بالا ئىمىتىش توغرىسىدىكى بېلىۋىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8221:قېتىم كورۇلدى
   بوۋاقنى ئانا سۈتى ئىمىتىپ بېقىش جەھەتتىكى بەزى ئىشلارنى، يېڭى تۇغۇتلۇق ئاياللار ۋە ھامىلدار ئاياللار چوقۇم بىلىۋىلىشى كېرەك. ئانا سۈتى ئىمىتىپ باققان بوۋاقلار، سۈت پاراشوكى ئىمىپ چوڭ بولغان بوۋاقلارغا قارىتا تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، قىممەت باھالىق سۈت پاراشوكلىرىنى ۋە باشقا سۈت پاراشوكى ئىمىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋىلىش كەتمەيدىغان بولغاچقا، نۇرغۇنلىغان چىقىملار تىجىلىپ قالىدۇ. بۇندىن باشقا يەنە، ئالاقىدار ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، بوۋاقنى ئانا سۈتى ئىمىتىپ باققاندا، تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ كىيىنچە سۈت بېزى راكى، تۇخۇمدان راكى ۋە بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ئۆسمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گېرىپتار بولۇش خەتىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، سۆڭەك شالاڭشىش كۆرۈلۈش خەۋىپىنىمۇ تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
   بوۋاققا ئانا سۈتى ئىمىتمەكچى بولغان ئانىلار، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئېشىپ كەتكەن بەدەن ئېغىرلىقى ئارقىلىق ئانا سۈتى شەكىللەندۈرىدۇ. بوۋىقىنى 12ئايدىن ئارتۇق ئانا سۈتىدە ئىمىتكەن ئايالنىڭ، يۇقىرى قان بېسىمى، قاننىڭ ماي تەركىبى يۇقىرى بولۇش، يۈرەك كېسەللىكى ۋە دىئابىت كېسەللىكى قاتارلىقلار گىرىپتار بولۇش خەتىرى تېخىمۇ تۆۋەن بولىدۇ.
   ئادەتتە، دادىنىڭ بوۋاققا ئانا سۈتى ئىمىتىشكە تۇتقان پوزۇتسىيىسى، ئانىنىڭ بوۋاققا ئانا سۈتى ئىمىتىش ئىمىتمەسلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى. ئەگەر تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ ھەيىز كۆرۈشى تېخى ئەسلىگە كەلمىگەن بولسا ھەمدە بوۋاققا پەقەت ئانا سۈتىلا ئىمىتىپ باققان بولسا، ئۇنداقتا تۇغۇتتىن كېيىنكى 6ئاي ئىچىدە، ئانىنىڭ بەدىنىدىكى تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىش كەينىگە سۈرىلىدۇ؛ شۇڭا، بوۋاققا ئانا سۈتى ئىمىتىش، تەبىئىي ھەم ئۈنۈملۈك بولغان ھامىلدارلىق ساقلىنىش ئۇسۇلىدۇ.
   ئەگەر دادا ئانىنىڭ بوۋاققا ئانا سۈتى ئىمىتىشىنى قوللاپ بەرسە، ھەمدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشنى ئۈستىگە ئالسا، ئانىنىڭ بوۋاقنى پۈتۈنلەي ئانا سۈتى ئىمىتىپ چوڭ قىلىش ئىمكانىيىتى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ، ھەمدە ئىمىتىش مەزگىلى تېخىمۇ ئۇزۇنغا سوزۇلالايدۇ. بۇنىڭدا، ئائىلە كەيپىياتى تېخىمۇ ئىناقلىققا تولۇپ، ئانىنىڭ ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىنى ياخشى ساقلاپ قېلىشقا تېخىمۇ زىھنى بار بولىدۇ.
   بوۋاق بىلەن بوۋاققا تونۇش بولغان ۋە مۇھەببەتكە تولغان ھامىيسى ئوتتۇرىسىدىكى توختىماستىن ئېلىپ بېرىلىغان تىل، بەدەن ۋە ھېسسىيات جەھەتتىكى ئۇچرىشىش، بوۋاقنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولىدۇ. ئانا بوۋاقنى ئىمىتكەن ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭغا ناخشا ئېيتىپ بەرسە، بوۋاقنى قۇچىقىدا تەۋرىتىپ ئويناتسا، ياكى ئۇنىڭغا بىللە ئوينىشىپ بەرسەر بولىدۇ؛ بوۋاق بۇلارغا ھەقىقەتەن ئېھتىياجلىق بولۇپ، بۇ خىل قىلمىشلار ئۇلارنى يامان ئادەتلەندۈرۈپ قويمايدۇ.
   ئاتا-ئانا بىلەن بوۋاق ئوتتۇرىسىدىكى كۆز ئارقىلىق پىكىرلىشىشمۇ، بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم؛ ئانا بوۋاقنى ئىمىتىش جەريانىدا، ئۇنىڭ بىلەن كۆز ئارقىلىق پىكىرلەشسە بولىدۇ. بوۋاق ئىمىتمەيدىغان دادىلارمۇ، بوۋاققا زاكا ئالماشتۇرۇش ياكى ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ ئوينىشىپ بېرىش جەريانىدا، بوۋاق بىلەن كۆز ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرسا بولىدۇ. ئانا بىلەن دادىنىڭ بوۋاقنى تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ، ئەمما بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ، بۇ خىل ئەھۋال بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە پايدىلىق بولىدۇ.

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر ي

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号