بالىغا تەربىيە ئىشلەشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتلىرى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5816:قېتىم كورۇلدى
   1. يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغان ۋاقىت. يېڭى ئوقۇش يىلى، يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغان ۋاقىتتا ياكى بالا يېڭى بىر ئوقۇش مۇھىتىغا كىرگەن ۋاقىتتا، ئۇلاردا بىر خىل يېڭىچە ئاڭ، يېڭىچە ئىقتىدار بار بولىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىلار ۋەزىيەتكە قاراپ يىتەكلەش ئېلىپ بارسا، چوقۇم ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيدۇ.
   2. بالا خۇشاللىق تۇيغۇسىدىن ھۇزۇرلىنىۋاتقان ۋاقىت. ئاتا-ئانىلار ئەگەر رىغبەتلەندۈرۈپ تەبرىكلەش ئاساسىدا، بالىغا قارىتا كونكرېتنى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويسا، قانائەتلىنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيدۇ.
   3. بالا ئازابلىنىپ كۆڭلى يېرىم بولغان ۋاقىت. بۇ ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىلار ئەگەر تەشەببۇسكار ھالدا، سۇغۇققانلىق، كەڭ قوساقلىق ۋە ھېسداشلىق قىلىپ پوزىتسىيەسىدا، بالىغا قارىتا چۈشەندۈرۈش بەرسە، بالىدا مىننەتدار بولۇش تۇيغۇسى شەكىللىنىپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ نەسىھىتىنى ئاسانلا قوبۇل قىلىدۇ.
   4. مۇئەللىم ئائىلە زىيارىتىگە كەلگەن ۋاقىت. ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى مۇئەللىمگە سۆزلەپ بىرىشى لازىم؛ بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بالىنى مۇئەللىمگە "چېقىشتۇرۇش" ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۈمىد كۈتكەن ئاھاڭدا بالىلارنىڭ كەمچىلىكلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش لازىم.
   5. بالا قىيىنچىلىققا ياكى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ۋاقىت. بۇ ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىلار بالىنى ئەيىبلەپ ئاچچىقلانماسلىقى كېرەك؛ ئەكسىچە، ئۇنىڭ نەتىجىلىرىنى جەزىملەشتۈرۈپ، يىتەرسىز بولغان تەرەپلىرىنى كۆرسىتىپ بىرىش ئارقىلىق، بالىنىڭ قىيىنچىلىق مەزگىلىدىن ئۆتۈپ كېتىشىگە ياردەم قىلىشى كېرەك.
   6. بالىدا چوڭراق خاتالىق كۆرۈلگەن ۋاقىت. بۇ ۋاقىتتا، بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ توغرا چۈشىنىشىگە ۋە ھېسداشلىق تۇيغۇسىدا بولۇشىغا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولىدۇ؛ كۆپىنچە ۋاقىتلاردا، داۋلى سۆزلەپ قايىل قىلىش، ئاچچىقلىنىپ ئەيىبلىگەنگە قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈم بىرىدۇ.
   7. بالىلاردا مەلۇم بىر ئىشقا قارىتا قىزىقىش شەكىللەنگەن ۋاقىت. ئاتا-ئانىلار، بالىلارنى ئاكتىپ ھالدا قوللاپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ قىزىقىشىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ بىلىم ئىزدىشىگە تۈرتكە بولۇشى ھەمدە ئۇلارنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىغان ئاساستا تەتقىق قىلىشىغا ئىلھام بىرىشى كېرەك.
   8. بىرقەدەر چوڭراق بولغان كوللىكتىپ پائالىيەتكە قاتناشقان ۋاقىت. بۇ ۋاقىت، بالىلارغا قائىدە-تۈزۈمگە رىئايە قىلىشنى، كوللىكتىن ئۈچۈن شەرەپ يارىتىش كېرەكلىكىنى ھەمدە كوللىكتىپ تۇيغۇسىنى يىتىلدۈرۈشنى ئۆگىتىدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسەتتۇر.
   9. باشقىلار ياخشى نەتىجە قازانغان ۋاقىت. بۇنداق ۋاقىتتا، بالىلارمۇ كۆپىنچە كۆڭلىدە "مەنمۇ چوقۇم ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىمەن دەپ" ئىرادە تىكلەيدۇ؛ ئاتا-ئانىلار بۇ پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، بالىغا قارىتا مۇۋاپىق تۈردە نىشان كۆرسىتىپ بىرىشى ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بىر دەملىك قىزغىنلىقىنى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ھەرىكەتلەندۈرۈشكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.
   10. سىرتقا مېھمانغا بارغان ياكى ئۆيگە مېھمان كەلگەن ۋاقىت. ئادەتتە، بالىلار ياخشى گەپلەرنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدۇ ھەمدە باشقىلارنىڭ ئالدىدا يۈزى چۈشۈپ كېتىشنى خالىمايدۇ. شۇڭا بۇنداق ۋاقىتتا، بالىلارنىڭ غۇرۇرىنى قوغداشقا دىققەت قىلىپ، مېھمان ئالدىدا بالىلارنىڭ "يېتەرسىز تەرەپلىرى"نى ئاشكارىلىماسلىق كېرەك ھەمدە بالىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆپرەك سۆزلەپ، كۈتىدىغان ئۈمىدىنى مۇۋاپىق تۈردە ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ.

بوۋاقلارنىڭ دۈم يېتىشىنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

دۈم ياتقان ۋاقىتتا، بوۋاقلار ئۆزىنى تىرەپ كۆتۈرۈگەندە، ئاندىن ئانىسىنى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى كۆرەلەيدۇ؛ بۇ جەرياندا، بوۋاقنىڭ باش قىس

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号