ھامىلدارلىقتىكى قەۋزىيەتنى قانداق ياخشىلاش كېرەك؟
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6482:قېتىم كورۇلدى
   ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كېيىن، بەدىنىدە زور مىقداردا ھامىلدارلىق گورمۇنى ئاجرىلىپ چىقىپ، بالىياتقۇنىڭ يېغىلىپ تارىيىشىنى توسۇش بىلەن بىرگە، ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرى مۇسكۇللىرىنىڭ كېرىلىش كۈچىنىمۇ ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدۇ ۋە قىمىرلىشىنى ئاستىلىتىدۇ. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بالىياتقۇنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، تۈز ئۈچەي بېسىلىشقا ئۇچرايدۇ؛ بۇندىن باشقا، بالىياتقۇ يوغىنىغاندىن كېيىن، قوساق قىسىم بوشلۇقىدىكى قان ئايلىنىشمۇ توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. بۇ سەۋەبلىك، ھامىلدار ئايالدا قەۋزىيەت كۆرىلىدىغان بولۇپ، بەزىدە ھەتتا ئېغىرلىشىپ، نەچچە كۈنگىچە چوڭ تەرەت كەلمەيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
   ئۇنداقتا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قەۋزىيەت كۆرۈلسە قانداق قىلىش كېرەك؟
   قەۋزىيەت ئالامەتلىرىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، مۇقىم ۋاقىتتا چوڭ تەرەت قىلىش ئادىتى يېتىلدۈرۈش كېرەك. قەۋزىيەت بەك ئېغىر بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ھەر كۈنى كەچلىك تاماقتىن كېيىن، يېرىم سائەت سەيلى قىلىش ئارقىلىق ھەرىكەت مىقدارىنى ئاشۇرۇش لازىم؛ بۇندىن باشقا، يېمەك-ئىچمەكنى ماسلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. مەسىلەن، كۈدە، يىرىك ئاشلىق، پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق تالا تەركىبى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش، قاننىڭ قەنت مىقدارى يۇقىرى بولمىسا، مەي باغلاپ پىشقان يېمەكلىكلەر ۋە مىۋىلەرنى ئىستىمال قىلىپ بىرىش كېرەك. بۇندىن باشقا قايناقسۇنى كۆپرەك ئىچىپ بىرىش، ھەر قېتىملىق تاماق ئالدىدا ئاچا قورساققا بىر ئىستاكان سۇغۇق قايناق ئىچىپ بەرمەك لازىم. ئەگەر قاننىڭ قەنت مىقدارى يۇقىرى بولمىسا، ئازراق ھەسەل قوشۇپ ئىچىپ بەرسەك، ئاشقازان ئۈچەينى غىدىقلاپ قىمىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بولىدۇ.
   بەزى ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كېيىن، ھەرىكەت قىلىشى قولايلىق بولمىغاچقا، كۈندىلىك پائالىيەت مىقدارى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، ئەسلىدىنلا قىمىرلاش ئازلاپ قالغان ئاشقازان ئۈچەينىڭ يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ؛ بۇمۇ ھامىلدار ئايالدا قەۋزىيەت پەيدا قىلىشنىڭ بىر سەۋەبىدۇر. شۇڭا، ھامىلدار ئايالدا مەيلى قەۋزىيەت بار بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھەركۈنى مۇۋاپىق تۈردە ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش لازىم.
   ئەگەر يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق تەڭشەش ئېلىپ بېرىش ۋە مۇۋاپىق تۈردە ھەرىكەتلىنىش بىلەنمۇ قەۋزىيەتنى ياخشىلىغىلى بولمىسا، ئۇنداقتا دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن، ھامىلدار ئاياللارغا ماس كېلىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىش لازىم.

بوۋاقلارنىڭ دۈم يېتىشىنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

دۈم ياتقان ۋاقىتتا، بوۋاقلار ئۆزىنى تىرەپ كۆتۈرۈگەندە، ئاندىن ئانىسىنى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى كۆرەلەيدۇ؛ بۇ جەرياندا، بوۋاقنىڭ باش قىس

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号