قوزىڭىزنى مۇھەببەت بىلەن تەربىيلەشنى ئۈگۈنىۋىلىڭ

قەلبى پاكىز بولغان ئانىلار، بالىلىرىنىڭمۇ چوڭ بولغاندىن كېيىن پاكىز قەلبىنى ساقلاپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئۇلارغائۈزلۈكسىز ئۇرغۇپ تۇرىدىغان فونتاندەك مۇھەببەتلىك ئەسلىمىلىرىنى قالدۇرىدۇ.

1، ئاتا –ئانا بولۇش ھەم ھاياجانلىق ھەم خوشاللىنارلىق ئىش
ئۆزىگە تەۋە قوزىسى بولۇش نەقەدەر ھاياجانلىنارلىق ئىش ھە، بۇۋاق خىرۇستال كەبى سۈزۈك كۆزلىرى بىلەن بىزگە باققىنىدا، بىز تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگۈسىز بىر خوشاللىقنى ھېس قېلىمىز.
2، ئۆزىگە ئىشەنچ قىلىش
ھەقىقىي مۇھەببەتنىڭ ھەر قانداق بىر پەرزەنت تەربىيەسىدىنمۇ قىممىتى زور بولىدۇ. بۇۋاقنى ھەممىدىن ياخشى پەرۋىش قىلىدىغىنى ئۆز ئاتا-ئانىسى، بالىنى ياخشى تەربىيلەيدىغىنىمۇ يەنىلا ئۆز ئاتا-ئانىسى. ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ. ناۋادا بىزدە ئۆزىمىزگە بولغان تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بولسا، ئۇنداقتا قوزىمىزمۇ رازىمەنلىك ئىچىدە بەخىت ھېس قىلىدۇ.
3، پەقەت ھەقىقي مۇھەببەتكە ئېرىشكەن بالىلارلا باشقىلارغا غەمخورلۇق قىلىشنى بىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا ئاتا-ئانىسىنىڭ مېھرىنى تولۇق ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. بۇ ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ مەجبۇرىيىتى. كۆپىرەك قۇچاقلاش، كۆپىرەك سىلاش، كۆپىرەك يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئىبارەت قىممەتلىك ھەركەتلەر، بۇۋاق بىلەن ئاتا-ئانا ئارىسىدا مۇستەھكەم مۇھەببەتلىك باغلىنىش ھاسىل قىلىدۇ.
4، بۇۋاقلار ئاتا-ئانىسىنى دوراشنى ياخشى كۆرىدۇ
سۈت بىلەن كىرگەن خۇي، جان بىلەن چىقىدۇ دەيدىغان گەپ بار، شۇنىڭ ئۈچۈن نول ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان مەزگىل بالىلارنىڭ خارەكتېر ئادەتلىرىنى يېتىلدۈرىدىغان ئالتۇن دەۋىرى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا ئانىلار ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرىشى كېرەك. بۇ ۋاقىتتىكى بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەر بىر سۆز ھەركىتىنى دورايدۇ.
5، ئاتا ھەم ئانا بالىلارنىڭ ئەڭ ياخشى دوستى
گەرچە ھەممە ئۆيدە تىلېۋىزور ھەم نۇرغۇن ئۇيۇنچۇقلار بار بولسىمۇ، يەنىلا ئاتا-ئانىلار بىلەن بىرگە ئوينىغانغا يەتمەيدۇ. بالىلارغا نىسبەتەن، ئاتا-ئانىسى بىلەن ئويناش ناھايىتى كۆڭۈللۈك بىر ئىش بولۇپ، ئامال بار بالىلارغا كۆپىرەك ھېكايە سۆزلەپ بېرىش كېرەك.

6، ئاچكۆزلۈكتىن خالىي بولۇڭ
بالا بېقىش جەريانىدا، بىلىپ بىلمەي ئاچكۆز بولۇپ قالىمىز. داۋاملىق بالىمىزغا تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى ئۈگۈتۈپ، باشقىلارنىڭ بالىسىدىن ئەقىللىق قىلىۋىتىشنى ئويلايمىز. بىراق بۇ ئاچكۆزلۈك قانچە كۈچەيگەنسېرى، بالىنىڭ كەلگۈسىگە دەخىل قىلىدۇ. بالىلارغا دوستلارچە مۇئامىلە قېلىش،ئارتۇقچە ئۈمىد كۈتمەسلىك،" بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلارنى قېلىپ بەردۇق" دىگەندەك ئويلاردا قەتئىي بولماسلىق كېرەك.
7. ئاتا-ئانا بولۇش ئۈچۈن، ئۈزلۈكسىز تىرىشىش كېرەك
ئاتا-ئانا بولۇش ئۈچۈن، قەتئىي بوشاشماي تىرىشىش كېرەك، يەنى بالىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ، بالا بىلەن ئۈزلۈكسىز پىكىر ئالماشتۇرۇش كېرەك. چۈنكى بالا ئۆزلۈكسىز ئۆسىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بالىنىڭ ئۆسىشىگە ئەگىشىپ، بالىغا بولغان پوزىتسىيەنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ. گويا ئېرىخ. فورماگا " مۇھەببەت ماھارىتى" دە ئېيتقاندەك، مۇھەببەت ئالاقە قانچە قۇيۇقلاشقانسېرى شۇنچە كۈچىيىدۇ. بالا بېقىش جەريانىدا، ئاتا-ئانىنىڭ مېھرىمۇ بارغانسېرى ئېشىپ بارىدۇ. ئۆز بالىسىغىلا ئەمەس، ھەتتا باشقىلارغىمۇ مېھرىبان بولۇپ كېتىدۇ. بۇمۇ بالا مۇھەببىتى ئاتا قىلغان خوشاللىقلارنىڭ بىرى.