ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى تەكشۈرتۈش ۋاقتىنى قانداق بېكىتىش لازىم
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6605:قېتىم كورۇلدى
   ھامىلدار بولغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، ئايال كىشى قانۇنىيەتلىك تۈردە ھامىلدارلىق دائىملىق تەكشۈرتۈش قىلدۇرۇشنى باشلىشى كېرەك. تەكشۈرتۈش ۋاقتىنى قانداق بېكىتىش، بىرىنچى قېتىملىق تەكشۈرتۈشنى قايسى ۋاقىتتا قىلدۇرۇش، قانچىلىك ۋاقىتتا بىر تەكشۈرتۈش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، ئوخشاش بولمىغان دوختۇرخانىلار بەلگىلىگەن كونكرېتنى ۋاقىت ئوخشاش بولمايدۇ، ئەمما چوڭ جەھەتتىكى پىرىنسىپ ۋە يۆنىلىش ئاساسى جەھەتتىن بىردەك بولىدۇ.
بىرىنچى قېتىملىق تەكشۈرتۈشنى قايسى ۋاقىتقا بېكىتىش كېرەك؟
   كۆپ قىسىم دوختۇرخانىلار، بىرىنچى قېتىملىق ھامىلدارلىق دائىملىق تەكشۈرۈشنى، ھامىلدارلىقنىڭ 14-12 ھەپتىسىگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ، يەنى بىز ئادەتتە ئېيتىدىغان "ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بىجىرىدىغان ۋاقىت" بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
   لېكىن، بىرىنچى قېتىملىق تەكشۈرتۈشنىڭ ئالدىدا، نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللار ئادەتتە ھامىلدارلىق 8-6ھەپتىسىدە، دوختۇرخانىغا بېرىپ، قان تەكشۈرتۈش، فىنون سەۋيىسىنى تەكشۈرتۈش، Bتىپلىق ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنلۇق ئۈسكۈنە ئارقىلىق بالىياتقۇ ئىچىدە ھامىلدار بولغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈش ھەمدە ھامىيلە يېشىنى جەزىملەشتۈرۈش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە تەكشۈرۈش قىلدۇرىدۇ. بۇ گەرچە ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى تۇنجى قېتىملىق دائىملىق تەكشۈرۈش ھېسابلانمىسىمۇ، ئەمما ئىنتايىن مۇھىم.
   چۈنكى، ھامىلدارلىق 14ھەپتىسىدىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان Bتىپلىق ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنلۇق ئۈسكۈنىسىدە تەكشۈرۈشتە، تۆرەلمىنىڭ بالىياتقۇغا ئورۇنلىشىش ھەمدە دەسلەپكى مەزگىللىك يېتىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندىن باشقا، يەنە ھامىيلىنىڭ نىسبەتەن توغرا بولغان ھامىلدار بولۇش ھەپتە سانىنى بېكىتىشكە بولىدۇ؛ بۇنىڭ، بالىنىڭ تۇغۇلۇش ۋاقتىنى ئالدىن پەرەز قىلىشقا قارىتا بولغان پايدىلىنىش قىممىتى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ.
نېمە ئۈچۈن 12-ھەپتىگە بارغاندا ئاندىن ئارخىپ تۇرغۇزىلىدۇ؟
   چۈنكى، ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدە، يەنى ھامىلدارلىق 12-ھەپتىسىدىن بۇرۇن، ھامىيلىنىڭ ئەھۋالى تېخى مۇقىملىشىپ بولالمىغان بولۇپ، بەزىبىر تاسادىبىيلىقلار سەۋەبىدىن بالا چۈشۈپ كىتىش ئېھتىماللىقى ھەر ۋاقىت مەۋجۇت؛ %90دىن ئارتۇق كەمتۈكلۈك بار بولغان تۆرەلمە، ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدە تەبىئىي ھالدا شاللىنىپ كېتىدۇ. شۇڭا، كۆپ قىسىم دوختۇرخانىلار، ھامىلدارلىق 12-ھەپتىسىدىن كېيىن ئاندىن ھامىلدار ئايالغا ئارخىپ تۇرغۇزۇشقا باشلايدۇ.
تۇنجى قېتىملىق دائىملىق تەكشۈرتۈشنى قايسى ۋاقىتتا قىلدۇرسا ياخشى؟
   2006-يىلى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، ھامىلدار ئاياللارنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئاز دېگەندە تۆت قېتىم، يەنى 16-ھەپتىسىنىڭ ئالدىدا، 28-24ھەپتىسىدە، 32-30ھەپتىسىدە، 38-36 ھەپتىسىدە تەكشۈرتۈش قىلدۇرۇشنى تەۋسىيە قىلغان.
   بىراق دۆلىتىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ھامىلدار ئايالنىڭ 6+13-6، 6+19-14، 6+23-20، 6+27-24، 6+31-30، 6+36-33، 6+41-27 ھەپتىلىرىدە تەكشۈرتۈش قىلدۇرۇشى ھەمدە يۇقىرى خەۋپ ئامىلى ساقلانغان ھامىلدار ئاياللارنىڭ تەكشۈرتۈش قېتىم سانىنى مۇۋاپىق تۈردە كۆپەيتىشىنى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
   ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، 8-6 ھەپتىلىك بولغاندا، ھامىلدار ئايال دوختۇرخانىغا بېرىپ ھامىلدار بولغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈشى، 20-ھەپتىسىدىن 36-ھەپتىسىگە بولغان ئارىلىقتا ھەر تۆت ھەپتىدە بىر قېتىم تەكشۈرۈش قىلدۇرۇشى، 37-ھەپتىسىدىن باشلاپ ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم تەكشۈرۈش قىلدۇرۇشى، ئالدىن پەرەز قىلىنغان تۇغۇت ۋاقتىدىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ھەر ئۈچ كۈندە بىر قېتىم تەكشۈرۈش قىلدۇرۇشى كېرەك؛ ئەگەر 41 ھەپتىدىن ئېشىپ كەتسە، ھامىلدار ئايالنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ، تېخنىكىلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق مەجبۇرى تۇغدۇرۇشنى قوبۇل قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

بوۋاقلارنىڭ دۈم يېتىشىنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

دۈم ياتقان ۋاقىتتا، بوۋاقلار ئۆزىنى تىرەپ كۆتۈرۈگەندە، ئاندىن ئانىسىنى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى كۆرەلەيدۇ؛ بۇ جەرياندا، بوۋاقنىڭ باش قىس

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号