   رىتسىپلىق سۈت پاراشوكى، يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ نىسبەتەن ئۇزۇن بىر مەزگىل ئىچىدىكى ئاساسلىق ئۇزۇقلۇق كېلىش مەنبەسى؛ شۇڭا سۈت پاراشوكى سېتىۋالغاندا، چوقۇم بىخەتەر، ساغلام، ئۇزۇقلۇقى مول ھەمدە بالىغا ماس كېلىدىغان سۈت پاراشوكىنى تاللاپ سېتىۋېلىش كېرەك. ئادەتتە سېتىۋېلىش جەريانىدا، كۆپرەك سېلىشتۇرۇپ، كۆپرەك سوراپ پىكىرلىشىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر ي

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号